شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭتۇڭى ئالۋىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2021年04月06日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭتۇڭى ئالۋىغا تېلېگرامما يوللاپ، ئالۋىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سورىدى، ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان پۈتۈن شارائىتلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى باشتىن - ئاخىر پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. مەن جۇڭگو - پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئالۋى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، تېخىمۇ پۇختا بولغان جۇڭگو - پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.