شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

日期:2021年03月31日
来源:天山网
【字体:

ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى قاتارلىقلار بېيجىڭدا مەملىكەتلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسىمەملىكەتلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنى 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان ھەمدە تەقدىرلەنگەن، مۇكاپاتلانغان ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى ۋە ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار جىڭشى مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن بىناسى ئالدى زالىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەرنىڭ ئارىسىغا بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو شېڭكۇن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى، ھەمدە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدە غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ، تۈپتىن ئېيتقاندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىدىن بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشىنى دائىملىق ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو قۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ شياۋدۇ، چېن شى، خۇاڭ كۇنمىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى، جاۋ كېجى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جوۋ چياڭ، جاڭ جۈن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا تەقدىرلەنگەن، مۇكاپاتلانغان ۋەكىللەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى. مەملىكەتلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدىكى ئىلغار كوللېكتىپلار، ئىلغار خىزمەتچىلەر، مۇكاپاتلانغان كادىرلار ۋەكىللىرى يىغىندا ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى.