شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق ساقچى قوشۇنىغا بايراق بەردى ۋە تەلىم سۆزى قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

پارتىيەگە سادىق بولۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن بۇرچ-ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇنلاش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

日期:2020年08月27日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق ساقچى قوشۇنىغا بايراق بېرىش مۇراسىمى 26-ئاۋغۇست خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق ساقچى قوشۇنىغا بايراق بەردى ۋە تەلىم سۆزى قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بارلىق خەلق ساقچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىزنىڭ خەلق ساقچىلىرى-دۆلەتنىڭ ئامانلىق ساقلاشتىكى مۇھىم مەمۇرىي ۋە جىنايى ئىشلار ئەدلىيە كۈچى، ئاساسلىق ۋەزىپىسى-دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىق تەرتىپىنى قوغداش، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، جىسمانىي ئەركىنلىكى، قانۇنلۇق مال-مۈلۈكىنى قوغداش، ئاممىۋى مال-مۈلۈكنى قوغداش، قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، توسۇش، جازالاشتىن ئىبارەت. يېڭى تارىخىي شارائىتتا، ئېلىمىزنىڭ خەلق ساقچىلىرى پارتىيەگە سادىق بولۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن جان-دىل بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن بۇرچ-ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇنلىشى كېرەك.

  خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالى داغدۇغىلىق كەيپىياتقا چۆمگەن ئىدى. قىزىل ئارقا تاختىدىكى «جۇڭگو خەلق ساقچى قوشۇنىغا بايراق بېرىش مۇراسىمى» دېگەن خەتلەر ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ساقچى مۇراسىم فورمىسى، ئالاھىدە ساقچى جەڭ-مەشىق فورمىسى كىيگەن 300 نەچچە خەلق ساقچىسى قەددىنى تىك تۇتۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن رەتلىك تىزىلىپ تۇراتتى.

  سائەت ئون يېرىمدا، بايراق بېرىش مۇراسىمى باشلاندى. مەيداندا دۆلەت شېئىرى ياڭرىدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى جۇڭگو خەلق ساقچى بايرىقىنى قوغداپ، رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى. شى جىنپىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، باش ساقچى نازارەتچىسى جاۋ كېجى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، باش ساقچى نازارەتچىسى چېن ۋېنچىڭغا ئايرىم-ئايرىم بايراق بەردى. جاۋ كېجى، چېن ۋېنچىڭ شى جىنپىڭغا سالام بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ قولىدىن جۇڭگو خەلق ساقچى بايرىقىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، پۈتۈن مەيدانغا يۈزلىنىپ بايراقنى كۆرسەتتى. پۈتۈن مەيداندىكى خەلق ساقچىلىرى ساقچى بايرىقىغا تەنتەنىلىك ئېھتىرام بىلدۈردى.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ تەلىم سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇزۇندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىزنىڭ خەلق ساقچىلىرى باش مەقسەت، بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ ئىشلەپ، قۇربان بېرىش، ئۆزىنى بېغىشلاشقا رازى بولۇپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەت مۇقىملىقى، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا زور تۆھپە قوشتى. ئەمەلىيەت-ئېلىمىز خەلق ساقچىلىرىنىڭ پارتىيە ۋە خەلق تولۇق ئىشىنىشكە بولىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋارلىققا ئىگە قوشۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بايراق بېرىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو خەلق ساقچى قوشۇنىغا "جۇڭگو خەلق ساقچى بايرىقى" بېرىش ھەققىدىكى قارارى»نى ئوقۇدى.