شى جىنپىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

يىراققا نەزەر سېلىپ، ئومۇملۇقنى ئىگىلەپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى پىلانلارنى تۈزۈپ چىقىشىمىز كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ ۋە خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

日期:2020年08月25日
来源:人民网
【字体:

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 24-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدە ئىقتىساد، جەمئىيەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلى-ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققان، بىرىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ۋەزىيەتكە قاراپ ئاچىدىغان، ئىككىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان بىرىنچى بەش يىل، بۇنىڭ بىلەن ئېلىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدۇ. پىلانلىق ئىش بۇزۇلمايدۇ. بىز يىراققا نەزەر سېلىپ، ئومۇملۇقنى ئىگىلەپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى پىلانلارنى تۈزۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، بېيجىڭ داشۆسى دۆلەت تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتىنىڭ پەخرىي باشلىقى لىن يىفۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فەن گاڭ، چىڭخۇا داشۆسى ئاممىۋى باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى جياڭ شياۋجۈەن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەي فاڭ، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ماكرولۇق ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چاڭلىن، چىڭخۇا داشۆسى دۆلەت پۇل مۇئامىلە تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى جۇمىن، شاڭخەي قاتناش داشۆسى ئەنتەي ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى لۇمىڭ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىقتىساد ۋە سىياسىي تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى جاڭ يۈيەن، شياڭگاڭ تىل-ئەدەبىيات داشۆسى شېنجېن يەر شارى ۋە بۈگۈنكى زامان جۇڭگو ئالىي تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى جېڭ يۇڭنيەن قاتارلىق توققۇز مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىلى ئىلگىرى-كېيىن سۆز قىلىپ، «14-بەش يىللىق يىرىك پىلان»نى تۈزۈش قاتارلىقلار ھەققىدە پىكىر-تەكلىپ بەردى.

  شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مۇتەخەسسىس، ئالىملار ناھايىتى ياخشى سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ساھەلىرىدىن چىقىش قىلىپ، «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى، تەپەككۇرى، ۋەزىپىسى، تەدبىرى ھەققىدە ناھايىتى قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلەرنى بەردى، يىغىنغا قاتناشقان باشقا مۇتەخەسسىسلەر يازما سۆز تاپشۇردى. ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ تەتقىقاتلىرىنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر بىلەن يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىسلارغا مۇئامىلە قىلىش لازىم. بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدىمۇ بىر ئۇچرىمايدىغان زور ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ يەر شارىدا كەڭ دائىرىدە تارقىلىشى-بۇ زور ئۆزگىرىشنى تېخىمۇ تېزلىتىۋەتتى، خەلقئارا ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، خەۋپسىزلىك، سىياسىي قاتارلىق ئەندىزىلەر چوڭقۇر تەڭشەلمەكتە. دۆلەت ئىچىنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىمۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، ئېلىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى، جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەت-خەلقنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭ، يېتەرلىك بولماسلىقى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەلىپى ئۈزلۈكسىز ئۆسمەكتە. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇقى بىلەن دۇنيادىكى يۈز يىلدىمۇ بىر ئۇچرىمايدىغان زور ئۆزگىرىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپ، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ئېلىپ كەلگەن يېڭى زىددىيەت، يېڭى خىرىسنى چوڭقۇر تونۇپ، پۇرسەت ئېڭى ۋە خىيىم-خەتەر ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي يۈزلىنىپ، ئۆزگىرىش ئۈستىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىنىپ، كېمىنى دادىللىق بىلەن شامالغا قارشى ھەيدەپ، كىرىزىسنى ماھىرلىق بىلەن پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.