شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيە ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە خىزمىتى يىغىنى ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى

日期:2020年12月07日
来源:天山网
【字体:

12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا پۈتۈن ئارمىيە ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە خىزمىتى يىغىنىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارلى شۆيۇڭ، لى شۈەنلياڭ) پۈتۈن ئارمىيە ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە خىزمىتى يىغىنى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 4 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بارلىق يىغىن ۋەكىللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، پۈتۈن ئارمىيە ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەپ، كۆپچىلىككە سەمىمىي سالام يوللىدى.

12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4لەردە، شى جىنپىڭ جىڭشى مېھمانسارىيىغا كېلىپ، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە بارلىق يىغىن ۋەكىللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

بۇ قېتىمقى پۈتۈن ئارمىيە ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە خىزمىتى يىغىنىدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەلىپى ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان ئىدىيەۋى - سىياسىي رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش چۆرىدىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە سىستېمىسى كۈچەپ بەرپا قىلىنىپ، تەربىيەلەش ئىدىيەسى، مەزمۇنى، ئۇسۇلى، كۈچى، خىزمىتىنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە تۈزۈم - مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەسىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش كۈچلۈك ئىدىيەۋى - سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەندى.

شۈ چىلياڭ، جاڭ يوۋشيا، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن قوبۇل قىلىشقا قاتناشتى.

جاڭ يوۋشيا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيە جەھەتتىن، سىياسىي جەھەتتىن ئارمىيە قۇرۇشىنى كۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتىكى سىياسىي يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ نېگىزنى چىڭ تۇتۇپ، ئاممىغا تايىنىپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھەرىكەتتە ئۈلگە بولۇشتەك ئۈلگە تىكلەپ يېتەكلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن گەۋدە بويىچە تەربىيەلەشنى تۇتىدىغان، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ تەربىيەلەشنى تۇتىدىغان چوڭ ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئارمىيەمىزنىڭ ئىدىيىۋى - سىياسىي تەربىيەسىنىڭ زور يۈكسىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ سىياسىي خىزمەتكە مەسئۇل رەھبەرلىرى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەرقايسى چوڭ ئورۇنلارنىڭ جېڭۋېيلىرى ھەم سىياسىي خىزمەت تارماقلىرىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.