پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنىڭ سادىق ۋارىسلىرىدىن بولۇشقا ئىرادە باغلاپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، تۆھپە قوشۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى لازىم

日期:2021年03月02日
来源:人民网
【字体:

شى جىنپىڭ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەتلىك مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنىڭ سادىق ۋارىسلىرىدىن بولۇشقا ئىرادە باغلاپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، تۆھپە قوشۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى لازىم

ۋاڭ خۇنىڭ كۇرسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەتلىك مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ 2021-يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى 1-مارت چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە باشلاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كۇرسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەيلى ئىلگىرى، ھازىر ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلى بىزنى قىيىنچىلىقتىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق. ياش كادىرلار پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرى، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنىڭ سادىق تارقاتقۇچىلىرىدىن بولۇشقا ئىرادە باغلاپ، ئىرادىسى، چىدامچانلىقى ۋە ئۆزىنى تىزگىنلەشنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، يېڭى دەۋردە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئالدىدا مېڭىپ تۆھپە قوشۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، تىرىشىپ پارتىيەگە، خەلققە، دەۋرگە مۇناسىپ نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك!

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ كۇرسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتتا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر تەرەپ شۇكى، پارتىيەمىز ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا، بىر يۈرۈش شەرەپلىك ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىلنى يېتىلدۈردى ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇردى. بۇ شەرەپلىك ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىللار پارتىيەمىزنىڭ خاراكتېرى ۋە باش مەقسىتىنىڭ مەركەزلىك گەۋدىلىنىشى، پارتىيەمىزنىڭ باشقا پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگىسى. پارتىيە خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشىمەن دەيدىكەن پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىزچىل جارى قىلدۇرۇشى شەرت.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش تېز بولۇۋاتىدۇ، ئېلىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئۇلۇغ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسى ئوڭۇشلۇق باشلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا يەنىلا نۇرغۇن قىيىن ئۆتكەل ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىمىز. خېيىم-خەتەر قانچە چوڭ، خىرىس قانچە كۆپ، ۋەزىپە قانچە ئېغىر بولغانسېرى پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى شۇنچە كۈچەيتىپ، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق روھنى ئۇرغۇتۇپ، كۈرەش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ئوبراز تىكلەپ، ئەلرايىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەگە سادىق بولۇش كوممۇنىستلارنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي پەزىلىتى. پارتىيەمىز ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلەپ، سانسىزلىغان خېيىم-خەتەر ۋە جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈردى، لېكىن ھەر قانداق قىيىنچىلىق بىزنى يىقىتالمىدى، ھەر قانداق دۈشمەن بىزنى ئاغدۇرۇۋېتەلمىدى، بىز بۇنىڭدا مىليونلىغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ساداقىتىگە تاياندۇق. پارتىيەگە سادىق بولۇشتا بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش شەرت، تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولۇپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق ئەھۋالدا قەلبنى ئۆزگەرتمەي، ئىرادىنى تەۋرەتمەي، ئىستىلنى بۇزماسلىق شەرت. ياش كادىرلار ئەجدادلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەينەك، سەلبىي تىپلارنى ئىبرەت قىلىپ، ئېتىقاد ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى تولۇقلاپ، ئىدىيەدىن ئىبارەت بۇ رولنى چىڭ تۇتۇپ، مۇستەھكەم غايە-ئېتىقاد ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان ھەقىقىي ساداقەتمەنلىكىنى تاۋلىشى؛ سىياسىي جەھەتتىكى چېنىقىشنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا قاتتىق تاۋلىنىشنى قوبۇل قىلىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى بىلەن ئۈستىگە ئالغان خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇشى؛ پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلققە تۆھپە قوشۇشقا ئىرادە باغلاپ، جاپا-مۇشەققەت، قىيىنچىلىق، مۈشكۈل ۋەزىپە، خېيىم-خەتەرنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان ساداقىتىنى ئىزاھلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەمىزنىڭ تارىخى قانداق ۋاقىتتا نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرغاندا، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز غەلىبە قىلغىلى بولىدىغانلىقى؛ ئەكسىچە بولغاندا، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقى، ھەتتا ئېغىر ئەگرى-توقايلىقلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدى. نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى نەزەرىيەنى بىلىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئىدىيەنىڭ چىن مەنىسىنى ئىگىلەشتىن ئىبارەت. ياش كادىرلار ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىلغان نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەيدان، كۆز قاراش، ئۇسۇل، قائىدە، پىرىنسىپ، پەلسەپەۋى مەنىلەرنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى، مەنىسى، ئەھمىيىتى، سەۋەبىنى بىلىشى؛ پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، باشتىن-ئاخىر تولۇق ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ۋاقتىدا يېتىشىپ مېڭىپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسىنى قوللىنىپ ئىدىيەۋى ئۇسۇلنى ياخشىلاپ، ئىدىيەدىكى گاڭگىراشنى ھەل قىلىپ، ئۆز ئىدىيەۋى ئىستىلى ۋە روھىي ھالىتىنى تەكشۈرۈپ، توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى ۋە ھوقۇق قارىشى، نەتىجە قارىشى، كەسىپ قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۆزىنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە مەنىۋى دۇنياسىنى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشتۇرۇشى؛ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان ھالدا كەسىپ ۋە خىزمەتلەرنى پىلانلاپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان چارە، سىياسەت، لايىھەلەرنى ئەمەلىي ئەھۋال، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت، ئىلىم-پەن روھىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئىجادىي خىزمەت ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشقا ئېسىلىۋالماي، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماي، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىشى؛ سەمىمىي ئادەم بولۇش، راست گەپ قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىشنى كىشىلىك ھايات ئەقىدىسى قىلىشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ھەقىقىي تۈردە پۇختا ئىش قىلغىلى، يىراققىچە يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق پارتىيەمىزنىڭ كۈچ مەنبەسى، پارتىيەمىزنىڭ ئاساسى خەلق، جان تومۇرى خەلق، شۇڭا خەلقنى قەلبىمىزدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، باشتىن-ئاخىر پۇقرالارنى قەلبىمىزگە پۈكۈشىمىز كېرەك. كومپارتىيەنىڭ كادىرلىرى «پۇقرالارنىڭ ئەمەلدارى» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنىمۇ پۇقرا دەپ بىلىشى، ئەمەلدار بولدۇم دەپ غوجايىن بولۇۋالماسلىقى كېرەك، بۇ نۇقتىدا ياش كادىرلار باشتىلا ئېنىق ئويلىنىشى، شۇنداقلا ئۆمۈرۋايەت بۇنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ياش كادىرلار مەيلى جەمئىيەتتە بولسۇن ياكى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىشتا بولسۇن، ئالدى بىلەن «مەن كىم، كىم ئۈچۈن ئىشلەيمەن، كىمگە تايىنىمەن» دېگەن مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىپ، «ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەش، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق» روھىي مەنزىلىگە ئۈزلۈكسىز ئىنتىلىشى؛ خەلقنى ئۇستاز تۇتۇپ، كەمتەرلىك بىلەن ئوقۇغۇچى بولۇشى، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدا كۆڭلىدىكى گەپنى دېيىشەلەيدىغان بىر نەچچە دوستنى كۆپرەك تۇتۇشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەشكە، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشكە پايدىلىق بولىدۇ. پارتىيەمىزنىڭ خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەش، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ «جىددىي، قىيىن ئىشى، غەم-ئەندىشىسى، ئارزۇسى»غا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ، كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز كوممۇنىستلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇشتىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى پارتىيەۋىلىكتىن، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھىدىن كەلگەن. ياش كادىرلاردا «ئۆزىنى ھەر ۋاقىت تەكشۈرۈپ تۇرۇش» ئاڭلىقلىقى بولۇشى؛ دائىم پارتىيە نەزەرىيەسى، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىغا، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچقا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىگە سېلىشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىدىكى كەمچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن تۈزىتىشى؛ پارتىيەگە، كەسىپكە، يولداشلارغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بويىچە تەنقىدنى دادىل قانات يايدۇرۇپ، يولداشلارنىڭ كەمچىلىكىنى بايقاپ، خاتالىقىنى تۈزىتىشىگە ياردەم بېرىپ، يولداشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە ئىلگىرىلىشى؛ تەنقىدنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىش كۆكسى-قارنى ۋە جاسارىتىنى يېتىلدۈرۈپ، كەڭ قورساقلىق بىلەن سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، بار بولسا تۈزىتىپ، يوق بولسا ساقلىنىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش __ پارتىيەمىزنىڭ روشەن خىسلىتى. پارتىيەمىز كۈرەشكە تايىنىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلدى، يەنە مۇقەررەر كۈرەشكە تايىنىپ كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قارىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا دۇچ كېلىدىغان خەۋپ-خەتەر ۋە سىناقلارنىڭ ئىلگىرىكىدىن ئاز بولمايدىغانلىقىنى بىلىش لازىم. ياش كادىرلار كۈرەش ئارقىلىق چېنىقىشنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، كۈرەش جەريانىدا كۈرەش قىلىشنى ئۆگىنىپ، كۈرەش جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، يۈكسىلىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، كۈرەش قىلىشقا ماھىر باتۇرلاردىن بولۇشى؛ كۈرەش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، تىز پۈكمەي، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشى، ئازراقلا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا قورقۇپ توختاپ قالماسلىقى، قىيىنچىلىققا يولۇقسا بەل قويۇۋەتمەسلىكى كېرەك. كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، كۈرەش قىلىشنى بىلىپ، كىچىككىنە ئىشلاردىن چوڭ ئىشلارنى بىلىۋېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ھادىسىدىن ماھىيەتنى تونۇپ يېتىپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي يۈزلىنىپ، ئۆزگىرىش ئۈستىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىنىپ، پۇرسەتنى كۆزىتىپ، پايدىلىق پۇرسەتنى كۆزلەپ زىياندىن ساقلىنىشى؛ ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، چوڭ ۋەزىيەت، ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، ئاساسىي زىددىيەت ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسىي تەرىپىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشنىڭ ئېغىر ـ يېنىكلىكى، جىددىي ياكى جىددىي ئەمەسلىكىنى ئېنىق ئايرىپ، سەپنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۈرەشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىشى؛ تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەر ئامىلىنى قەرەللىك ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشى؛ بىر ئىش ئارقىلىق بىر ئەقىل تېپىشقا ماھىر بولۇپ، بۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ، بىرى ئارقىلىق كۆپنى بىلىپ، كۈرەش قىلىشتىكى ھەقىقىي ماھارەت، ھەقىقىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياش كادىرلار جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى قولىغا ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈرەش ھالىتى ۋە مەڭگۈ بوشاڭلىق قىلماسلىق روھىي ھالىتى بىلەن ئېغىر مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، جاپالىق، ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ كۈرەش ئىزىنى قالدۇرۇشى كېرەك. تېجەشلىك، ئاددىي ساددا بولۇپ، ھەشەمەتچىلىكتىن قاتتىق ساقلىنىش __ پارتىيەمىزنىڭ ئەڭگۈشتەرى. ھازىر بىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمىز ياخشىلاندى، لېكىن جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىمىز ئازراقمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئىقتىسادچىللىق بىلەن كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، قاتتىق تېجەشلىك بولۇش، ھەممە ئىشنى ئىقتىسادچىللىق بىلەن بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. ياش كادىرلار ھەر ۋاقىت ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئاكتىپ، ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، راھەتپەرەسلىك، ئىسراپچىلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ پاك-دىيانەتلىك بولۇش سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك.

  چېن شى كۇرسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ ھەقىقەت كۈچى، ئەمەلىيەت كۈچى، كىشىلىك قەدىر-قىممەت كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئۆگىنىش ۋە جارى قىلدۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، خۇاڭ كۈنمىڭ كۇرسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەتلىك مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ 2021-يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى.