شى جىنپىڭ قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈش ۋە ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇنداق جاكارلىدى

بېيدوۋ 3- نومۇرلۇق يەرشارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى رەسمىي ئېچىلدى

لى كېچياڭ، خەن جېڭ مۇراسىمغا قاتناشتى

日期:2020年08月03日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيدوۋنىڭ چاقنىغان نۇرى ھەر تەرەپكە تارالدى. بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇق يەرشارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈش ۋە ئېچىش مۇراسىمى 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىپ، بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇق يەرشارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى ھەم بېيدوۋ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى، نامايەندىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سىستېمىنى تەتقىق قىلىپ ياساش قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان بارلىق خادىملارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى، سەمىمىي سالام يوللىدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ مۇراسىمغا قاتناشتى.

  خەلق سارىيى ھەيۋەتلىك، كۆركەم بولۇپ، شەرقىي چوڭ زالىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، كەيپىيات قىزغىن ئىدى. سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار مۇراسىم نەق مەيدانىغا كىردى.

  ليۇ خې مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمدا بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇق يەرشارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قىسقا سىن فىلىمى قويۇلدى. جاڭ يوۋشيا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئوقۇدى.سائەت 10دىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ مۇنداق جاكارلىدى: «بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇق يەرشارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى رەسمىي ئېچىلدى!» پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ خېبېي زالىغا كېلىپ، بېيدوۋ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى، نامايەندىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، قۇرۇلۇش قىلىش، يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى، قوللىنىشنى كېڭەيتىش، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە تەرەققىياتقا نەزەر توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. بېيدوۋ سىستېمىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئۆز ئالدىغا تىزگىنلىگىلى بولىدىغان مۇھىم نەتىجىلىرى ۋە كۆلەملەشتۈرۈپ، بازارلاشتۇرۇپ، كەسىپلەشتۈرۈپ قوللىنىش ھەمدە خەلقئارالىشىش مۇساپىسىنى نامايان قىلىدىغان كۆرگەزمە تاختىسى ۋە كۆرگەزمە بۇيۇملىرى شى جىنپىڭنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇ پات - پات توختاپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى.

  شى جىنپىڭ بېيدوۋ سىستېمىسى بولۇپمۇ بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇق يەرشارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇق يەرشارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈپ ئېچىلغانلىقى دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىشتەك سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش شارائىتىدا دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشتا، ھازىرقى خەلقئارا ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە تۈرتكە بولۇشتا، مىللەتنىڭ ئىشەنچىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىپ، تىرىشىپ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 26 يىلدىن بۇيان، بېيدوۋ سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان بارلىق خادىملار قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، قاتتىق جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، داۋاملاشما كۈرەش قىلىپ، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋر بېيدوۋ روھىنى يېتىلدۈردى، ياخشى ۋارىسلىق قىلىش، ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. بېيدوۋ سىستېمىسىنى قوللىنىشنى كېڭەيتىپ، سىستېمىنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق كېيىنكى باسقۇچلۇق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.دىڭ شۆشياڭ، شۈ چىلياڭ، شياۋ جيې، خې لىفېڭ ھەمدە لى زوچېڭ يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، بېيدوۋ سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىشقا قاتناشقان، قۇرۇشقا قاتناشقان ۋەكىللەر قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.

  بېيدوۋ سىستېمىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەدبىر بەلگىلەپ يولغا قويغان دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا قۇرۇلۇشى. قۇرۇلۇش 1994 - يىلى قوزغىتىلغان، 2000 - يىلى بېيدوۋ 1 - نومۇرلۇق سىستېما قۇرۇلۇشى تاماملانغان، 2012 - يىلى بېيدوۋ 2 - نومۇرلۇق سىستېما قۇرۇلۇشى تاماملانغان. بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇق يەرشارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇپ پۈتۈشى ھەم مۇلازىمەتنى ئېچىشى قۇرۇلۇشنىڭ «ئۈچ قەدەملىك مېڭىش» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلغانلىقىدىن، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادا ئۈچىنچى بولۇپ مۇستەقىل ھالدا يەرشارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىغا ئىگە دۆلەتكە ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. نۆۋەتتە، پۈتۈن يەر شارىدا 120دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون بېيدوۋ سىستېمىسىنى ئىشلەتمەكتە.