جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

日期:2019年02月04日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:


شى جىنپىڭ سۆز قىلدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلىدى

لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ،ۋاڭ چىشەن قاتناشتى


2- ئاينىڭ 3- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2019- يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)


2- ئاينىڭ 3- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2019- يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار پايتەختتىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن خۇشال- خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، چاغاننى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 3- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋۇ جىن، شى جىڭنەن). جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 2- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 2019- يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلىدى.

پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى، لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالى چىراغلار چاقناپ، ئىللىق كەيپىياتقا چۆمگەنىدى، ھەر ساھەدىكى زاتلاردىن 2000 دىن ئارتۇق كىشى خۇشال- خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، چاغاننى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى، خۇشال كۈلكە سادالىرىغا بايراملىق شادىيانە كەيپىيات مۇجەسسەملەنگەنىدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى زالغا كىردى، پۈتۈن زالدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مېۋىلىك دەرەخ ئەتىيازدا چېچەكلەپ، كۈزدە مېۋە بېرىدۇ، مول ھوسۇل ئېلىنىدۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا، بىز ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا جاسارەت بىلەن ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ، نۇرغۇن ئەگرى- توقايلىقلاردىن ھالقىپ، كۆپلىگەن شىددەتلىك ئېقىن، خەتەرلىك ساھىللارنى كېزىپ ئۆتتۇق، ناھايىتى جاپا چەكتۇق، ھەم ناھايىتى مەنىلىك ئۆتكۈزدۇق، ئەجىر سىڭدۈردۇق، شۇنداقلا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق. دۆلىتىمىز ئىقتىسادى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭى قەدەم تاشلاندى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ نەتىجە- ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭى سەھىپە پۈتۈلدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقى ساقلاندى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى سىجىل كۈچەيدى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بىزنىڭ پارتىيەمىز، بىزنىڭ دۆلىتىمىز، بىزنىڭ خەلقىمىز كۈرەش قىلىش داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچ ۋە جاسارەتكە ئېرىشتى، تېخىمۇ كەسكىن، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ داغدام يولىدا ماڭدى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ تۆھپىسى خەلققە مەنسۇپ. پەقەت بىز خەلققە يېقىندىن تايانساقلا، يېڭەلمەيدىغان قىيىنچىلىق، توسالغۇ يوق، ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدىغان ھېچقانداق ئۇلۇغۋار ئىش يوق.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چاغان كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالىدىغان گۈزەل پەيت، ھەمىشە كىشىلەرگە يېڭى ئارزۇ- ئىستەكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ يىل بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. يېڭى مۇساپىدە يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى بولىدۇ، يەنە يېڭى خەۋپ- خەتەر، خىرىسمۇ بولىدۇ. بىز يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تاماملاش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ھەممە شادلىققا چۆمۈپ، بۇ كېچە جەم بولۇشتۇق، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىپ، كونا يىلنى ئۇزاتتۇق». بىر يىل ئالدىراشچىلىقتا ئۆتتى، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە چاغانلىق جەم بولۇش تامىقى يەپ، يېڭى يىلنى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىپ، ئائىلە شادلىقى، تۇرمۇش گۈزەللىكىدىن بەھرىمەن بولىدىغان چاغ كەلدى. ئائىلىدە ۋاپادار بولۇش، دۆلەتكە سادىق بولۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. بىز پۈتۈن جەمئىيەتتە زور كۈچ بىلەن ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزملىق، سوتسىيالىزملىق روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئائىلىنى سۆيۈش بىلەن دۆلەتنى سۆيۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەربىر كىشى، ھەربىر ئائىلىنى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغان قىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قەدىمدىن بۇيان، جۇڭگولۇقلار ياشانغانلارغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش، تۇغقانلارغا كۆيۈنۈشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن، ئۆز ئائىلىسىدىكى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۇلارغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش بىلەن بىللە، باشقىلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ياشانغانلارنىڭمۇ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۇلارغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى، ئۆز پەرزەنتلىرىنى بېقىش، تەربىيەلەش بىلەن بىللە، باشقىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ بېقىش، تەربىيەلەشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. دۆلىتىمىز قېرىلىشىش جەمئىيىتىگە قەدەم قويدى. ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ياشانغانلارنىڭ يۆلىكى بولۇش، ياشانغانلارنىڭ خۇشاللىقى بولۇش، ياشانغانلارنىڭ خاتىرجەملىكى بولۇش جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. بىز پۈتۈن جەمئىيەتتە ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ياشانغانلار ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، بارلىق ياشانغانلارنى ئاخىرقى ئۆمرىنى بەختلىك، خۇشال ئۆتكۈزەلەيدىغان قىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى داۋاملىق بەرپا قىلىشى كېرەك.

كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىدا، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ھال- ئەھۋال سوراشتى، چاغانلىق بەخت تىلەشتى. ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە پېشقەدەم يولداشلار كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى.

كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىغا قاتناشقانلاردىن يەنە مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ھەم بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملار ھەم پايتەختتىكى ھەر ساھە زاتلار ۋەكىللىرى بار.