2021- يىلى ئالاھىدە ئىش ئورنىغا مەملىكەت بويىچە 84 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش پىلانلاندى

日期:2021年04月08日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 7-چېسلا مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى دەۋردىكى يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا «2021- يىللىق يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئىبارەت ئالاھىدە ئىش ئورنىغا ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش پىلانىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا، ئالاھىدە ئىش ئورنىغا مەملىكەت بويىچە 84 مىڭ 330 ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش پىلانلانغان. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2021- يىلى، مەركەزنىڭ «ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى» يەنىلا ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەرگە يۈزلىنىپ يولغا قويۇلۇپ، نۇقتىلىق ھالدا «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»، ئەسلىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى قاتارلىق رايونلارغا مايىللاشتۇرۇلىدۇ؛ نۇقتىلىق ھالدا يېزا مەكتەپلىرىدىن ئىبارەت ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي، تەنتەربىيە، مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت، چەت ئەل تىلى، ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق كەمچىل ۋە ئاجىز پەنلەرگە ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇقلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: چەت، يىراق، جاپالىق، نامرات رايونلار ۋە جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس كەسىپلەرگە ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىشتا، ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىمتىھان بېرىش نىسبىتىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىپ ياكى ئىمتىھان بېرىش نىسبىتىنى تەسىس قىلماي، يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئېلىش، بىۋاسىتە تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئاشكارا تەكلىپ قىلىپ، نەتىجىسىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش چېكىنى بېكىتىش كېرەك. ئالاھىدە چەت، يىراق، جاپالىق ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېقىپ كېتىشى بىر قەدەر ئېغىر بولغان رايونلارنى يەرلىك ئوقۇغۇچى مەنبەسىگە مايىللاشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىنات كاپالىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇپ، ئۈچ يىللىق مۇلازىمەت مۇددىتى توشقان، باھالاشتا لاياقەتلىك بولغان ھەم ۋەزىپىسىدە قېلىشنى خالايدىغان ھەمدە ئالاھىدە ئىش ئورنىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنى ۋاقتىدا ئىشتاتقا كىرگۈزۈپ خىزمەت ئورنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.