ئېگىزلىك ئاسمىنىدىكى ئەڭ نۇرلۇق يۇلتۇز

日期:2021年03月04日
来源:天山网
【字体:

− «دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكەنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئېلان قىلىش مۇراسىمىدىن خاتىرە

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «دەۋر نەمۇنىچىسى»نى ئېلان قىلىش زالى، ئاڭلىتىش ئۆيىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئېكرانىدا، «دەۋر نەمۇنىچىسى» دېگەن ئالتۇن رەڭلىك خەتلەر چاقناپ تۇراتتى، «دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكەنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى بۇ يەردە باشلاندى.

لاچىن بايەكە ھايات ۋاقتىدا تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تىزناپ يېزىسى تىزناپ كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، چېگرا قوغدىغۇچى ئىدى. 2021 - يىلى 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئۆسمۈرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، 41 يېشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى.

لاچىن بايەكەنىڭ ھاياتى ۋەتەننىڭ چېگرا مۇداپىئە ئىشلىرىغا بېغىشلاندى. 2004 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەندىن بۇيان، ئۇ ۋەتەنگە بولغان سەمىمىي ساداقىتى بىلەن پامىر ئېگىزلىكىنى چىڭ ساقلاپ، ياشلىق باھارى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن دۆلەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە ھەربىر سۇڭ دۆلەت زېمىنىنى قوغداپ، چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى ۋە شۇ جايدىكى چارۋىچىلار تەرىپىدىن بۇلۇتلار ئارىسىدا چېگرانى قوغداۋاتقان «پامىر بۈركۈتى» دەپ تەرىپلەندى.

چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەش نەمۇنىچىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش

قىزىرىپ تۇرغان چىراي، ساددا تەبەسسۇم، چوڭ ئېكراندا لاچىن بايەكەنىڭ سۈرىتى بارا - بارا نامايان بولدى. «كىشىلەر ئۇنى ئېسىدە چىڭ تۇتتى، سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان سوغۇق مۇز كۆلدە، كۆزلىرىنى يوغان ئاچقىنىچە <بالىنى، ئاۋۋال بالىنى قۇتقۇزۇڭلار> دەپ ۋارقىرىدى، بەدىنى بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەڭ يۇقىرى چەككىچە كۆتۈرۈش ھەرىكىتىنى ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىگىچە داۋاملاشتۇردى...» سەھنە مەركىزىدە مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى ۋاڭ نىڭ لاچىن بايەكەنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى جانلىق بايان قىلدى.

نەق مەيداندا قىسقا سىن فىلىمى قويۇلۇشقا باشلىدى، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان كۆرۈنۈشلەر توختىماي كۆرسىتىلىپ، چېگرانى سادىقلىق بىلەن قوغدىغان، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلىغان بىر چېگرا قوغدىغۇچىسىنىڭ ئوبرازى قايتا نامايان بولدى −

«لاچىن بايەكە ئىلگىرى مېنىڭ ھاياتىمنى قۇتقۇزۇپ قالغان، ئۇ چېگرا قوغدىغۇچى بولغان 16 يىلدا، ئۇنىڭ زادى قانچىلىك ئادەمنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىنى ھېچكىم ئېنىق ساناپ بېرەلمەيدۇ».

«2011 - يىلى قىشتا، قېلىن قار يېغىپ تاغ يولى توسۇلۇپ قالغاچقا، چېگرا مۇداپىئە قاراۋۇلخانىسىدىكىلەر يەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەپ بولدى. 18 كىلومېتىر كېلىدىغان تاغ يولىدا لاچىن بايەكە قېلىن قار كېچىپ، تۆت سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، ئاخىر كەچلىك تاماقتىن بۇرۇن تەمىناتنى قاراۋۇلخانىغا ئاپىرىپ بەردى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئىككى پۇتى ئاللىقاچان سېزىمىنى يوقاتقان، توڭلاپ كالپۇكلىرى كۆكىرىپ كەتكەنىدى».

«بۇلتۇر يۇقۇم سەۋەبىدىن كەنتىمىزدە تېرىلغان ليەنخۇابەينىڭ سېتىش يوللىرى راۋان بولمىدى. لاچىن بايەكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سېتىۋالغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، پىدائىيلىقنى ئۈستىگە ئېلىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كۆكتات يىغىشىغا ياردەم بەردى، ئاخىرىدا ليەنخۇابەينىڭ ھەممىسى سېتىلىپ بولدى».

...

كۆپچىلىك لاچىن بايەكەنىڭ ئىلگىرىكى ئىشلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ، ئۇنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ ئالدى. تور ئارقىلىق ئېلان قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان 110 نەپەر «بۇلۇت تاماشىبىنى» ئېكراننىڭ يەنە بىر تەرىپىدە تەسىرلىنىپ كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي، پات - پات قەغەز بىلەن يۈزىنى سۈرتەتتى.

سادىقلىق بىلەن چېگرانى قوغداش شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش

قىسقا فىلىمنى قويۇش ئارىلىقىدا، لاچىن بايەكەنىڭ قەشقەر داشۆدە تەربىيەلىنىۋاتقان مەزگىلدىكى ياتاقدىشى مۇساجان نۇردۇن، قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە ليەنىنىڭ جىداۋيۈەنى ليۇ شياۋلۇڭ، سابىق قوراللىق ساقچى قىسىم قەشقەر چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك موتورلۇق ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ جىداۋيۈەنى ياڭ سىمىڭ، ھەمدە لاچىن بايەكەنىڭ دادىسى −پېشقەدەم چېگرا قوغدىغۇچى بايەكە كەلدىبك بىر - بىرلەپ سەھنىگە چىقىپ، نەق مەيدان زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ھەممەيلەننى قەھرىمان بىر ئائىلىنىڭ ئاجايىپ ھېكايىسىنى نەق مەيداندا تېخىمۇ چوڭقۇر، ھەقىقىي چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

مۇساجان نۇردۇن 2018 - يىلى لاچىن بايەكە بىلەن تونۇشقانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: لاچىن بايەكە بىلەن تونۇشقان بىرىنچى كۈندىن باشلاپلا، ئۇنىڭ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغانلىقىنى بايقىدىم. «تەربىيەلىنىۋاتقان مەزگىلدە، ھەر كۈنى ئەتىگەندە مۇئەللىم، ساۋاقداشلار كېلىشتىن بۇرۇن، ئۇ ھەمىشە ھۆل لۆڭگە بىلەن دوسكىنى پاكىز سۈرتۈپ، بىر تال بور ئىزىنىمۇ قالدۇرمايتتى. دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئۇ يەنە سىنىپنى توبالاپ، پارتىلارنى بىرمۇبىر سۈرتۈپ چىقاتتى».

ئېگىزلىكتە يىلتىز تارتىپ، ئۈن - تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلاش. لاچىن بايەكەنىڭ ئاتا - بوۋىسىدىن تارتىپ ھېسابلىغاندا، بۇ ئاددىي تاجىك ئائىلىسى 70 يىلدىن بۇيان ۋەتەن ئۈچۈن چېگرانى ساقلاپ، چېگرانى قوغداپ كەلدى. ئۇلار «چېگرا بەلگىسىنى بىر مىللىمېتىرمۇ يۆتكەشكە بولمايدۇ» دېگەن ئېتىقادىنى چىڭ ساقلىدى، ئۇلار ھەققانىيەت يولىدىن قايتمىدى.

2004 - يىلى لاچىن بايەكە مۇقەددەس «كۈچ ئۇلاش تايىقى»نى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، چېگرا قوغدىغۇچى بولدى، ئۇ ئۆزىنى «ھەربىي فورما كىيمەيدىغان چېگرا مۇداپىئە جەڭچىسى» دەپ ئاتايتتى. ئەمەلىيەتتە، ئۇمۇ ئىلگىرى بىر قوراللىق ساقچى قىسىم چېگرا مۇداپىئە جەڭچىسى ئىدى. ھەربىي سەپتىكى چېنىقىش لاچىن بايەكەنى تېخىمۇ قەيسەر قىلدى، شۇنداقلا ئۇنى ئۆز زىممىسىدىكى بۇرچقا قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە قىلدى.

لاچىن بايەكە 2001 - يىلى 12 - ئايدا قوراللىق ساقچى قىسىم قەشقەر چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن، 2003 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن. «ئۇ يېڭى ئەسكەرلەر ليەنىدىكى چاغدا، مەن ئۇنىڭ جىداۋيۈەنى ئىدىم.» ياڭ سىمىڭ مۇنداق دېدى: «تۇنجى قېتىم كۆرگەندە ئۇ ماڭا بويى سەل پاكار، تېنى سەل ئاجىزدەك تەسىر بەرگەنىدى».

ھەربىي ھاياتى باشلانغاندا، لاچىن بايەكەنىڭ مەشىق نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولمىدى. مەيلى جىسمانىي كۈچ جەھەتتىن ياكى ئەسۋاب ئارقىلىق چېنىقىش جەھەتتىن بولسۇن، ھەممىسىدە ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن تۆۋەن ئىدى.

«لېكىن ئۇ بەل قويۇۋەتمىدى، ناھايىتى تىرىشتى، ھەتتا جېنىنى تىكىپ قويدى. ھەر كۈنى كەچتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىگە <ئالاھىدە ۋەزىپە> بېرەتتى.» ياڭ سىمىڭ تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: قىسقىغىنا ئۈچ ئايدىن كېيىن، لاچىن بايەكەنىڭ نەتىجىسى بىر سەكرەپلا تارماق ئەترەت بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. سەپداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئىنتايىن قايىل بولدى.

ئوغلىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سۈرىتىنى كۆرۈپ، كىشىلەرنىڭ ئىلگىرىكى ئىشلار توغرىسىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلاپ، سەھنىدە تۇرغان، چاچلىرى ئاقارغان بايەكە كەلدىبكنىڭ كۆزلىرى نەمدەلدى.

«ئامراق ئوغلۇمدىن ئايرىلىپ قالغىنىمدىن كۆڭلۈم راستتىنلا بەك يېرىم بولدى. لېكىن بۇ خىل ئەھۋال قايتىلانغان تەقدىردىمۇ، مەن ئۇنىڭ يەنىلا قىلچە ئىككىلەنمەستىن بالىنى قۇتقۇزىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن چېگرا قوغدىغۇچى بولغان ۋاقتىمدا، ھاياتىمنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي مۇزلۇق دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن بىر ھەربىي دوختۇرنى قۇتقۇزۇۋالغانىدىم، لاچىن بايەكە بۇ ھېكايىنى بىلەتتى. بىز كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، باشقىلار ياردەمگە موھتاج بولغاندا، جەزمەن ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي ئالدىدا مېڭىشىمىز كېرەك، كىچىكىدىن تارتىپلا مەن ئۇنىڭغا مۇشۇنداق تەربىيە بەرگەن.» بايەكە كەلدىبكنىڭ سۆزلىرىدىن ۋاڭ نىڭ نەچچە قېتىم ئېسەدەپ كەتتى.

قەھرىماننىڭ روھى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدۇ

«ئۇنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى ۋە ئالىيجاناب روھىنى تەشۋىق قىلىش، تەقدىرلەش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى يولداش لاچىن بايەكەگە <دەۋر نەمۇنىچىسى> دەپ تولۇقلاپ نام بېرىشنى قارار قىلدى».

كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، لاچىن بايەكەنىڭ دادىسى، خوتۇنى ھەمدە بىر جۈپ پەرزەنتى مۇكاپات تارقاتقۇچىنىڭ قولىدىن خاتىرە ئىزنىكى ۋە شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇۋالدى.

دادىسىنىڭ ئېغىر سالماققا تولغان بۇ شان - شەرىپىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، لاچىن بايەكەنىڭ قىزى دۇرخان لاچىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «دادام مېنى بېيجىڭ تيەنئەنمېنغا بىللە ئېلىپ بېرىپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىشنى كۆرۈشكە ماقۇل بولغانىدى، بۇ قېتىم مەن ئاخىر ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ياخشى ئوقۇپ، داشۆگە ئۆتۈپ، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولىمەن».

لاچىن بايەكەنىڭ ئوغلى لادىر لاچىن قولىدا دادىسىنىڭ كىيىمىنى كۆتۈرۈۋالغانىدى. لاچىن بايەكە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، بۇ چاپاننى مەخسۇس بېيجىڭغا يىغىنغا بېرىش ئۈچۈن تەييارلىغانىدى، لېكىن ئۇ كىيىشكە ئۈلگۈرمىدى.

«مېنىڭمۇ كېيىن دادامغا ئوخشاش قىسىمغا بېرىپ ئەسكەر بولغۇم بار، ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ قايتىپ كېلىپ يۇرتۇمدا چېگرا قوغدىغۇچى بولىمەن. بۇمۇ دادامنىڭ ئىزچىل ئارزۇسى ئىدى» دېدى لادىر لاچىن جاراڭلىق ئاۋازدا.

لاچىن بايەكەنىڭ ئادەتتە خىزمىتى ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ، ئۆيىدە بولىدىغان ۋاقتى ئاز ئىدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەتتا بىر پارچە ئوپچە سۈرەتكىمۇ چۈشۈپ باقمىغان، بۇ ھەم پۈتۈن ئائىلە كىشىلىرى ئۈچۈن بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولۇپ قالغانىدى. شۇ كۈنى، بالىلارنىڭ ئۇنىڭ كىيىمىنى كۆتۈرۈپ كېلىشى، سەھنىدە مۇشۇنداق شەكىلدە بىر پارچە ئوپچە سۈرەتكە چۈشۈۋېلىش ئۈچۈن ئىدى.

«چاراس - چۇرۇس!» قىلىپ سۈرەتكە تارتىلدى، لاچىن بايەكەنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئەڭ ياقتۇرىدىغان ناخشىسى «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل» ئاستا - ئاستا ياڭرىدى.

«گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل... ئۇ ياشلىق باھارنىڭ قېنى بىلەن سۇغىرىلغان.» چارلاش يولىدا، ھەر قېتىم لاچىن بايەكە چارچاش ھېس قىلغاندا، بۇ ناخشا ھەمىشە ئۇنىڭغا كۈچ - قۇۋۋەت بېغىشلايتتى.

لەرزان ناخشا ساداسى ئىچىدە، ئېلان قىلىش مۇراسىمى ئاستا - ئاستا ئاخىرلاشتى. ئېكراندىكى قايناق ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇرغان، پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىدا يازغان «قۇربىمنىڭ يېتىشىچە خەلق ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن كۆپرەك ياخشى ئىش قىلىمەن» دېگەن سۆزىنى بىر ئۆمۈر ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن لاچىن بايەكەگە ھەممەيلەن تولۇپ تاشقان ھۆرمەت نەزەرىنى ئاغدۇرغىنىچە، نەمۇنىچىنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى جىمجىت ھېس قىلدى.