ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، داۋاملىق تۈردە ئىقتىسادى گۈللەنگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق، مۇھىتى گۈزەل، خەلقى باياشات گۈزەل يېڭى نىڭشيا قۇرۇش كېرەك

日期:2020年06月12日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ نىڭشيادا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، داۋاملىق تۈردە ئىقتىسادى گۈللەنگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق، مۇھىتى گۈزەل، خەلقى باياشات گۈزەل يېڭى نىڭشيا قۇرۇش كېرەك

6 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ نىڭشيادا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋۇجۇڭ شەھىرى خۇڭسىباۋ رايونى خۇڭسىباۋ بازىرىنىڭ خۇڭدې كەنتىدە كۆچۈرۈلگەن ئاممىنى يوقلاپ، كەنت ئاھالىلىرىگە قول ئىشارىتى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

6 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ نىڭشيادا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ يىنچۇەن شەھىرى خېلەن ناھىيەسى داۋيۈ كۇڭجيەن يېزا - كەنت ئېكولوگىيە سەيلە - ساياھەت باغچىسىدا، ئىشلەۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، يىنچۇەن، 6- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا نىڭشيادا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرنى تىرىشىپ يېڭىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، داۋاملىق تۈردە ئىقتىسادى گۈللەنگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق، مۇھىتى گۈزەل، خەلقى باياشات گۈزەل يېڭى نىڭشيا قۇرۇش كېرەك.

ياز كۈنلىرىدىكى تومۇز ئىسسىقتا، شىمالدىكى جياڭنەن بوستانلىقىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، ئوت - چۆپلەر بۇلۇق ئۆسكەنىدى. 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن رۈنئېر، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شيەن خۇينىڭ ھەمراھلىقىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ۋۇجۇڭ، يىنچۇەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېزا، مەھەللە، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك كەسىپ باغچە رايونى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

ۋۇجۇڭ شەھىرى خۇڭسىباۋ رايونى خۇڭسىباۋ بازىرىنىڭ خۇڭدې كەنتى ئېكولوگىيەلىك ئاھالە كۆچۈرۈلگەن كەنت بولۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 1036 ئائىلىلىك 4497 نامرات ئاھالە بار، ھازىر يەنە 20 ئائىلىلىك 50 ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلمىدى. 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن خۇڭدې كەنتىگە كېلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى. كەنتتىكى نامراتلارنى يۆلەش سېخىنىڭ قورۇسىدا، ئۇ نىڭشيا ھەمدە خۇڭدې كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ نامراتلارنى يۆلەش سېخىغا كىرىپ، قەغەز يەشىك پىششىقلاۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. يۇرتداشلار باش شۇجىغا كەنتنىڭ كارخانا كىرگۈزۈپ قەغەز يەشىك، ئوراش - قاچىلاش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 100دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغانلىقىنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ بۇنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلارنى يۆلەش سېخى قۇرۇشتىكى مەقسەت نامراتلارنى يۆلەش، سېخنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مايىللىشىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى كۆپرەك قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. يۇرتداشلار ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشسا، گەرچە كىرىمى شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغاندىكىدەك يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن ياتاق، تاماق، قاتناش قاتارلىق خىراجەتلەرنى تېجەپ قالالايدۇ، يەنە ئائىلىسىدىن خەۋەر ئالالايدۇ، بىر ئىشتىن كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. كارخانىلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سېخى قۇرۇشقا قاتنىشىشى ئالدىن بېيىغانلار كېيىنكىلەرنى بېيىشقا يېتەكلەشنىڭ نامايەندىسى بولۇپ، ناھايىتى ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ پىيادە مېڭىپ كەنت قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. خۇيزۇ كەنت ئاھالىسى ليۇ كېرۇينىڭ ئۆيىدە، ئۇ ھويلا، مېھمانخانا، ياتاق ئۆي، ئاشخانا، كالا قوتىنىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، بۇ ئائىلىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىم قىلىش، كېسەل كۆرسىتىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ليۇ كېرۇي باش شۇجىغا ئائىلىسىنىڭ تېرىلغۇ يېرىنىڭ ئوبوروت قىلىنغانلىقىنى، يەنە ئۈچ گۆش كالىسى بېقىۋاتقانلىقىنى، ئوغلى ۋە كېلىنىنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى، 2017 - يىلى پۈتۈن ئائىلە بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى، يۇرتداشلارنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىتىنىڭ ياخشىلىقىنى چىن كۆڭلىدىن ھېس قىلغانلىقىنى، كومپارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. شى جىنپىڭ ليۇ كېرۇي ئەر - خوتۇندىن يەنە قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرى توغرىسىدا قانداق ئويى بارلىقىنى سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇرتداشلار كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىنكى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش يەنە ئالدىدا. يۇرتداشلارنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىدىن قانائەتلىنىپ قالماي تېخىمۇ تېز ئىلگىرىلەپ، ئۆز ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بىر جۈپ قولى بىلەن تېخىمۇ گۈزەل يېڭى تۇرمۇش يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

كەنتتىن ئايرىلغاندا، كەنت ئاھالىلىرى بەس - بەستە كەنت ئېغىزىغا بېرىپ، باش شۇجىنى ئۇزىتىپ قويدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول ئىشارىتى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئۇ خۇاڭخې دەرياسى ۋۇجۇڭ بىڭخې چوڭ يولىدىكى قەدىمىي شەھەر قولتۇقى كېسەكلىك قوغداش بۆلىكىگە كېلىپ، دەريا بويىدىكى پىيادىلەر يولىنى بويلاپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش، ئاسراش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، خۇاڭخې دەرياسى نىڭشيا بۆلىكىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش، تۈزەش ۋە سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خۇاڭخې دەرياسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئانا دەرياسى، جۇڭخۇا مىللىتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى قىممەتلىك بايلىق. قەدىمدىن بۇيان، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيى نىڭشيادىن ئىبارەت بۇ گۈزەل، مۇنبەت تۇپراقنى ئوزۇقلاندۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ، بۈگۈنمۇ يەنە نىڭشيادىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىۋاتىدۇ. نىڭشيا چوڭ ۋەزىيەت قارىشىدا تۇرۇپ ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، خۇاڭخې دەرياسىنى تېخىمۇ قەدىرلەپ، خۇاڭخې دەرياسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاسراپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش قىزىل سىزىقى، تۆۋەن چېكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، توسما قۇرۇلۇشى، دەريا يولىنى تۈزەش، دەريا ساھىلىنى تۈزەش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت جان تومۇرىنى ياخشى قوغدىشى، ياخشىلىشى كېرەك.

كەچقۇرۇن، شى جىنپىڭ ۋۇجۇڭ شەھىرى لىتۇڭ رايونىنىڭ جىنخۇايۈەن مەھەللىسىگە باردى. مەھەللىدە دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالە 13 مىڭ 850 بولۇپ، خەنزۇ، خۇيزۇ، مانجۇ، موڭغۇل، زاڭزۇ قاتارلىق ھەر مىللەت ئامما ئىناق ئۆتۈپ، شەرەپ بىلەن «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك كوللېكتىپ» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. شى جىنپىڭ مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى - ئامما پائالىيەت مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ، مەھەللىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەھەللىسى بەرپا قىلىش ۋە خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، مەھەللىدىكى پىدائىيلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. مەھەللە مەيدانى ئىنتايىن قىزىپ كەتكەن بولۇپ، دەم ئېلىۋاتقان، كۆڭۈل ئېچىۋاتقان ئاھالىلەر باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئورىۋېلىپ، قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. شى جىنپىڭ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللىتى كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئۇلۇغ مىللەت. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، بىر ئاز سانلىق مىللەتمۇ كەم قالسا بولمايدۇ. ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە ئورتاق قەدەم قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى نامايان قىلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى. سوتسىيالىزم ئىشلەپ يارىتىلغان، بەخت كۈرەش قىلىشتىن كەلگەن. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىجىل تىرىشچانلىقى بولسا، ھەر مىللەت ئامما بوشاشماي كۈرەش قىلسا، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىمىز چوقۇم تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ.

خۇاڭخې دەرياسى سۈيىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى بىلەن، نىڭشيا تۈزلەڭلىكىنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، بايلىقى مول بولۇپ، ئەزەلدىن «شىمالدىكى جياڭنەن بوستانلىقى» دېگەن نامى بار. 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ يىنچۇەن شەھىرى خېلەن ناھىيەسىدىكى داۋيۈ كۇڭجيەن يېزا - كەنت ئېكولوگىيە سەيلە - ساياھەت باغچىسىغا كېلىپ، نىڭشيانىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى، يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى تىجارەت ئەندىزىسى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، نىڭشيانىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆردى، شالچىلىق - بېلىقچىلىق يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مەنزىرە كۆرۈش مۇنارىغا چىقىپ، باغچە رايونىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىگە ئېگىزدىن نەزەر سالدى. مەيىن شامالدا مايسىلار يېنىك يەلپۈنۈپ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى. ئۇ ئېتىز قىرىنى بويلاپ شاللىققا كىرىپ، ئىشلەۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. كەنت ئاھالىلىرى باش شۇجىغا، ھازىر يەر ئوبوروت ھەققى، ئەمگەك مۇلازىمەت ھەققى بارلىقىنى، يەنە يىل ئاخىرىدا پايدا تەقسىم قىلىنىدىغانلىقىنى، كىرىمىنىڭ ئاشقانلىقىنى، يەنە كاپالەت بارلىقىنى ئېيتتى. ھازىر دەل بېلىق قويۇپ بېرىش مەزگىلى بولۇپ، شى جىنپىڭ بېلىجان، قىسقۇچپاقا قۇمچاقلىرىنى ئېلىپ، ئېتىز بويىدىكى ئېرىققا قويۇپ بەردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زامانىۋى خاس يېزا ئىگىلىكى ۋە مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، جەزمەن خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولغان مەنپەئەتنى چېتىش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يۇرتداشلارنىڭ سىجىل نەپ ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شال - سۇ زىددىيىتىنى ياخشى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سۇ تېجەش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، سۇ تېجەش تىپىدىكى، يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۇ بايلىقىنى ياخشى قوغداش كېرەك. نۆۋەتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى پۇختا قەدەمدە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش نورمال تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ خېلەنشەن تېغىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. يىنچۇەن شەھىرى شىشيا رايونىدىكى يۈەنشى ھاراقچىلىقى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدا، ئۇ ھەيۋەتلىك خېلەنشەن تېغىغا يىراقتىن نەزەر سېلىپ، خېلەنشەن تېغىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خېلەنشەن تېغى دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم تەبىئىي جۇغراپىيەلىك چېگرا ئايرىش سىزىقى ۋە غەربىي شىمالدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى بولۇپ، غەربىي شىمالدىن خۇاڭخې، خۇەيخېغىچە بولغان رايونلارنىڭ كىلىمات تارقىلىشى ۋە ئېكولوگىيەلىك ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، غەربىي شىمال، شىمالىي جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغدىماقتا. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خېلەنشەن تېغىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قەتئىي ياخشى ئاسراش كېرەك.

ئۈزۈم ئۆستۈرۈش باغچىسىدا، شى جىنپىڭ ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار ۋە تېخنىك خادىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۈزۈم ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى، مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش يوللىرى ۋە كىرىم ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. خېلەنشەن تېغىنىڭ شەرقىي ئېتىكىدە كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك، سۇغىرىش قولايلىق بولۇپ، ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدۇ. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ. نىڭشيا ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خۇاڭخې دەرياسى ساھىلىنى تۈزەش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئاشۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ داڭلىق سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىپ، قوشۇلما قىممىتى ۋە ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، نىڭشيانىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، نىڭشيادىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قەتئىي بوشاشماي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، كونا - يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەلىرىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشى ۋە سۈپەتنىڭ مۇقىم ئۆسۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كارخانىلارنىڭ باج - ھەق يۈكىنى يېنىكلىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى جايىدا نەقلەشتۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىكى تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم، زور تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە دۇچ كەلگەن تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىنى ئىگىلەپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىمات، ئوبوروت، ئىستېمالدىن ئىبارەت ھەرقايسى ھالقىلارنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىپ تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىش، يېشىللىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يۇغۇرۇلۇش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسىنى تېز ئورنىتىپ، نىڭشيانىڭ تېخىمۇ كۆپ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا يۈزلەندۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نىشانلىق ئوق ئېتىپ ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى باھالاش، ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تولۇق رىقابەتلىشىدىغان بازارنى تېز يېتىلدۈرۈپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش مۇھىم، زور پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىچكى قىسىمغا ئېچىۋېتىش بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد سۇبيېكتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد مۇھىتى يارىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە توغرىلىنىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى نىشانلاپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈپ يۆلەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆچۈرۈلىدىغان ئاممىنىڭ كۆچۈپ چىقالايدىغان بولۇشى، مۇقىم تۇرالايدىغان بولۇشى، بېيىيالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، يۈكسەلدۈرۈپ، ھازىر بار بولغان سىياسەتلەرنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، دەريا يولى ۋە دەريا ساھىلىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئىككى قىرغاق توسمىسى، دەريا يولىنى تىزگىنلەش - سۇ باشلاش، دەريا ساھىلىنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەنى ئاسراش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مۇھىتنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، خۇاڭخې دەرياسى ئېقىم رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالدىن يولغا قويۇش رايونىنى تىرىشىپ قۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ غەم قىلىدىغان ئىشلىرى، باش قاتۇرىدىغان ئىشلىرى، ئەندىشە قىلىدىغان ئىشلىرىنى ھەقىقىي، ياخشى ھەل قىلىپ، ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشسىزلار، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. شەھەر - يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش كېرەك. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مۇستەھكەم غايە - ئېتىقاد مەڭگۈ بىزنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ غەلىبە قىلىشىمىزغا ئىلھام بېرىدىغان پۈتمەس - تۈگىمەس كۈچ مەنبەيىمىز. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر سەگەك كاللا ۋە سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشتە تەۋرەنمەي، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا تەۋرەنمەي، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىدا چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەي، قەتئىي بوشاشماي ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ كۈرەش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە قىلىپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان نەتىجە يارىتىش مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، چېن شى، خې لىفېڭ ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.