شى جىنپىڭ خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاپ، سىستېمىلىق قايتا تۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇداپىئە تورىنى پۇختىلاش، زىچلاشتۇرۇش لازىم

日期:2020年05月26日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 24-ماي چۈشتىن كېيىن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىدا خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زور يۇقۇم ئەھۋالى ۋە تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش — دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتىغا، ئىجتىمائىي، سىياسىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاش، سىستېمىلىق قايتا تۈزۈش، ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى كۆزىتىش، سىگنال بېرىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئېغىر يۇقۇمدىن قۇتقۇزۇش-داۋالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى سەھىيە بويىچە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تۈزۈلمە-مېخانىزم قاتلىمىدىن مۇناسىۋەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ يىغىن مەيدانىغا كىرگەندە، كۆپچىلىك ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

  لو جيې، يەن جى، جاڭ ۋېنشى، سۇڭ چىڭلى، يۈ چېڭ قاتارلىق بەش ۋەكىل ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئەمەلىي ئىقتىسادقا يار-يۆلەك بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، نامرات تاغلىق رايونلارنىڭ چوڭ قاتناش قۇرۇلۇشى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە جۇڭگونىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى. شى جىنپىڭ ۋەكىللەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  شى جىنپىڭ ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خۇبېي خەلقى، ۋۇخەن خەلقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشۇپ، غايەت زور قۇربان بەردى. ۋۇخەن قەھرىمان شەھەر بولۇشقا مۇناسىپ، خۇبېي خەلقى ۋە ۋۇخەن خەلقى قەھرىمان خەلق بولۇشقا مۇناسىپ. ئۇ بۇ يەردە ئولتۇرغان كۆپچىلىكتىن، خۇبېيدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ كېڭىيىش، يامراش ۋەزىيىتى يەنىلا ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنمىدى، دۆلەت ئىچىدىكى ئايرىم رايونلاردا يىغىلىش خاراكتېرلىك يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا مەۋجۇت، خۇبېيدا بەزىدە يەنە دىياگنوز قويۇلغان تارقاق بىمارلار كۆرۈلمەكتە، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار ھەر كۈنى يەنە كۆپەيمەكتە. يىڭنە ئۇچى چوڭلۇقتىكى تۆشۈكتىن كۈرە چوڭلۇقتىكى شامال ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ تارىنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، باشتىن-ئاخىر ئېھتىياتچان بولۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا باش كۆتۈرۈشتىن ساقلىنىش خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇش لازىم، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە تەستە قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنىڭ يوققا چىقىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەملىكەت بويىچە يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر، باشقۇرۇش، كونترول قىلىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ئۆلكە بولۇش سۈپىتى بىلەن، خۇبېي ئىقتىسادنىڭ قايتا گۈللىنىشىدە بىر قەدەر زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خۇبېي ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ئاساسىي ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولمىدى، كۆپ يىللاردىن بۇيان توپلىغان ئۇنىۋېرسال ئۈستۈنلۈك ئۆزگەرگىنى يوق، دۆلەت ۋە رايون تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئورنى ئۆزگەرگىنى يوق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىپ بېكىتتى. خۇبېيدىكى يولداشلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشىنى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، دادىللىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان- ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىپ، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.