شى جىنپىڭ گېرمانىيە، فىرانسىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

日期:2020年12月31日
来源:天山网
【字体:

جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى قەرەلىدە تاماملايدىغانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدى

12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى قەرەلىدە تاماملايدىغانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى قەرەلىدە تاماملايدىغانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كەچتە بېيجىڭدا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى قەرەلىدە تاماملايدىغانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2020 - يىلى دۇنيا ۋە جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىنتايىن ئالاھىدە بىر يىل بولدى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا كەڭ تارقىلىشى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى چوڭقۇر گىرەلىشىپ، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى بارغانسېرى كۆپەيدى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. ئىككى تەرەپ بۇ يىل ئىچىدە جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى تاماملاش كۆزلىمە نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەڭپۇڭ، يۇقىرى سەۋىيەلىك، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى، بۇ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشىنى تېخىمۇ چوڭ بازار ئىجازىتى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىجارەت - سودا مۇھىتى، تېخىمۇ كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پارلاق ھەمكارلىق ئىستىقبالىغا ئىگە قىلىدۇ، شۇنداقلا يۇقۇمدىن كېيىنكى مەزگىلىدە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى ۋە ئەركىن سودىغا بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بازارنىڭ مۇھىم تۆھپىسىنى قوشىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىشى ياۋروپا ۋە دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ بازار پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، تېخىمۇ چوڭ ھەمكارلىق بوشلۇقى يارىتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ ئەركىن سودا ۋە كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئوچۇق، ئادىل، كەمسىتىش بولمىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2021 - يىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى پۈتۈن يەر شارىدىكى ئىككى چوڭ كۈچ، ئىككى چوڭ بازار، ئىككى چوڭ مەدەنىيلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، دۇنيا تىنچلىقى، تەرەققىياتىنىڭ ھەمكارلىشىپ بەرپا قىلغۇچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈشى، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

بىرىنچى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك. ۋاكسىنىنىڭ يەر شارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلات سۈپىتىدە ئادىل تەقسىملىنىشى، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئىككىنچى، ئىقتىسادنىڭ قايتا جانلىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سىياسەت جەھەتتىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ بالدۇرراق توغرا يولغا قايتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش كېرەك. سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى زورايتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياۋروپا - ئاسىيا ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رەقەم ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى مۇھاكىمە قىلىش كېرەك.

تۆتىنچى، يېشىل تەرەققىياتنى تېزلىتىش كېرەك. جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇھىت ۋە كىلىمات يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، تەبىئەتنى قوغداش خەلقئارا يىغىنى ئۆتكۈزۈشىنى ئۆزئارا قوللاش كېرەك.

بەشىنچى، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ قەرزنى كېچىكتۈرۈش تەشەببۇسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئافرىقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ۋە تەرەققىياتىنى قوللاپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بۇ يىل ياۋروپا ئىتتىپاقى - جۇڭگو قويۇق يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، جۇغراپىيەلىك بەلگە كېلىشىمى قاتارلىق بىرقاتار مەسىلىلەردە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۈگۈن بىز ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى - جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئورتاق جاكارلىدۇق، بۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى، ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. بۇ، دۇنياغا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو ئارىسىدا بەزى مەسىلىلەردە ئىختىلاپ مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى - جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى يۇقىرى سەۋىيەلىك بولدى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو كۆپ تەرەپچىللىكنى قوللايدۇ، كۈچلۈك بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى - جۇڭگو مۇناسىۋىتى بۈگۈنكى دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان يەر شارىۋى خىرىسنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق. ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەمدە ئافرىقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللانغان مۇھىم، زور تەدبىرلىرىنى ئالقىشلايدۇ، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتى قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق زىچ ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۆزئارا يېڭى يىللىق سالام يوللىدى، يېڭى بىر يىلدا قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇھىم، زور ئالاقە قارالمىلىرىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئورتاق بىلدۈرۈشتى.

ليۇ خې، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار ئۇچرىشىشقا قاتناشتى.