شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن تېلېفونلاشتى

日期:2021年02月12日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى جۇڭگو دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن تېلېفونلاشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگونىڭ كالا يىلىدىكى چاغىنىنى ئۆزئارا مۇبارەكلىدى ھەم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

بايدېن جۇڭگو خەلقىنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلىدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ چاغاننى خۇشال ئۆتكۈزۈشىگە، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. شى جىنپىڭ بايدېننىڭ ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى رەسمىي ئۈستىگە ئالغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى ھەم جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ چاغىنىنىڭ خۇشال - خۇرام ئۆتۈشىنى، كالا يىلىنىڭ قۇتلۇق بولۇشىنى تىلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتا، خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئىش جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى بولدى. گەرچە بۇ مەزگىلدە نۇرغۇن ئەگرى - توقايلىق ۋە قىيىنچىلىقلار باشتىن كەچۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەش بولدى، شۇنداقلا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىلدى، يەنە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقى ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، ئېلىشىشى ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق، ھەمكارلىق ئىككى تەرەپنىڭ بىردىنبىر توغرا تاللىشى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت ۋە دۇنياغا پايدىلىق نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ قارشىلىشىشى ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيا ئۈچۈن مۇقەررەركى بىر مەيدان ئاپەت ھېسابلىنىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى مۇھىم ئۆتكەلدە تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. سىز ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى مۇمكىنچىلىك، دېگەن. بۇ خىل مۇمكىنچىلىكنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى دۆلەت ئورتاق تىرىشىپ، بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، توقۇنۇشماسلىق، قارشىلاشماسلىق، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇپ، تىزگىنلەپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بەزى مەسىلىلەردە ئوخشاش بولمىغان قاراشلاردا بولىدۇ، ئاچقۇچلۇقى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ، ئىجابىي ئۇسۇل ئارقىلىق مۇۋاپىق باشقۇرۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە تارماقلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى كەڭ دائىرىدىكى مەسىلىلەر ھەمدە مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرسا بولىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، قانۇن ئىجرا قىلىش، ئارمىيە قاتارلىق تارماقلىرىمۇ كۆپرەك ئۇچرىشىشنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ھەر خىل سۆزلىشىش مېخانىزمىنى قايتىدىن ئورنىتىپ، بىر - بىرىنىڭ سىياسەت مۇددىئاسىنى توغرا ئىگىلەپ، خاتا چۈشىنىش، خاتا ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. قايسىلىرىنىڭ ئىختىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىپ، ئىنتايىن ياخشى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش كېرەك؛ قايسىلىرىنىڭ ھەمكارلىق ئەھمىيىتى بولسا، ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىق يولىغا مېڭىش كېرەك. تەيۋەن مەسىلىسى، شياڭگاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە مۇناسىۋەتلىك، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىرقى ئېنىقسىزلىققا تولغان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالاھىدە خەلقئارا مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. ئىككى تەرەپ دۇنيا ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تارىخىي تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

بايدېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئۇزاق تارىخقا ۋە ئۇلۇغ مەدەنىيلىككە ئىگە دۆلەت، جۇڭگو خەلقى ئۇلۇغ خەلق. ئامېرىكا - جۇڭگو ئىككى دۆلەت توقۇنۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق كەڭ ساھەلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ. ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش روھى بويىچە، سەمىمىي ۋە ئىجابىي سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خاتا چۈشىنىشتىن، خاتا ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنىشنى خالايدۇ.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بۈگۈنكى سۆزلىشىش دۇنياغا ئاكتىپ سىگنال تارقىتىدۇ، دەپ قارىدى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا قويۇق ئالاقىنى ساقلاشقا قوشۇلدى.