مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇھىم ئۇقتۇرۇشى

日期:2021年04月08日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- چېسلا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «قۇرامىغا يەتمىگەنلەر مەكتەپتە قوغدىنىش بەلگىلىمىسى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» توغرىسىدا ئاشكارا پىكىر ئالدى. بۇ بەلگىلىمە ئادەتتىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ شۇ مەكتەپتىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەكتەپتىكى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا تەتبىقلىنىدۇ.

ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرى سۈپىتىدىكى ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئىسىم تەرتىپىنى باشقىلارغا ئاشكارىلىماسلىقى كېرەك

مەزكۇر بەلگىلىمە بويىچە، مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرى سۈپىتىدىكى ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئىسىم تەرتىپىنى باشقىلارغا ئاشكارىلىماسلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش ئەھۋالىنى سىرتقا تەشۋىق قىلماسلىقى كېرەك؛ مۇكاپاتلاش، ياردەم بېرىش، نامراتلارغا ياردەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ خۇسۇسىي ۋە ئائىلە مەخپىيىتىنى باشقىلارغا ئاشكارىلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاشتا، ئاتا-ئانىسىغا ئۇقتۇرۇشى ھەمدە ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىگە ئائىت ئېرىشكەن ئۇچۇرلارنى باشقۇرۇش، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، بۇ ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇشقا، تاشلىۋېتىشكە، قانۇنسىز چىقىرىۋېتىشكە، ئاشكارىلاشقا، تارقىتىشقا ۋە ئېلىپ-سېتىشقا يول قويۇلمايدۇ.

مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىللىرىنىڭ كەسىپ تۈرىگە قاراپ ئوقۇغۇچىلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ

مەكتەپلەر ھەربىر ئوقۇغۇچىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ مىللىتى، ئىرقى، جىنسى، نوپۇسى، كەسپى، دىنىي ئېتىقادى، بىلىم دەرىجىسى، ئائىلە ئەھۋالى، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقى، ئۆگىنىش ئىقتىدارى قاتارلىق ئەھۋاللىرى تۈپەيلىدىن ئوقۇغۇچىلارنى كەمسىتىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلماسلىقى ياكى ئوقۇغۇچىلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلماسلىقى كېرەك.

مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇيۇملىرىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قالسا، تۇتۇپ قېلىش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر مەۋسۇمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك

مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىشى كېرەك، ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە بەرگەندە ۋە ئۇلارنى باشقۇرغاندا،ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكىنى ۋەيران قىلىدىغان ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولمايدۇ. باشقۇرۇش ئېھتىياجىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇيۇملىرىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىشقا توغرا كەلسە، تەسىرى تۈگىگەندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارغا ياكى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك، ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش ۋاقتى بىر ئايدىن ئېشىپ كەتسە، ئاتا-ئانىلارغا ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك. ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر مەۋسۇمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. مەكتەپلەر بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئوقۇغۇچىلاردىن ھەق ئالسا بولمايدۇ، ئوقۇغۇچىلاردىن ۋە ئاتا-ئانىلاردىن پۇل ياكى نەرسە-كېرەك ئىئانە قىلىشنى تەلەپ قىلىش، تاۋار ياكى مۇلازىمەت سېتىۋېلىش، ياكى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ماددىي ياردەم تەلەپ قىلىش ۋە ھەق تۆلەيدىغان مۇلازىمەت قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلىش ياكى شەرت قويۇشقا بولمايدۇ.  

ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇھەببەتلىشىشىنى توسۇش كېرەك

مەكتەپلەر زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھەمدە مەكتەپكە كىرگەن باشقا خادىملارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى توسۇشى كېرەك. ئۇ خىل قىلمىشلار تۆۋەندىكىچە: 1. ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇھەببەتلىشىش مۇناسىۋىتى قۇرۇش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش؛ 2. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدىنىنىڭ مۇئەييەن قىسمىنى سىلاش، قەستەن چېقىلىش قاتارلىق پەسكەشلىك قىلمىشلار؛ 3. ئوقۇغۇچىلارغا پوخۇرلۇق قىلىدىغان، چېقىلىدىغان ياكى جىنسىي بېشارەت بېرىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرنى قىلىش؛ 4. ئوقۇغۇچىلارغا شەھۋانىيلىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى ئۇچۇر، كىتاب-ژۇرنال، فىلىم، ئۈن-سىن بۇيۇمى، سۈرەت ياكى باشقا شەھۋانىي بۇيۇملارنى كۆرسىتىش؛ 5. قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تېما قىلىنغان شەھۋانىيلىق، شەھۋانىي ئۈن-سىن، سۈرەت-يېزىق ماتېرىياللىرى بولۇش؛ 6 . جىنسىي پاراكەندىچىلىك، جىنسىي زىيانكەشلىك پەيدا قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ باشقا جىنايى قىلمىشلار.

مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارغا، ئاتا-ئانىلارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىشنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنى بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.