دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «13- بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش، «14- بەش يىل»نى ئىلمىي پىلانلاش كېرەك

日期:2020年12月04日
来源:新疆日报
【字体:

چېن چۈەنگو تۇرپاندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «13- بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش، «14- بەش يىل»نى ئىلمىي پىلانلاش كېرەك

12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو تۇرپان شەھىرىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو تۇرپان شەھىرى ئوۋبەي ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى چەكلىك شىركىتى ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتىدا، كارخانىنىڭ مەھسۇلات سېتىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىمەكتە. (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو تۇرپان شەھىرىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «13 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، «14 - بەش يىل»نى ئىلمىي پىلانلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىدە، چېن چۈەنگو نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ كۈندىلىك ئايلىنىشى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: خادىملارنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش ماددىي ئەشيالىرى زاپىسىنى ياخشى ئىشلەپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە سۈپەتنى كونترول قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو خۇاديەن ئىدىقۇت تېرمو ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، 350MW×2 سوۋۇتۇش، ئىسسىتىش، توكنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، بىرلەشتۈرۈپ تەمىنلەش تۈرى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: قەتئىي تەۋرەنمەي يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە يېڭى تېخنىكىدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئايلانما ئىقتىساد، تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىساد، يېشىل ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈم، ئېكولوگىيە ئۈنۈمىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

تۇرپان شەھىرى ئوۋبەي ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى چەكلىك شىركىتى يېزا - كەنت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، شىركەت بىلەن دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ قوش پايدا ئېلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. چېن چۈەنگو كارخانىنىڭ مەھسۇلات سېتىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، كارخانا مەسئۇللىرىنى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىگىلىك تىكلەپ، كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

يار بازىرى خۇڭشىڭ تەۋەلىك رايونىدىكى گۇەنشياڭ مەسچىتىدە، چېن چۈەنگو دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنلارنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دىن ساھەسىدىكى كەڭ زاتلار ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.

ئۈزۈمچىلىك بازىرى مۇنار مەھەللىسىدە، چېن چۈەنگو ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە تۇرسۇن ئابدۇگۈلنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئائىلە كىرىمى، داۋالىنىش، ئوقۇش، تۇرالغۇ كاپالىتى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي سوراپ، ئۇلارنى داۋاملىق تىرىشىپ، ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ، كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ بېيىپ، بەختلىك كۈنلىرىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

چېن چۈەنگو تۇرپان مۇزېيىغا كېلىپ، تۇرپاننىڭ ئادىمىيەت تارىخى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، پايدىلىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغداپ، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىپ، تارىخنى سۆزلىتىپ، تارىخ ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت بالدۇر» تەدبىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەم، ماددىي ئەشيالارنىڭ تەڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنى تەڭ تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە بوشاشماسلىق، تەدبىردە بوشاشماسلىق، مېخانىزمدا بوشاشماسلىق، مەسئۇلىيەتتە بوشاشماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ساياھەت، ئۈزۈم ھارىقى قاتارلىق خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەپ، قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش تۈزۈم - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تەرتىپلىك يۆتكەپ، سىرتقا چىقىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، مۇقىملىق پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى باشلاش، ياخشى قەدەم ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ سۇشې قاتارلىقلار بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.