شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇرۇندى زۇڭتۇڭى، سىرىلانكا زۇڭتۇڭى بىلەن تېلېفونلاشتى

日期:2021年03月31日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كەچتە بۇرۇندى زۇڭتۇڭى ئېندايىشىمىيې بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - بۇرۇندى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلمەكتە، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى مۇستەھكەم، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، خەلقئارا ئىشلاردا زىچ ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا قوللىدى، ئۆزئارا ياردەم بەردى، دوستلۇقى چوڭقۇرلاشتى. جۇڭگو تەرەپ بۇرۇندى تەرەپنىڭ جۇڭگوغا قارىتا دوستلۇق سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. ئىككى تەرەپ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ بۇرۇندى تەرەپ بىلەن بىللە سىياسىي ئالاقىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەلەر ئارا ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، يەرلىك ھۆكۈمەت، ئاقىللار ئامبىرى قاتارلىقلارنىڭ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو - بۇرۇندى مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە قەدەم بېسىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ بۇرۇندىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قوللايدۇ، ئۇل ئەسلىھە تۈرى ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو تەرەپ قۇرغان يېزا ئىگىلىكىدە ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزى ۋە تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، بۇرۇندى تەرەپنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە يېزا - كەنت نوپۇسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگو تەرەپمۇ بۇرۇندى تەرەپ بىلەن بىللە جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

ئېندايىشىمىيې جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى. بۇرۇندى تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇرۇندىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداشقا مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، بۇرۇندى - جۇڭگو ھەمكارلىقى بۇرۇندى خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. بۇرۇندى بىلەن جۇڭگو مەڭگۈ ياخشى دوست، ياخشى قېرىنداش. بۇرۇندى تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار، نەنخەي دېڭىزى قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىلىرىدىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغانلىقىنى قوللايدۇ. بۇرۇندى تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بۇرۇندى - جۇڭگو دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇرۇندى تەرەپ جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى يېڭى بىر نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كەچتە سىرى لانكا زۇڭتۇڭى گوتابايا بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن سىرى لانكا جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - سىرى لانكا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، سىرى لانكا تەرەپ بىلەن بىللە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىنى ياخشى پىلانلاپ، جۇڭگو - سىرى لانكا مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سىرى لانكا تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا داۋاملىق قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش شارائىتىدا، ئاۋىياتسىيە، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى تەدرىجىي قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، ھەمكارلىق يېڭى يولى، يېڭى ساھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئاچىدۇ. جۇڭگو تەرەپ سىرى لانكا تەرەپ بىلەن بىللە كولومبو پورت شەھىرى، خامبانتوتا پورتى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرگە پۇختا قەدەم بىلەن تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، سىرى لانكىنىڭ يۇقۇمدىن كېيىنكى ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن سىرى لانكا سەمىمىي ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىرى. جۇڭگو تەرەپ سىرى لانكىنىڭ جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسىدە قىممەتلىك مەدەت بەرگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، سىرى لانكا تەرەپ بىلەن بىللە بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.

گوتابايا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىرى لانكا تەرەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. سىرى لانكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ سىرى لانكا تەرەپنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ. سىرى لانكا تەرەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش، ئۆرنەك قىلىشنى، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. سىرى لانكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە ئۇل ئەسلىھە، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، كولومبو پورتى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ، بۇنىڭ سىرى لانكىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، سىرى لانكا خەلقىنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.