ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بۇرچ، ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك

日期:2021年03月27日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ قوراللىق ساقچى 2 - جىدۇڭ باش ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بۇرچ، ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك

3-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قوراللىق ساقچى 2 - جىدۇڭ باش ئەترىتىگە بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فۇجوۋ، 3-ئاينىڭ 26-كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارلى شۈەنلياڭ، ليۇ شىن) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 24-كۈنى قوراللىق ساقچى 2-جىدۇڭ باش ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: قوراللىق ساقچى جىدۇڭ باش ئەترىتى قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ جىدۇڭ ئۇرۇش قىلىدىغان مۇھىم كۈچى بولۇپ، بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى مۇھىم، زور. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بۇرچ، ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ قىسىم قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

3-ئايدىكى فۇجيەن تۇپرىقىدا تاغلار يېشىل، سۇلار سۈزۈك بولۇپ، باھار تۈسى نامايان بولۇپ تۇراتتى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 15 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قوراللىق ساقچى 2-جىدۇڭ باش ئەترىتىگە كەلدى. قوراللىق ساقچى 2-جىدۇڭ باش ئەترىتى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا تەڭشەپ تەشكىللەنگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قاتار جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇندىدى. شى جىنپىڭ ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئۇ ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا قىسىمنىڭ مەشىق ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. مەشىق مەيدانىدا مەشغۇلات بۇيرۇقى ئۈزۈلمەي ياڭراپ، كەسپىي قورال-جابدۇقلار گۈرۈلدەپ، ئالدىراش ھەربىي مەشىق مەنزىرىسى نامايان بولۇپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ پارتلىتىشقا قارشى تۇرۇش سايمانلىرىنى مەشغۇلات قىلىش، ئىشلىتىش، خىمىيەلىك قوراللاردىن مۇداپىئەلىنىش، رازۋېدكا قىلىش، تازىلاش، دېزىنفېكسىيەلەش، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىش مەشغۇلاتى، كۆۋرۈك سېلىش قاتارلىق كەسپىي مەشىقلەرنى تەرتىپ بويىچە كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ قۇرۇلۇش ماشىنىسى مەشغۇلاتچىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، ئىلمىي مەشىق قىلىپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى. مەشىق مەيدانىدىن ئايرىلغاندا، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر رەتلىك سەپ تۈزۈپ، رەئىس شى جىنپىڭغا چاس بېرىپ، بىردەك يۇقىرى ئاۋازدا: «پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىمىز، غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلىمىز، ئىستىلدا ئېسىل بولىمىز» دەپ توۋلىدى.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ باش ئەترەتنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كۆپ ۋاسىتىلىك فىلىمنى كۆردى، سىن سىستېمىسى ئارقىلىق باش ئەترەتنىڭ ئالاقىدار ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ قىسىم قۇرۇلۇشى ۋە ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئەھۋالىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىپىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، لايىھە، دەسلەپكى لايىھەنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈچنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى قىلىپ، ھەرقانداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندىمۇ تېز، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، زىممىگە ئالغان ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنداش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەربىي كومىتېتنىڭ ھەربىي مەشىق يىغىنى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇش-ئەمەلىي مەشىق قىلىش، بىرلەشمە ئۇرۇش-بىرلەشمە مەشىق قىلىش، مەشىقنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق كۈچەيتىش، مەشىقنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ خىللاشقان ۋەزىپە ئېھتىياجىغا زىچ يېقىنلىشىپ، قاراتمىلىق مەشىق، ماسلىشىش مەشىقىنى كۈچەيتىپ، بىرىكتۈرۈش-كەسىپلەشتۈرۈش مەشىقىنى كۈچەيتىپ، يېڭى كۈچ، يېڭى قورال-جابدۇق مەشىقىنى كۈچەيتىپ، مەشىقنىڭ سۈپىتى ۋە قاتلىمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، مەشىق ئارقىلىق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش ئەترەت قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى، پىلانىنى تۈزۈپ ياخشى يولغا قويۇپ، قىسىمنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى ۋە ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنىڭ تېز ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قىسىمنىڭ مۇتلەق سادىق، مۇتلەق پاك، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشىغا، مەڭگۈ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئورۇنلاشتۇرما-تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئېلىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۇلنى پۇختىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسنى تۇتۇشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، قىسىمنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ غەم-ئەندىشىسى، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

شۈ چىلياڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.