ئىلمىي، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشىنى توسۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداش كېرەك

日期:2020年09月27日
来源:天山网
【字体:

سۈن چۇنلەن شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىلمىي، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشىنى توسۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداش كېرەك

7 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۇنلەن شىنجاڭدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلاردىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سۈرەتتە: 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى سۈن چۇنلەن ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) مېيلىن خۇايۈەندىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈپ ئەۋرىشكە ئېلىش نۇقتىسىغا كېلىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈپ ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمىتى ۋە ئاھالىلەرنى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۇنلەن 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە شىنجاڭغا كېلىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلاردىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سۈن چۇنلەن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، بېكىتىلگەن قوبۇل قىلىپ داۋالاش دوختۇرخانىلىرى، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى، ئايرىش نۇقتىلىرى، مەھەللە ۋە تەكشۈرۈپ ئەۋرىشكە ئېلىش نۇقتىلىرىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، چېگرا پورتلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھۋالىنى سىن ئارقىلىق تەكشۈردى، بىرىنچى سەپتىكى دوختۇر - سېسترالار، مەھەللە كادىرلىرى ۋە ئاھالىلەر، پىدائىيلار، ئايرىۋېتىلگەنلەرنى يوقلىدى، پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا يىغىلىش خاراكتېرلىك يۇقۇم پارتلاش خاراكتېرىدە يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ۋاقتىدا كۈچلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بارلىق كىشىلەرگە قارىتا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، 2 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى تاماملىدى، يېڭىدىن بايقالغان ئاغرىق مىساللىرىنىڭ ھەممىسى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش دائىرىسىدە بولدى. سۈن چۇنلەن شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەت تەدبىرلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم كۆپ مىللەت ئاممىسىغا چېتىلىدۇ، يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدىكى كېسەل قوزغىلىش يېشىنىڭ ئوتتۇرا سانى بىرقەدەر ياش، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى. دۆلەتنىڭ 7 - نۇسخىدىكى داۋالاش لايىھەسى بويىچە بىر خىللاشتۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇپ داۋالاش ئېلىپ بېرىپ، ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈپ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنى داۋالاش چارىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئېغىر ئاغرىق، خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىققا ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھەر مىللەت ئاغرىقلارنى كۆڭۈل قويۇپ داۋالاپ، سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ئېغىر كېسەل، پەرۋىش، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، جىددىي قۇتقۇزۇش دورىلىرىنى يۆتكەپ مەركەزلەشتۈرۈش ئاساسىدا، قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق كەسپىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، ھەر مىللەت ئاغرىقلارنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە داۋالىنالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

سۈن چۇنلەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئاچقۇچى «تۆت بالدۇر» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى تېزدىن ئۆستۈرۈپ، ئاغرىق مىسالىنى بايقىغاندا بالدۇر دوكلات قىلىش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە مەنبەدىن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، مەخسۇس كۈچ تەشكىللەپ، ئاممىۋى سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەسپىي خادىملارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، مەخسۇس تۈزەش بىلەن ئامما تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئامما ئالدىنى ئېلىپ، ئامما تىزگىنلەپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش زەنجىرىنى تېزدىن ئېنىقلاش كېرەك. ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، ھەرىكەتچان، جانلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، يېپىق ھالەتتىكى مەھەللىلەرگە بولغان ئادىمىيەت غەمخورلۇقى ۋە مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىش، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «تۆت تەرەپ»نىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنى تېزدىن كونترول قىلىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى دىڭ شياڭياڭ، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ شۆجۈن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەمراھ بولدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.