شى جىنپىڭ 2020 - يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت - سودا يەرمەنكىسى يەر شارىۋى مۇلازىمەت - سودا باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلدى

日期:2020年09月06日
来源:天山网
【字体:

ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان ھەمكارلىق مۇھىتىنى ئورتاق يارىتىشى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھەمكارلىق ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئورتاق جانلاندۇرۇشى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق ۋەزىيىتىنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك، جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ بازار ئىجازىتىنى داۋاملىق قويۇۋېتىپ، مۇلازىمەت - سودا يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يەر شارىۋى مۇلازىمەت - سودا ئىتتىپاقى قۇرۇشنى قوللاپ، بېيجىڭنىڭ دۆلەت مۇلازىمەت كەسپىنى كېڭەيتىش، ئېچىۋېتىش ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىشىنى قوللاپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ، دەپ تەكىتلىدى

9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2020 - يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت - سودا يەرمەنكىسى يەر شارىۋى مۇلازىمەت - سودا باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2020 - يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت - سودا يەرمەنكىسى يەر شارىۋى مۇلازىمەت - سودا باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارياڭ يىجۈن، جى نىڭ) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى 2020 - يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت - سودا يەرمەنكىسى يەر شارىۋى مۇلازىمەت - سودا باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدا، جۇڭگو خەلقى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىرلىكتە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن يەر شارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ھازىر، پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا يۇقۇم تېخى ئومۇميۈزلۈك تىزگىنلەنمىدى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشتەك مۈشكۈل ۋەزىپىگە دۇچ كەلمەكتە. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگونىڭ قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مۇشۇنداق بىر مەيدان مۇھىم، زور خەلقئارا ئىقتىساد - سودا پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشى كۆپچىلىك بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، يەر شارىۋى مۇلازىمەت - سودىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈندۇر. بۇنى پۇرسەت بىلىپ، سۇپا ۋە كۆۋرۈك بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مۇلازىمەت - سودا ساھەسىدىكى يېڭى تەرەققىيات، يېڭى بۆسۈشلەرنى تولۇق نامايان قىلىشىنى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىدىكى يېڭى تېخنىكا، يېڭى نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا كەڭ تارقىلىشى بۇ چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى قارشى ئېقىمغا دۇچ كېلىپ، قورۇقچىلىق، يەككە تەرەپچىللىك كۈچىيىپ، دۇنيا ئىقتىسادى پەسكويغا چۈشۈپ، خەلقئارا سودا ۋە سېلىنما زور ھەجىمدە تارىيىپ، ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا مىسلىسىز خىرىس ۋە سىناق ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ بارلىققا كېلىشى، گۈللىنىشى، رەقەملىك تېخنىكىنىڭ كۈچلۈك قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى، كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى، مۇلازىمەت ئىقتىسادىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ قېتىمقى يۇقۇم پۈتۈن يەر شارىدا كەڭ تارقالغان مەزگىلدە، يىراقتىن داۋالاش، تور مائارىپى، ھەمبەھرە سۇپا، ھەمكارلىشىپ ئىش بېجىرىش، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق مۇلازىمەتلەر كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، مۇلازىمەت كەسپىدىكى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىق كۈنسېرى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلانماقتا.

شى جىنپىڭ ئۈچ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرىنچى، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان ھەمكارلىق مۇھىتىنى ئورتاق يارىتىش كېرەك. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالساق، دۇنيا ئىقتىسادى ئېچىۋېتىلگەندە گۈللەنگەن، بېكىنمىچىلىك قىلغاندا خارابلاشقان. مۇلازىمەت كەسپى ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە يېنىك مۈلۈك، يۇمشاق مۇھىم ئامىل قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بولغانلىقتىن، ئېچىۋېتىلگەن، ئاشكارا، سىغدۇرۇشچان، كەمسىتىش يوق كەسىپ تەرەققىيات ئېكولوگىيەسىگە تېخىمۇ موھتاج، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ يۆتكىلىشىنى چەكلەيدىغان «چېگرادىكى» ۋە «چېگرا ئارقىسى»دىكى توسۇقلارنى تىرىشىپ ئازايتىپ، چېگرا ھالقىغان ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىغا تېخىمۇ موھتاج. جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت - سودا پاسسىپ تىزىملىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت - سودىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئېچىۋېتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ بازار ئىجازىتىنى داۋاملىق قويۇۋېتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت ئىمپورتىنى كېڭەيتىدۇ. جۇڭگو مۇلازىمەت - سودا تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا پائال ماسلىشىپ، كۆپ تەرەپ، رايون قاتارلىق قاتلاملاردىكى مۇلازىمەت قائىدىسىنى ماسلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يەر شارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سىغدۇرۇشچان ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئىككىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھەمكارلىق ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئورتاق جانلاندۇرۇش كېرەك. بىز رەقەملەشكەن، تورلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، «رەقەمدىكى پەرق»نى تۈگىتىشكە ئورتاق كۈچەپ، مۇلازىمەت - سودىنىڭ رەقەملىشىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو خاس مۇلازىمەت ئېكسپورت بازىسىنى كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت - سودا يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ماكرولۇق سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رەقەم ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى تېزلىتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى زورايتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، ھەمبەھرە ئىقتىساد قاتارلىقلارنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ئۈچىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق ۋەزىيىتىنى ئورتاق يارىتىش كېرەك. ئىقتىساد يەر شارىۋىلىشىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى بىر - بىرىگە بېقىنىپ، مەنپەئەت يۇغۇرۇلۇشى مىسلىسىز بولماقتا، ئۆزئارا سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇش، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق بەھرىلىنىش تۈپ تەدبىر. ھەرقايسى دۆلەتلەر مۇلازىمەت - سودا تەرەققىياتىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات مەنپەئىتىدىكى ئەڭ چوڭ ئورتاقلىق ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، «تورت»نى ئۈزلۈكسىز زورايتىشى كېرەك. جۇڭگو جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت - سودا يەرمەنكىسى، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى قاتارلىق تۈرلۈك سۇپىلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، سىياسەت ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھۆكۈمەتلەر ئارا، خەلقئارا تەشكىلاتلار، سودا جەمئىيەتلىرى ھەم كارخانىلار ئارا كۆپ خىللاشقان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ ۋە يېتىلدۈرۈپ، يەر شارىۋى مۇلازىمەت - سودا ئىتتىپاقىنى قۇرۇشنى قوللاپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز شەكىللەندۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى مۇلازىمەت - سودىنىڭ ئېشىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بېيجىڭنىڭ جۇڭگونىڭ مۇلازىمەت كەسپىنى ئېچىۋېتىشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بىز بېيجىڭنىڭ دۆلەت مۇلازىمەت كەسپىنى كېڭەيتىش، ئېچىۋېتىش ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىشىنى قوللاپ، ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كۆپەيتىشكە، كېڭەيتىشكە بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەجرىبىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىمىز؛ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مۇلازىمەت كەسپىنى ئېچىۋېتىش، رەقەملىك ئىقتىسادنى ئاساسلىق ئالاھىدىلىك قىلغان ئەركىن سودا سىناق رايونىنى تەسىس قىلىپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىر مەزگىل بىزنىڭ جەم بولۇشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلغان بولسىمۇ، بىراق مۇلازىمەت - سودىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ، بىزنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىشەنچىمىز ۋە ھەرىكىتىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ! بىز بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەزمۇت قەدەملىرىمىز بىلەن ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بۇ مۈشكۈل مەزگىلدىن ئۆتۈپ، دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالايلى!