لى جەنشۇ موڭغۇلىيە دۆلەتلىك بۈيۈك خۇلارىنىڭ رەئىسى زاندانشاتار بىلەن سۆھبەتلەشتى

日期:2021年04月01日
来源:人民网
【字体:

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 31- مارت بېيجىڭ خەلق سارىيىدا سىن شەكلىدە موڭغۇلىيە دۆلەتلىك بۈيۈك خۇلارىنىڭ رەئىسى زاندانشاتار بىلەن سۆھبەتلەشتى.

لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە مەڭگۈ قەلبداش، مېھىر-مۇھەببەتلىك، مەنپەئەتداش دوستانە قوشنىلاردىن بولۇشى كېرەك. جۇڭگو موڭغۇلىيەنى باشتىن-ئاخىر ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، موڭغۇلىيە بىلەن بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى كۆپەيدى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش كۈچەيدى، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، خەلقنىڭ ھېسسىياتى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسى ۋە تەسىرى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، قوشنا دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى جانلىق شەرھلىدى. كېيىنكى يۇقۇم مەزگىلىنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ قانات يايدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن«ئوتلاق يولى» تەشەببۇسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، جۇڭگو-موڭغۇلىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى موڭغۇلىيە دۆلەتلىك بۈيۈك خۇلار بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك دوستانە ئالاقىنى ساقلىدى. 2014-يىلى پارلامېنتلار قەرەللىك ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىلغاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلدى. بىز يېڭى ۋەزىيەتتە، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە ئالاقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش ۋە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز. بۇنىڭدا، بىرىنچىدىن، جانلىق ئۇسۇل ئارقىلىق، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ، مەخسۇس كومىتېتلار ۋە دوستلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ سىستېما بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق قانۇن ھۆججەتلىرىنى ۋاقتىدا تەستىقلاپ، تۈزىتىپ ياكى ئېلان قىلىپ،«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

زاندانشاتار مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، موڭغۇلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا، موڭغۇلىيە بىلەن جۇڭگو ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى. مەن جۇڭگو 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4- يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. موڭغۇلىيە دۆلەتلىك بۈيۈك خۇلار جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، موڭغۇلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بەيما چىلىن سۆھبەتكە قاتناشتى.