2021-يىللىق مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتى ئېلان قىلىندى

日期:2021年02月22日
来源:天山网
【字体:

2021-يىللىق مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتى ئېلان قىلىندى

يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 21-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خۇ لۇ، يۈ ۋېنجىڭ) 21-ئەسىردىن بۇيانقى 18-قېتىملىق «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىنى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن ئېلان قىلدى.

بۇ ھۆججەتنىڭ تېمىسى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكرى» بولۇپ، تولۇق تېكىستى جەمئىي بەش بۆلەكتىن تەركىب تاپقان، بۇ: ئومۇمىي تەلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش، پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھۆججەتتە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «14-بەش يىل» مەزگىلى ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلانغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلغان بىرىنچى بەش يىل. مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتە جەزمەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق قارىدى: يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم، بىردەممۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، جەزمەن چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش كېرەك. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ۋەزىپە قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، كەڭ دېھقانلارنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

ھۆججەتتە مۇنداق بېكىتىلدى: يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ كەسىپلىرىنى، ئىختىساسلىقلىرىنى، مەدەنىيىتىنى، ئېكولوگىيەسىنى، تەشكىلاتلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش، ئېكولوگىيە توسۇقى بولۇش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق فۇنكسىيەلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، شەھەرلەر بىلەن يېزىلار بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان، ماس تەرەققىي قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان يېڭىچە سانائەت-يېزا ئىگىلىكى، شەھەر-يېزا مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي-باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.