پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك

日期:2021年02月22日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسىپارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەۋقەنى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخىي يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشقا ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە جاسارەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىز ئەزەلدىن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلى ئارقىلىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەش، پارتىيەنىڭ ئەمەلىي ئىجادىيىتى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ، پەزىلەتنى تاۋلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى تەبرىكلىنىۋاتقان مۇھىم، زور پەيتتە، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نۇقتىسىدا، پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇش دەل ۋاقتىدا بولدى، بۇ ئىنتايىن زۆرۈر.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەمىزنىڭ 100 يىلى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن 100 يىل، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئۇل سېلىپ نەتىجە ياراتقان 100 يىل، شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ كەلگۈسىنى ئاچقان 100 يىل. ئۆتكەن كۈرەش قىلىش يولىنى ئەسلەپ، ئالدىمىزدىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يولىغا نەزەر سالساق، جەزمەن پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى يەكۈنلەپ، پارتىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئېتىقاد، ئەقىدىنى چىڭىتىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، بۇ خىزمەت توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىزنىڭ تارىخى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش تارىخى، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيە يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش تارىخى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز ئىدىيەدە ئازاد بولۇش بىلەن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنىڭ بىرلىكىدە، دەسلەپكى ئاساسنى پۇختىلاش بىلەن توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلمىي نەزەرىيەۋى يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن پارتىيەنى پارتىيەنىڭ ئاجايىپ مۇساپىسىدىن ماركسىزمنىڭ قانداق قىلىپ جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتكەنلىكى، دۇنيانى ئۆزگەرتكەنلىكىنى چۈشىنىشكە، ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت كۈچىنى ھېس قىلىشقا، جۇڭگوچىلاشقان ماركسىزمنىڭ ھەم تومۇرداش بولغان ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان نەزەرىيەۋى خىسلىتىنى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش مۇساپىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 100 يىللىق كۈرەش قىلىش داۋامىدا، پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر ماركسىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى بويىچە تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشنى تەھلىل قىلىپ ۋە ئىگىلەپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، تۈرلۈك تارىخىي پۇرسەتنى تۇتۇش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشقا ماھىر بولدى. پۈتۈن پارتىيەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى كۆڭلىگە پۈكۈشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، چوڭ تارىخىي قاراشنى تۇرغۇزۇپ، تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنى، دەۋر دولقۇنى، يەر شارىۋى ۋەزىيەتتىن ئۆزگىرىش مېخانىزمىنى تەھلىل قىلىپ، تارىخىي قانۇنىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مۇناسىپ ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىزمەتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكلىكى، ئىجادىيلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق تارىخى پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش تارىخى، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قەلبداش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇش تارىخى. تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر، خەلق رايىنى مايىل قىلىش - قىلالماسلىق پارتىيەنىڭ ھايات - ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك. خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەندە، پارتىيە ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيدۇ، ھەممىدە غەلىبە قىلالايدۇ. پۈتۈن پارتىيەنى پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىنى چوڭقۇر تونۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنى قەلبنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئورنىغا قويۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پۈتۈن خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق بېيىشتا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ قىلىپ مۇجەسسەملەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىزنىڭ قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلىگەنلىكىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر نۇقتا ئۈزلۈكسىز تۈردە تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، قابىلىيەتنى ئۆستۈرگەنلىكى، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، خىرىسنى كۈتۈۋېلىش، خەۋپ - خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى - سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەنلىكىدۇر. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش قىيىن بولغان تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇشتا، جەزمەن تارىختىن ئىلھام ئېلىپ، تارىخىي تەجرىبىلەردىن دۈشمەننى يېڭىپ غەلىبە قىلىش ئەڭگۈشتەرىنى تاۋلاپ چىقىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تۈگۈن نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنى چىقىش قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىلدە خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇشتىكى مول تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، تەتبىقلاپ، تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە بىرقەدەر ئۇزاق ۋاقىت تاقابىل تۇرۇش ئىدىيە تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا كۈرەش قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش تەجرىبىسىنى بېيىتىپ، كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخى يەنە پارتىيەمىزنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ئۈزلۈكسىز ساقلاپ، پارچىلىۋېتىش، چىرىكلەشتۈرۈۋېتىش خەۋپىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالدىنى ئېلىش تارىخى. پۈتۈن پارتىيەنى تارىخىي تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، چىرىكلىشىشنى رەت قىلىپ، ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 100 يىللىق ئاجايىپ كۈرەش قىلىش مۇساپىسىدە، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدىغان زور بىر تۈركۈم ئىنقىلابىي قۇربانلار، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىدىغان زور بىر تۈركۈم قەھرىمان شەخسلەر، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئۆزىنى بېغىشلايدىغان زور بىر تۈركۈم ئىلغار نەمۇنىچىلار بارلىققا كېلىپ، بىر قاتار ئۇلۇغ روھنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنى تۇرغۇزۇپ، بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىمىزنى مول ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن پارتىيەنى قىزىل ئەنئەنىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىنقىلابچىلارنىڭ قورقماس كۈرەش قىلىش روھىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتەك كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش پارتىيەنىڭ جېنى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق چوڭ پارتىيەگە ئايلىنىپ، ئەسىر ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىشىنىڭ ئاچقۇچى. پۈتۈن پارتىيەنى پارتىيە تارىخىدىن ئىجابىي ۋە سەلبىي ئىككى جەھەتتىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا توغرىلىنىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش. پۈتۈن پارتىيە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيەۋى يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە، يۇقىرى سۈپەتلىك ئورۇندىشى كېرەك. بىرىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، ئاساسلىق رەھبىرىي يولداشلار ئۆزى تۇتۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە تەلەپلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ساھە، سىستېمىلارغا مەسئۇل تارماقلارنىڭ پارتىيە گۇرۇپپا(پارتىيە كومىتېت)لىرى قاراشلىق رايون، تارماق ۋە ئورۇنلارغا بولغان ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قايسى قاتلام ۋە ئىش ئورنىدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىپ، ئۆگىنىشتىن تەپەككۇر ھاسىل قىلىش، ئۆگىنىشتىن چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، ئۆگىنىشتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىككىنچى، توغرا بولغان پارتىيە تارىخى قارىشى تۇرغۇزۇش كېرەك. پارتىيەمىزنىڭ تارىخىي مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىككى قارارى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار روھىنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي تېمىسى، ئاساسىي لىنىيەسى، ئاساسىي ئېقىمى، ماھىيىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، پارتىيە تارىخىدىكى مۇھىم، زور ۋەقەلەر، مۇھىم يىغىنلار، مۇھىم شەخسلەرنى توغرا تونۇش ۋە ئۇنىڭغا ئىلمىي باھا بېرىش كېرەك. بايراق روشەن ھالدا تارىخىي ئىنكارچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە نەزەرىيە جەھەتتىن تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەپ روھ يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ھەقىقىي تۈردە ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، رېئاللىققا كۆڭۈل بۆلۈش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى خىزمەتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە نەتىجە - ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇپ، ئۆگىنىش ۋە خىزمەتتە «ئىككى ياقلىمىلىق» بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تۆتىنچى، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ماركسىزملىق ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆگىنىش تەلىپى، ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەزمۇن، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەركەزلىك ئۆگىنىش بىلەن ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بەلگىلەنگەن ھەرىكەت بىلەن ئۆزى تاللىغان ھەرىكەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئالاھىدىلىكى روشەن، شەكلى كۆپ خىل بولغان ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەتتە پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى تەشۋىقات - تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە تارىخى تېمىسىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى، بولۇپمۇ كىنو - تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشقا ئىلھام بېرىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، قىزىل گېنغا، ئىنقىلاب مەشئىلىگە ئەۋلامۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلدۇرۇش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، نەزەر دائىرە كەڭ، ئىدىيە چوڭقۇر بولۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى چوڭقۇر شەرھلەنگەن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە خىزمەت تەلىپى چوڭقۇر شەرھلەنگەن، بۇ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىش بولۇپ، بىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەۋى تونۇش ۋە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئۆگىنىش تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلار، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەر، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.