يولداش شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدا» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

日期:2021年02月22日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 21-كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن يولداش شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدا» ناملىق كىتابى يېقىندا مەركىزىي ھۆججەت، ماتېرىيال نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

بۇ مەخسۇس تېمىلىق ئەسەرلەر توپلىمىغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم قول يازمىسىدىن 40 پارچىسى كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم قول يازمىلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

تارىخ ئەڭ ياخشى دەرسلىك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلغان شانلىق مۇساپىسىنى سىستېمىلىق ئەسلەپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللەردە ياراتقان نەزەرىيە نەتىجىلىرى، توپلىغان قىممەتلىك تەجرىبىلىرى، تاۋلىغان ئۇلۇغ روھىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، پارتىيەنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىگە قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسىنى، ئىنسانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەمىنلىگەن جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا نەزەر سالدى. بۇ مۇھىم بايانلارنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدا» ناملىق كىتابىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.