ياش كادىرلار ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان بولۇشى كېرەك

日期:2020年10月12日
来源:新疆日报
【字体:

شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ياش كادىرلار ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان بولۇشى كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، 2020 - يىلى كۈز مەۋسۇمىلىق مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇش باشلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى2020 - يىلى كۈز مەۋسۇمىلىق مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇش باشلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارىخ ھەمىشە مەسىلىنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىش داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلاب قىلىشى، قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشى، ئىسلاھاتنى تۇتۇشىنىڭ ھەممىسى دۆلىتىمىزدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈندۇر. ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش، مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، شۇنداقلا ياش كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، بىز كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈشىمىز، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك، كادىرلار، بولۇپمۇ ياش كادىرلار سىياسىي ئىقتىدارى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، ئامما خىزمىتى ئىقتىدارى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دادىللىق بىلەن مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان، مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلالايدىغان، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىش يۈزبەردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ناھايىتى مۇھىم تەجرىبە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى خىزمەت ۋەزىيىتى يارىتىشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىشتىن ئىبارەت. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، تاشقى مۇھىتتا تېخىمۇ كۆپ مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق پەيدا بولدى. كېلەر يىلى بىز «14 - بەش يىل» مەزگىلىگە كىرىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايمىز. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەندە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى يارىتىشتا، ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەر بارغانسېرى كۆپ خىللىشىدۇ، بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىدۇ. دۆلىتىمىز داۋاملىق تەرەققىي قىلىشتا كۆپ تەرەپلىك ئەۋزەللىككە ۋە شارائىتقا ئىگە، لېكىن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، لېكىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يەنە سىجىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ياش كادىرلار سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. كادىرلارنىڭ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىدىكى زۆرۈر بولغان تۈرلۈك ئىقتىدارلار ئىچىدە، سىياسىي ئىقتىدار بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان سىياسىي ئىقتىدار بولغاندىلا، ئاندىن ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا «لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتنىڭ كۆزنى توسۇۋېلىشىدىن قورقماسلىق»، «بوران - چاپقۇن ئالدىدا تەمكىن تۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشتە، ئالدى بىلەن توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇ مەسىلىدە، ھەرقانداق ئېنىقسىزلىق ۋە تەۋرىنىشنىڭ بولۇشىغا قەتئىي بولمايدۇ! بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەمەلىيىتى يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بوران - چاپقۇن ھۇجۇم قىلغاندا جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك يۆلەنچۈكى بولدى، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بولدى. ياش كادىرلار جەزمەن بىر ماددىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەككى، پارتىيە رەھبەرلىكىدە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشقا پايدىلىق بولغانلىكى ئىشلارنى قەتئىي تەۋرەنمەي قىلىشى، پارتىيە رەھبەرلىكىدە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشقا پايدىسىز بولغانلىكى ئىشلارنى قەتئىي قىلماسلىقى كېرەك! سىياسىي سەزگۈرلۈكى ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ تەھلىل قىلىشتا ئالدى بىلەن سىياسىي ئامىلنى ئىگىلەش، بولۇپمۇ ھادىسىدىن ماھىيەتنى تونۇش، كۆزى ئۆتكۈر بولۇش، ئىشنى بالدۇر بايقاش، ھەرىكىتى تېز بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشتە جەزمەن پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىدىن ئەيمىنىدىغان بولۇش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە چېنىقىشنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىيدا «زېرەك ئادەم»، «سەمىمىي ئادەم» بولۇش كېرەك. ماركسىزملىق نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ، دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى ئىگىلەپ، جۇڭگوچىلاشقان ماركسىزمنى ئىگىلەپ، ماركسىزمنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىسى، سادىق ئەمەلىيەتچىسى بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ياش كادىرلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاساسىي ماھارەت. چوقۇم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا خىزمەت قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى دائىملاشتۇرۇش كېرەك. ئامما ئارىسىغا بېرىش، ئەمەلىيەت ئارىسىغا بېرىشتا چىڭ تۇرۇش، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئويلايدىغىنى، ئالدىرايدىغىنى، ئۈمىد قىلىدىغىنىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىش ۋە ئىگىلەش كېرەك، يۈزەكى كۆزەتمەسلىك، يۈزەكى ئىش قىلماسلىق، ئازراق ئۇتۇق قازىنىپلا مەغرۇرلىنىپ كەتمەسلىك، بىر تەرەپلىمىلىكنى بىر پۈتۈنلۈك دەپ قارىماسلىق كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ئېرىشكەن كۆپ مىقداردىكى ماتېرىيال ۋە ئەھۋالنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش، تەھلىل قىلىش، بىر ھادىسىدىن يەنە بىر ھادىسىگە ئۆتۈش، تاشقى ھادىسىدىن ئىچكى ماھىيىتىنى كۆرۈش كېرەك. تولۇق تەتقىق قىلىشتىن ئۆتكەن بىرقەدەر پىشىپ يېتىلگەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىگە قارىتا، ئۇنى ۋاقتىدا تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرما دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، كونكرېت تەدبىرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك؛ تولۇق تەتقىق قىلىنمىغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىگە قارىتا، تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ پىكىر ئېلىپ، مۇكەممەللەشتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن يولغا قويۇش كېرەك؛ تەدبىر بولۇپ شەكىللەنگەن، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشكەن، جايىدا ئەمەلىيلەشكەنلىرىگە قارىتا دەل ۋاقتىدا ئىز قوغلاپ باھالاپ، ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياش كادىرلار ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئالدى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك نەزەر بولۇش، يىراقنى كۆرۈش، چوڭقۇر ئويلاش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار مەسىلىلەرنى ئويلىغاندا، تەدبىرلەرنى بەلگىلىگەندە، چوقۇم دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا قارىتا كۆڭلىدە سان بولۇشى، چوڭ چوتنى كۆپرەك سوقۇشى، چوڭ ھېساباتنى كۆپرەك قىلىشى، كىچىك چوتنى ئاز سوقۇشى، ئۇششاق ھېساباتنى ئاز قىلىشى، رايون ۋە تارماقلارنىڭ خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى چوڭ تاختا شاھمات ۋەزىيىتىگە سىڭدۈرۈشكە ماھىر بولۇشى، ھەم بىر رايونغا شەرەپ كەلتۈرۈش، تېخىمۇ مۇھىمى پۈتۈن ۋەزىيەتكە شان - شەرەپ قوشۇشى كېرەك. چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۇنىۋېرسال ئانالىز قىلىپ، ئىشنى قىلىشقا ئەرزىيدىغان - ئەرزىمەيدىغانلىقىغا، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان - كەلمەيدىغانلىقى قاتارلىقلارغا قاراپ، ئومۇميۈزلۈك دەڭسەپ كۆرۈپ، ئىلمىي ھۆكۈم قىلىش كېرەك. تەدبىر بەلگىلىگەندە چوقۇم مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپ تەرەپنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىۋېرسال باھالاپ، ئىلمىي تاللاپ، تەدبىرنى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئۇيغۇن كېلىدىغان قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ياش كادىرلار ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، بىز پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىمىز، بولۇپمۇ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، داۋاملىق دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشتا يەنىلا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىمىز، بۆسۈش قىلىشىمىز كېرەك. ئىسلاھاتتا جەزمەن جاسارەت ۋە ئىرادە بولۇشى كېرەك، قانچە مۈشكۈل، خەتەرلىك بولغانسېرى، شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قەيسەرلىكنى، پىداكارلىقنى ساقلاش كېرەك. ئىش قىلىش قىزغىنلىقى بىلەن ئىلمىي روھنى بىرلەشتۈرۈپ، چىقارغان تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، خىزمەت ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا توغرا ئۇسسۇل قوللىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىگە ئەگىشىپ مېڭىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئاتلىنىپ، توغرا پەرقلەندۈرۈپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەش ئاساسىدا ئۆزگەرتىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاممىنىڭ باش ئىجادىيەتچىلىك روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، يۇقىرى قاتلامدا لايىھەلەشنى كۈچەيتىش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جانلىق، يېڭى ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتىدىن ئەقىل - پاراسەتكە ئېرىشىش كېرەك. سىستېمىلىقلىق، بىر پۈتۈنلۈك، ماسلىشىشچانلىقنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئۆزئارا ماسلىشىدىغان، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرىدىغان، بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياش كادىرلار جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. خەۋپ - خەتەرگە ئالدىن ھۆكۈم قىلىش خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، خەۋپ - خەتەر يۈزلىنىشىنى ئىگىلەش ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى كۆزلەشنىڭ ئاچقۇچى. خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھەل قىلغۇچ قەدەمنى ياخشى تاشلاپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ھەر خىل خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ھەر ۋاقىت تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك. تىرىشىپ ئۆز خىزمەت ساھەسىدە كەسىپ ئەھلىگە ئايلىنىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش تونۇشى ۋە جاسارىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان ھەر خىل خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا قارىتا، كۆڭلىدە سان بولۇش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر يۈرگۈزۈش، خەۋپ - خەتەرنى دەل جايىدا تۈگىتىش، ۋەزىيەتنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش، كىرىزىسنى تۈگىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەت ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزمدىكى يوچۇقنى تېپىپ، ئۇنى ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ياش كادىرلار ئامما خىزمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئامما ئارىسىدىن كېلىپ، ئامما ئارىسىغا بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئاممىنىڭ سىردىشى بولۇش كېرەك. قەلبىدە ئامما بولۇش، ئاممىنىڭ غەم - ئەندىشىسى، ھال - ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكۈش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كىچىك ئىشلارنى چوڭ ئىش سۈپىتىدە بېجىرىش، ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىغا باشلامچىلىق قىلىپ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق بېيىپ، كىرىم، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا - سەھىيە، تۇرالغۇ قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئامما ياقتۇرىدىغان، ئاسان قوبۇل قىلىدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇش، ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش كېرەك. ئاڭلىق ھالدا قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى تەتبىقلاش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياش كادىرلار ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئىش قىلغاندا شەكىل ئۈچۈنلا قىلىشقا بولمايدۇ، جەزمەن پۇختا ئەستايىدىل ئىشلەپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك. بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار ھەم كۆپچىلىكنى بىرلىكتە دائىرىنى ياخشى بېكىتىش، يولنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، رېتسېپنى توغرا يېزىشقا يېتەكلىشى، ھەم مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى، ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا ئۆزى ئۆتكەلنى ئىگىلىشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئۆزى ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك، ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتۇشقا، قۇرۇق قەدەم ئېلىشقا بولمايدۇ، قوماندانلىق قىلىپلا جەڭگە ئاتلانماسلىققا بولمايدۇ. ئىش قىلغاندا مىخ قېقىش روھى بولۇش، تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرۇپ، پۇختا، قەدەم - باسقۇچلۇق جەڭ قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىر تاغدىن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر چوققىغا يامىشىپ، بىر جىلغىدىن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر ياردىن ھالقىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا قىيىن مەسىلىلەرنى تۈگىتىش ئارقىلىق خىزمەتتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىز ئىستىقبالى پارلاق يېڭى دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز. ياش كادىرلار ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆپ ئىشلارنى كۆرۈپ، ئىقتىدارىنى ھەقىقىي، ئەمەلىي چېنىقتۇرۇپ، كۈچلۈك قابىلىيەت بىلەن نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشى، بۇرچنى ئادا قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى قاراتمىلىق ھالدا ياش كادىرلارنىڭ ئىدىيەدە تاۋلىنىشى، سىياسىيدا چېنىقىشى، ئەمەلىيەتتە چېنىقىشى، كەسىپ جەھەتتە مەشىق قىلىشىنى كۈچەيتىپ، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ توغرا يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كادىرلارنى تەربىيەلەش جەريانىدىكى شەكىلۋازلىقنى قەتئىي يېڭىپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ يېڭى دەۋردىكى ۋەزىپە ۋە بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

چېن شى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، ئىدىيەدە تاۋلىنىش، سىياسىيدا چېنىقىش، ئەمەلىيەتتە چېنىقىش، كەسىپ جەھەتتە مەشىق قىلىشنى كۈچەيتىشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە ماھىر بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئېلىش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، خۇاڭ كۇنمىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

2020 - يىلى كۈز مەۋسۇمىلىق مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى.