13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

日期:2020年05月27日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار قاتناشتى

لى جەنشۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى

5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەي جيەنلەن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى.

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ياۋايى ھايۋانلار قانۇنسىز سودىسى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى يېيىشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش توغرىسىدىكى قارارنى چىقاردى، ئاممىۋى سەھىيە قانۇنچىللىق كاپالىتى سىستېمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغان قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، قوزغاتتى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، چۈشەندۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى قانۇن مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى.

لى جەنشۇ دوكلاتتا دائىمىي كومىتېتنىڭ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى خىزمەت ئەھۋالىنى خۇلاسىلىدى: قانۇن لايىھەسى، قارار لايىھەسىدىن 48گە قاراپ چىقتى، 34نى ماقۇللىدى؛ 39 دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە ئۇنىڭغا قاراپ چىقتى، ئالتە قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ئۈچ قېتىم مەخسۇس تېمىلىق سۈرۈشتۈرۈشنى، يەتتە تۈرلۈك مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى، بىر تۈرلۈك قارار چىقاردى؛ بەش ئىككى تەرەپلىك شەرتنامىنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى؛ قانۇن بويىچە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى 282 ئادەم قېتىم ۋەزىپىگە تەيىنلىدى، ۋەزىپىدىن قالدۇردى، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. بىرىنچى، ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش توغرىسىدىكى قارارنى، جازا ئۆتەۋاتقان قىسمەن جىنايەتچىلەرنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى قارارنى چىقاردى، «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارار (لايىھە)»نى تەتقىق قىلىپ تۈزدى ھەم قاراپ چىقتى. ئىككىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ماسلىشىپ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىم، زور ئىسلاھاتلارنىڭ قانۇنىي ئاساسقا ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ يۇقىرى سۈپەتتە قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى؛ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە ئائىت قانۇن چىقىرىشنى تېزلەتتى؛ رېۋىزىيە، ئەدلىيە، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق ساھەلەرگە ئائىت قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتتى. ئۈچىنچى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت بويىچە مۇھىم، زور ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىپىلىرىنى چۆرىدەپ نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتتى. دىققەتنى مەمۇرىي ھوقۇق، رېۋىزىيە ھوقۇقى، سوت قىلىش ھوقۇقى، تەپتىش قىلىش ھوقۇقىنىڭ قانۇن بويىچە توغرا يۈرگۈزۈلۈشىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇقرالار دائىم غەم قىلىدىغان جىددىي ئىش، قىيىن ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بارلىق خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈردى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىگە تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشتى. تۆتىنچى، ۋەكىللەرنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللايدىغان ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىدىغان خىزمەت تۈزۈمى مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى 35 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنى تۈزدى، ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيە ۋە تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل بېجىرىپ، ۋەكىللەرنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى رولىنى جارى قىلدۇردى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ۋەكىللەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتتى، ۋەكىللەرنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇردى، ۋەكىللەرگە مۇلازىمەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. بەشىنچى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ، تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە بولغان تەشەببۇسكارلىقى، قاراتمىلىقى، بىرتۇتاش پىلانلاشچانلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. ئالتىنچى، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى.

لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدە يەنە بەزى پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت. بىز ۋەكىللەر ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۈچەيتىمىز ۋە ياخشىلايمىز.

لى جەنشۇ دوكلاتتا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا تىرەك بولىدىغان تۈپ سىياسىي تۈزۈم. باشتىن - ئاخىر خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيەت خاسلىقى، دەۋر خاسلىقىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئارقىلىق دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى خەلقنىڭ قولىغا چىڭ تۇتقۇزۇش كېرەك.

لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2020 - يىلى، بىزنىڭ پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. دائىمىي كومىتېت جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى چىڭ كۆزلەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى چىڭ كۆزلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىسىنى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە، يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

لى جەنشۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر باسقۇچلۇق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئالتە جەھەتتىن ئىزاھلىدى: ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ مۇھىم ساھەلەرگە ئائىت قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىش؛ قانۇن بويىچە نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ ۋەكىللەرنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللاش؛ تاشقى ئالاقىنى پائال قانات يايدۇرۇش؛ دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش.

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى جوۋ چياڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەرگەندە مۇنداق دېدى: 2019 - يىلى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش» نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇردى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 34 مىڭ دېلونى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى 29 مىليون 22 مىڭ دېلونى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردى، ئىجرا قىلىپ ئاياغلاشتۇردى.

جوۋ چياڭ سەككىز جەھەتتىن 2019 - يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەرنى دوكلات قىلدى: بىرىنچى، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىن تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇشقا تۈرتكە بولدۇق؛ ئىككىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلدۇق؛ ئۈچىنچى، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغدىدۇق؛ تۆتىنچى، زىددىيەت - ماجىرالارنى خەلققە قولاي، يۇقىرى ئۈنۈمدە پەسەيتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشقا پائال قاتناشتۇق؛ بەشىنچى، «ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش» نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئىجرا قىلىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشۈشىنى ساقلىدۇق؛ ئالتىنچى، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە ئاقىل سوت مەھكىمىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق؛ يەتتىنچى، ئىنقىلابىيلىشىش، مۇنتىزىملىشىش، كەسىپلىشىش، كەسپىيلىشىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق سوت مەھكىمىسى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتتۇق؛ سەككىزىنچى، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىنى كۈچەيتتۇق ۋە ياخشىلىدۇق.

جوۋ چياڭ مۇنداق دېدى: 2020 - يىلى، خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىسى − كۈچەپ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرتىپنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىش؛ كۈچەپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش؛ كۈچەپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ كۈچەپ خەلق تۇرمۇشى جەھەتتىكى قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تۈردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا رايون، جىنس ئايرىمىسى قاتارلىق كەمسىتىشلەرنى قانۇن بويىچە تۈزىتىش، قەتئىي تۈردە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنىڭ ئەمگەك توختام مۇناسىۋىتىنى سەۋەبسىز بىكار قىلىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە تۈزىتىش؛ كۈچەپ سوت قىلىش سىستېمىسى ۋە سوت قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ كۈچەپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان سوت مەھكىمىسى قوشۇنى قۇرۇش.

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەرگەندە مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك نازارەتچىلىكىدە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭ ۋەزىيەتكە ئېتىبار بېرىپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئۆزىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك تەپتىش قىلىش خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. دوكلاتتا ئايرىم - ئايرىم ھالدا تەپتىش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش جېڭى ئەھۋالى، 2019 - يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلەش ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى تونۇشتۇرۇلدى.

جاڭ جۈن مۇنۇلارنى دېدى: 2020 - يىلى 2 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، تەپتىش ئورگانلىرى جەمئىي 3700دىن ئارتۇق يۇقۇمغا ئالاقىدار جىنايى ئىشلار جىنايەتچىسىنى قولغا ئېلىشنى، 2500دىن ئارتۇق كىشىنى ئەيىبلەشنى تەستىقلىدى، ئالاقىدار ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى دېلوسىدىن 2800دىن ئارتۇقنى بېجىردى. 2019 - يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى تۈرلۈك دېلودىن جەمئىي 3 مىليون 140 مىڭدىن ئارتۇقنى بېجىردى، بۇ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.7 ئۆرلىدى. بىرىنچى، دۆلەت ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلدى. دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىدى، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانۇنغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا ئالغا سىلجىتتى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا پۇختا مۇلازىمەت قىلدى، كارخانىلارنىڭ تىجارىتى، تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئەمەلىي قوللىدى، پائال نەتىجە يارىتىپ يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈردى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، چىن ھېسسىياتى ئارقىلىق ئاممىدىن كەلگەن خەت - چەكلەرنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب قايتۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، مەۋقەنى دېلو بېجىرىشكە قويۇپ، جەمئىيەتنىڭ قانۇنچىللىق قارىشىنى يېتەكلىدى. ئىككىنچى، دەۋر تەرەققىياتىغا يېتىشىپ، ئۇيغۇنلىشىپ، قانۇننى نازارەت قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى پۇختا ئادا قىلدى. تىرىشىپ جىنايى ئىشلار تەپتىشلىكىنى ئەلالاشتۇردى، ھەق تەلەپ تەپتىشلىكىنى كۈچەيتتى، مەمۇرىي تەپتىشلىكنى ئەمەلىيلەشتۈردى، ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى تەپتىشلىكىنى ياخشى ئىشلىدى. ئۈچىنچى، ئۆز قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، تەپتىشلىك قىلىش بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش ئورۇنغا قويۇپ، تەپتىشلىك كەسپىي قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەپتىش ئورگانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇردى. تۆتىنچى، خەلقنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، تەپتىش قىلىش ھوقۇقىنى ئاشكارا يۈرگۈزدى.

جاڭ جۈن مۇنۇلارنى دېدى: بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان يىل، يۇقۇم يېڭى خىرىس ئېلىپ كەلدى، تەپتىش ئورگانلىرى جەزمەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشى كېرەك. باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر «مۇقىم ئىلگىرىلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، قانۇنچىللىق ئاڭلىقلىقى، تەپتىشلىك ئاڭلىقلىقى ئارقىلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2956 كىشى، يىغىنغا قاتناشقانلار 2886 كىشى، قاتنىشالمىغانلار 70 كىشى، قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىنغا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى ۋاڭ چېن رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيماچىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ياڭ جېنۋۇ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.