بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە يۇقىرى سۈپەتنى چىڭ كۆزلەپ نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ ئۈزلۈكسىز نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

日期:2020年08月24日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە يۇقىرى سۈپەتنى چىڭ كۆزلەپ نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ ئۈزلۈكسىز نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

خەن جېڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خېفېيدا چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خېفېي، 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خېفېيدا چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئورنى ۋە رولىنى چوڭقۇر تونۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپكە بىرلەشتۈرۈپ، نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە يۇقىرى سۈپەتتىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچلۇق سۆزنى چىڭ كۆزلەپ نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ ئۈزلۈكسىز نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ ئەنخۇيدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنى مەخسۇس ئاچتى. سۆھبەت يىغىنىدا، شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى چياڭ، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لوۋ چىنجيەن، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چې جۈن، ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى جىنبىن، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى خې لىفېڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۈچ ئۆلكە، بىر شەھەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتتى، نۇرغۇن يارقىن نۇقتىلار بارلىققا كەلدى. بىرىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتىنى جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دۆلەتنىڭ رايون تەرەققىيات ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قويۇپ بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن مەملىكەت تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك، جانلىق ئېشىش قۇتۇپى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈلگىلىك رايونى، باشلامچىلىق بىلەن زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرغان يېتەكچى رايون، رايونلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى يېڭى ئېگىزلىكتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى چىڭ كۆزلىدى. ئىككىنچى، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە نۇقتىلىق رايونلارنى چۆرىدەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى تېزلەتتى. ئۈچىنچى، ئىستراتېگىيەنى يولغا قويۇش نەتىجىسى نامايان بولدى، يىرىك پىلان سىياسەت سىستېمىسىنىڭ «ئاساسىي قۇرۇلمىسى» دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى، كۆپ قاتلاملىق خىزمەت مېخانىزمى ئەمەلىي ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇردى، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا، بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مېخانىزمى ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۇل ئەسلىھەلىرى رولىنى جارى قىلدۇردى. ئومۇمەن ئېيتقاندا، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ۋەزىيىتى شەكىللەنمەكتە. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشتا جەزمەن چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئورنى ۋە رولىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. بىرىنچى، باشلامچىلىق بىلەن يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھازىر يەرشارىۋى بازار تارىيىۋاتقان تاشقى مۇھىتتا، بىز جەزمەن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى - خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى ئىختىساسلىقلار مول توپلانغان، پەن - تېخنىكا سەۋىيەسى يۇقىرى، ياسىمىچىلىق تەرەققىي قىلغان، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى نىسبەتەن مۇكەممەل ۋە بازار يوشۇرۇن كۈچى زور بولۇشتەك نۇرغۇن ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشى كېرەك. ئىككىنچى، باتۇرلۇق بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشتىكى يول ئېچىش ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇش كېرەك. ھازىر، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى تېز ئۆزگىرىۋاتىدۇ، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈشىنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. شاڭخەي ۋە چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكا تەمىناتى بىلەن تەمىنلەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇشى كېرەك. ئۈچىنچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك. يېقىندىن بۇيان، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشى تەتۈر ئېقىم، تەتۈر شامالغا دۇچ كەلدى، قانچىكى مۇشۇنداق بولغانسېرى، بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش بايرىقىنى شۇنچىكى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى قوغدىشىمىز ۋە يېتەكلىشىمىز كېرەك. چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى ئىزچىل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپى بولۇپ كەلدى. خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئېچىۋېتىلگەن، مۇلازىمەت قىلىدىغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىيات مۇھىتى ئارقىلىق دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىختىساسلىقلار ۋە كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، سودا ۋە سېلىنمىنى قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ خەلقئارا بازار ۋە دۆلەت ئىچى بازىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم كۆۋرۈككە ئايلىنىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە يۇقىرى سۈپەتتىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچلۇق سۆزنى چىڭ كۆزلەپ، بىر گەۋدىلەشكەن تەپەككۇر يولى ۋە تەدبىرلەر ئارقىلىق مەمۇرىي توسۇقنى بۇزۇپ تاشلاپ، سىياسەتلەرنىڭ ماسلىشىشىنى ئۆستۈرۈپ، مۇھىم ئامىللارنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە راۋان يۆتكىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك، بۇ، ھەرقايسى جايلارنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ مۇۋاپىق ئىش تەقسىماتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

بىرىنچى، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۈچ ئۆلكە، بىر شەھەر دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش ئالدىنقى شەرتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىشى كېرەك. تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش تەدبىرلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ، بازار سۇبيېكتىغا بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈپ، پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى ياسىمىچىلىق ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى نۇقتىلىق قوللاشقا يېتەكلەش كېرەك. رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنما ئېھتىياجىنى قويۇپ بېرىش كېرەك.

ئىككىنچى، پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى، تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى جەزمەن ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئۈچ ئۆلكە، بىر شەھەر پەن - تېخنىكا كۈچىنى توپلاپ، دىققەتنى توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، بىيودورىگەرلىك، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بالدۇرراق بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. بىر تۈركۈم ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق پەن - تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك.

ئۈچىنچى، چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى شەھەرلەر بالدۇر ئېچىلىپ قۇرۇلغان، كونا شەھەر رايونى كۆپ، ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى ناھايىتى ئېغىر، بۇ ئىش ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتى ۋە شەھەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا چېتىلىدۇ، ھەرقانچە قىيىن بولسىمۇ ئامال قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىردەك كەڭ كۆلەمدە چېقىش، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىلىشقا بولمايدۇ، تارىخىي مەدەنىيەت ۋە شەھەر قىياپىتىنى ياخشى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش، «شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى بىر قىياپەتتە، بىنالارنىڭ ھەممىسى بىر ئۇسلۇبتا بولۇش»تىن ساقلىنىش كېرەك. پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆي - زېمىننى پۇل تېپىش ۋاسىتىسى قىلىۋېلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ئۆينى پۇل تېپىش ۋاسىتىسى قىلىۋالماي، تۇرالغۇ قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تۆتىنچى، تەرەققىي تاپمىغان رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ بىر مۇھىم مەقسىتى رايون تەرەققىياتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش. تەرەققىيات پەرقى كۆپ ھاللاردا تەرەققىيات بوشلۇقىدىن ئىبارەت. ئالاقىدار تارماقلار تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا قارىتا تېخىمۇ دەل جايىدا بولغان تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، يولغا قويۇپ، بۇ رايونلارنىڭ چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش قەدىمىگە يېتىشىۋېلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەڭ قورساق، سىغدۇرۇشچان بولغاندىلا زورىيىش بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى، تەبىئىي شارائىتى تەكشى بولماسلىق ئوبيېكتىپ مەۋجۇت، مەسىلەن، شەھەر بىلەن يېزا - كەنت، تۈزلەڭلىك بىلەن تاغلىق رايون، كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھاپىزەت رايونى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئاددىي، مېخانىك ھالدا تەڭپۇڭلۇق خاراكتېرىدە چۈشىنىشكە بولمايدۇ. تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىقتىسادىي قانۇنىيەت، تەبىئىي قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشى، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوبيېكتىپ پەرقنى ئېتىراپ قىلىش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىك كېرەك.

بەشىنچى، پۇدۇڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بۇ يىل شاڭخەي پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشنىڭ 30 يىللىقى، پۇدۇڭنىڭ ئىسلاھاتتا سىستېمىلىق، توپلاشقان، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش، يەرشارىۋى بايلىقنى تەقسىملەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، شەھەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش، پائال ئىزدىنىش، تەجرىبە يارىتىشىنى قوللاش شاڭخەي ھەم چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ھەتتا دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. شاڭخەي ئەركىن سودا تەجرىبە رايونى لىنگاڭ يېڭى تەۋەلىك رايونى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، تەجرىبە ئېتىزىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. شاڭخەي خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسى ۋە پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك.

ئالتىنچى، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ باشلامچىسى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئالدىدا مېڭىپلا قالماي، يەنە ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىشتىمۇ ياخشى باشلامچى بولۇشى كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، شەھەر - بازارلاردىكى پاسكىنا سۇ، ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، خىمىيە سانائىتىدىن بۇلغىنىش، يېزا ئىگىلىكىدە دائىرىلىك، مەنبەلىك بۇلغىنىش، كېمە - پاراخوتتىن بۇلغىنىش ۋە قالدۇق رۇدا ئامبارلىرىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. تەيخۇ كۆلى رايونى ئەتراپىدىكى شەھەر - يېزىلاردىكى ئورگانىك تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش، پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۈرۈشلۈك يانداش كاپالەت تەدبىرلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئورتاق ئاسراش، بىرلىكتە تۈزەشنى ئۆرنەك بىلەن تەمىنلەپ، مەملىكەت بويىچە ئورگانىك تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش، پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۈلگە كۆرسىتىش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسىدا بېلىق تۇتۇشنى مەنئى قىلىش ئومۇمىي ۋەزىيەت خاراكتېرلىك پىلان، ئەۋلادلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان مۇھىم تەدبىر. دەريا بويىدىكى ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىرتۇتاش پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، بېلىقچىلىقتىن چېكىنگەن بېلىقچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇنسىز بېلىق تۇتۇش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، جەزمەن بېلىق تۇتۇشنى مەنئى قىلىش خىزمىتىدە پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

يەتتىنچى، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت قولايلىقىدىن ھەمبەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆپرەك كۆزلەپ، خەلقنىڭ غېمىنى كۆپرەك يەپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك. ئۈچ ئۆلكە، بىر شەھەر بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەجرىبىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ، ئاممىۋى سەھىيە قاتارلىق ئېغىر، زور تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تېببىي داۋالاش - سەھىيە ماددىي ئەشيالىرى زاپىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پىلانلىق ھالدا دورا مۇندەرىجىسى، دىياگنوز قويۇپ داۋالاش تۈرلىرى، تېببىي مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى مۇندەرىجىسىنىڭ بىردەك بولۇشىنى قەدەممۇقەدەم ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ۋاسىتە قىلىپ، ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىدىغان «ھەممىباب كارتا» بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قاتناش، سەپەرگە چىقىش، ساياھەت ئېكسكۇرسىيەسى، مەدەنىيەت ھېس قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە «بىر شەھەردە ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولۇش»نى ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەر - يېزىلاردا ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەش، سىياسەت بەلگىلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسىنى ئۆستۈرۈپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش جەريانىدا ئىختىساسلىقلارنى بايقاش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىش كېرەك. سىياسىي ئۆلچەمنى بىرىنچى ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئىشىنىشكە بولىدىغان، تايىنىشقا بولىدىغان، خاتىرجەم قىلىدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىدارلىقلار چىقىدىغان، مۇنەۋۋەرلەر مۇكاپاتلىنىدىغان، ئىقتىدارسىزلار چۈشۈرۈۋېتىلىدىغان، ناچارلار شاللىۋېتىلىدىغان توغرا يۆنىلىشنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۇيغۇن كېلىدىغان كادىر ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. كارخانا پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ كارخانىلارنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىگە مۇلازىمەت قىلىش، بازار ئېچىش، تېخنىكا يېڭىلاش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى كارخانىنىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى تەشكىلاتلاردا پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنى ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا بىر كۈندىلا ئۇتۇق قازانغىلى بولمايدۇ، بىزدە ھەم تارىخىي سەۋرچانلىق بولۇشى، ھەم مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بولۇشى، ھەم ئۇزاق كەلگۈسىنى پىلانلىشىمىز، ھەم ھازىر ئىشلىشىمىز كېرەك. رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى چوڭ يۆنىلىش، چوڭ پىرىنسىپ ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۈچ ئۆلكە، بىر شەھەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىشى كېرەك. ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

خەن جېڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە يۇقىرى سۈپەتتىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچلۇق سۆزنى چىڭ كۆزلەپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ زور نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. تىرىشىپ مەملىكەت بويىچە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئۈلگىلىك رايون بەرپا قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاپ، كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا مەركەزلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ياسىمىچىلىقتا تەتقىق قىلىش - ئېچىش ئېگىزلىكىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلىشىشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، بىر گەۋدىلەشكەن تۈزۈلمە - مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئورتاق ئاسراش، بىرلىكتە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت قولايلىقىدىن ھەمبەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، چېن شى، ۋاڭ يۇڭ ھەمدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.