ھىندونېزىيەدە تاغ كەلكۈنى ۋە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكوغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2021年04月07日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندونېزىيەدە تاغ كەلكۈنى ۋە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكوغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھىندونېزىيەدە تاغ كەلكۈنى ۋە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم بولغانلىق ئەھۋالىدىن چۆچۈپ خەۋەر تاپتىم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن، قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە يارىدارلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن.