شى جىنپىڭ ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە داشۆسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئىسلاھات يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش لازىم

شى جىنپىڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس خادىملىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى

日期:2020年07月24日
来源:人民网
【字体:

 

 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1 -ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمى يېتىپ كېلىۋاتقان پەيتتە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 23-ئىيۇل ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە داشۆسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس خادىملىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي تەلىم-تەربىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەكتەپ قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

  7-ئايدا شەرقىي شىمال زېمىنى ياپيېشىل تۈسكە كىرگەن بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندا، شى جىنپىڭ ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە داشۆسىگە باردى. شى جىنپىڭ مەكتەپنىڭ ئاۋىياتسىيە سارىيىدا شەرقىي شىمال كونا ئاۋىياتسىيە مەكتىپى روھى كۆرگەزمىسى ۋە مەكتەپ قۇرۇلۇشى ئەھۋالى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. شەرقىي شىمال كونا ئاۋىياتسىيە مەكتىپى جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرغان تۇنجى ئاۋىياتسىيە مەكتىپى، كۆپچىلىك ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، دادىل ئۆزىنى بېغىشلاپ، يېڭى يول ئېچىپ، شەرقىي شىمال كونا ئاۋىياتسىيە مەكتىپى روھىنى بارلىققا كەلتۈردى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ شەرەپلىك تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شەرقىي شىمال كونا ئاۋىياتسىيە مەكتىپى روھىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى تاپىلىدى.

  مەشىق مەيدانىدا ئۇچقۇچىلار مەخسۇس بەدەن ئىقتىدارى ۋە باش قېيىشقا كۆنۈش مەشىقى قىلىۋاتاتتى. ھازىرقى زامان ھاۋا ئۇرۇشىدا ئۇچقۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساپاسىغا قويۇلغان تەلەپ يۇقىرى بولغاچقا، مەكتەپ تەڭپۇڭلۇق گىمناستىكىسى، چاق دومىلىتىش، ئايلانما شوتا قاتارلىق مەشىق مەزمۇنلىرىنى تەسىس قىلدى. شى جىنپىڭ مەشىق مەيدانىغا كېلىپ، ئۇچقۇچىلارنىڭ ئايلانما شوتا مەشىقى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. يېقىن جايدا ئۇچقۇچىلار ئىقتىدار مەشىقى قاينام-تاشقىنلىقىغا چۆمگەن ئىدى، ھەر قايسىسىنىڭ مەشىقى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىدى، شى جىنپىڭ ماڭغاچ كۆردى. بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى مەشىقى بىلەن ئىمتىھانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ماشىنا مەكتەپ ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان مەشىق ئۈسكۈنىسى بولۇپ، كۇرسانتلار ناھايىتى بېرىلىپ مەشىق قىلىۋاتاتتى، شى جىنپىڭ تەپسىلىي كۆردى. شى جىنپىڭ ئۇچقۇچىلارنى ياخشى ئۆگىنىپ، جاپالىق ۋە ئىلمىي مەشىق قىلىپ، بالدۇرراق كۆكتىكى بۈركۈت بولۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  ئارقىدىن شى جىنپىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تەجرىبىخانىسىغا بېرىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەشغۇلاتىنىڭ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەشغۇلاتچىلىرىنى تەربىيەلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر تۈرلۈك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سىستېمىسى كۆپلەپ پەيدا بولدى، ئادەمسىز ئۇرۇش ئۇرۇش قىياپىتىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. ئادەمسىز ئۇرۇش تەتقىقاتى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كەسپى قۇرۇلۇشى، ئەمەلىي ئۇرۇش تەلىم-تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئىشلىتىش ۋە قوماندانلىق قىلىش ئىختىساسلىقلىرىنى تېز يېتىشتۈرۈش لازىم.