پەن - تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن ئۆرلەپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

日期:2021年02月24日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 5 - نومۇر ۋەزىپىسىنى تەتقىق قىلىشقا، سىناق قىلىشقا قاتناشقان خادىملار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ھەم ئاي شارى ئەۋرىشكىسى ۋە ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

پەن - تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن ئۆرلەپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ پائالىيەتكە قاتناشتى

2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 5 - نومۇر ۋەزىپىسىنى تەتقىق قىلىش، سىناق قىلىشقا قاتناشقان خادىملار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئاي شارى ئەۋرىشكىسى ۋە ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 5 - نومۇر ۋەزىپىسىنى تەتقىق قىلىش، سىناق قىلىشقا قاتناشقان خادىملار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى)

2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 5 - نومۇر ۋەزىپىسىنى تەتقىق قىلىش، سىناق قىلىشقا قاتناشقان خادىملار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئاي شارى ئەۋرىشكىسى ۋە ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي چوڭ زالىدا ئاي شارى ئەۋرىشكىسى ۋە ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 5 - نومۇر ۋەزىپىسىنى تەتقىق قىلىش، سىناق قىلىشقا قاتناشقان خادىملار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئاي شارى ئەۋرىشكىسى ۋە ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ چاڭئې 5 - نومۇر ۋەزىپىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاينى تەكشۈرۈش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن ئۆرلەپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، ھەر بىر قەدەمدە ئىز قالدۇرۇپ يۇلتۇزلار ئارا تەكشۈرۈشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ پائالىيەتكە قاتناشتى.

خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي چوڭ زالى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لار ئەتراپىدا، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى يىغىن مەيدانىغا كىرىپ، تەتقىق قىلىشقا، سىناق قىلىشقا قاتناشقان خادىملار ۋەكىللىرىگە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ سۈن جيادۇڭ، لۇەن ئېنجيې قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي چوڭ زالىغا كېلىپ، ئاي شارى ئەۋرىشكىسى ۋە ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئاي شارى ئەۋرىشكىسى، قۇرۇلۇش، تېخنىكا ئايلاندۇرۇش، ئىلىم - پەن نەتىجىلىرى، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە داۋاملاشما تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ پات - پات توختاپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چاڭئې 5 - نومۇر ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىدا «ئايلىنىش، قونۇش، قايتىش»تىن ئىبارەت ئۈچ قەدەم بويىچە مېڭىش پىلانىنىڭ تولۇق تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ قولغا كەلتۈرگەن يەنە بىر مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەت، بۇ، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش مۇساپىسىدىكى مۇھىم ئابىدە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 17 يىلدىن بۇيان، ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىق قىلىپ ياساش قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان بارلىق خادىملار ئارزۇغا ئىنتىلىش، دادىل ئىزدىنىش، ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق يېڭىشتەك ئاينى تەكشۈرۈش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىسىگە ئۈزلۈكسىز ئۆرلىدى، بۇ، خۇشال بولۇشقا ھەم تەرىپلەشكە تېگىشلىك بولۇپ كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ. چەكسىز ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تۆتىنچى قارارىنى ياخشى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەربىر قەدەمدە ئىز قالدۇرۇپ يۇلتۇزلار ئارا تەكشۈرۈشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش كېرەك. يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسى ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشىنىڭ بوشلۇق ئىلمى، بوشلۇق تېخنىكىسى، بوشلۇقتىن پايدىلىنىشتا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، خۇاڭ كۈنمىڭ، ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جيې يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ھەم ئالاقىلەشكۈچىلىرى، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ۋەزىپىگە كاپالەتلىك قىلىش تارماقلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، قۇرۇلۇشتا تۈر تۇرغۇزۇلغاندىن بۇيان ئالتە قېتىملىق تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى. چاڭئې 5 - نومۇر ۋەزىپىسى دۆلىتىمىزنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، تېخنىكا ھالقىش دەرىجىسى ئەڭ زور بولغان ئالەم قاتنىشى سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، 2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تۇنجى قېتىم دۆلىتىمىزنىڭ يەر سىرتىدىكى ئاسمان جىسىملىرىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەلگۈسىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئاي شارى ۋە سەييارىلەرنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشىغا مۇستەھكەم ئاساس سالدى.