ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىش كېرەك

日期:2020年05月13日
来源:新疆日报
【字体:

شى جىنپىڭ سەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىش كېرەك

5 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ داتۇڭ شەھىرىنىڭ يۈنجوۋ رايونىدىكى ئورگانىك سېرىق گۈلنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش بازىسىدا ئەمگەك قىلىۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

5 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ تەييۈەن پولات - تۆمۈر (گۇرۇھى) داتلاشماس پولات، سىپتا تاسما پولات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تەييۈەن، 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا سەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرنى تىرىشىپ يېڭىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تىپ ئۆزگەرتىش تەرەققىياتىدا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، سەنشىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىش كېرەك.

باش ياز مەزگىلىدە، سەنشى زېمىنىدا تاغلار يېشىللىققا پۈركىنىپ، ھەممە مەۋجۇداتلار جانلانغانىدى. 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ سەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لوۋ ياڭشېڭ ۋە ئۆلكە باشلىقى لىن ۋۇنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ داتۇڭ، تەييۈەن قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ بازىسى، كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەر يېڭى كەنتى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى، ئىسلاھاتتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ۋە كارخانا قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش جەھەتتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن داتۇڭ شەھىرىنىڭ يۈنجوۋ رايونىغا كېلىپ، ئورگانىك سېرىق گۈلنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش بازىسىنى تەكشۈردى، داتۇڭنىڭ سېرىق گۈل ئۆستۈرۈشتە 600 يىلدىن كۆپرەك تارىخى بار بولۇپ، شۇ جاينىڭ يېتەكچى كەسپى ھېسابلىنىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باشلامچى كارخانىلار، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سېرىق گۈل مەھسۇلات مىقدارى، سۈپىتى مۇقىم بولۇپ، سېتىش يولى ۋە باھاسىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى، بۇلتۇر نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئائىلە ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 10 مىڭ يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. شى جىنپىڭ ئېتىزلىققا كىرىپ، سېرىق گۈلنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئەمگەك قىلىۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى چۆرىدەپ كېلىشتى، شى جىنپىڭ ئۇلاردىن سېرىق گۈلنىڭ ئېتىز پەرۋىشى، بازار باھاسى، مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش يولى قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يۇرتداشلار نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، مېنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم، قانداق قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مۇستەھكەملەش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇرتداشلارنىڭ كىرىمىنىڭ سىجىل ئېشىپ بېيىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتۇر. سېرىق گۈل كەسپىنى ياخشى قوغداپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە داڭلىق ماركىغا ئايلاندۇرۇپ، سېرىق گۈلنى يۇرتداشلارنىڭ «بېيىش گۈلى»گە ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە قىلىدۇ، پۇقرالار ئۈچۈن قانچىلىك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلغانلىقنى سىياسىي نەتىجىنى سىناشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىدۇ. ئۆستۈرۈش بازىسىدىن ئايرىلىپ، شى جىنپىڭ يېقىن ئەتراپتىكى يۈنجوۋ رايونىنىڭ شىپىڭ بازىرى فاڭچېڭ يېڭى كەنتىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بۇ كەنت باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن كەنت بولۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 77 نامرات ئائىلە، 158 كىشى بار، 2018 - يىلى كۆچۈپ كىرىشكە باشلىغاندىن بۇيان، سېرىق گۈل خاس كەسپى قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. شى جىنپىڭ كەنتنىڭ ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش مۇلازىمەت پونكىتىغا كېلىپ، يېڭى كەنتنىڭ نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، سېرىق گۈل كەسپىگە ئالاقىدار مەھسۇلات كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، داتۇڭ شەھىرىنىڭ كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: باشقا جايغا كۆچۈرۈش ئولتۇراقلىشىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئاممىنى بېيىتىش ئۈچۈندۇر. باشقا جايغا كۆچۈرۈپ داۋاملىق يۆلەشنى كۈچەيتىپ، ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا - كەنت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپ تۈرلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاممىنىڭ نەپكە ئېرىشىشىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش، پۇل مۇئامىلە ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى قاتارلىق جەھەتلەردە سىياسەت چىقىرىپ، يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار ھەم يېزا - كەنت كەسىپ تۈرلىرىنىڭ ياخشى تەشكىللىگۈچىسى، ياخشى تۈرتكىچىسى، ھەم ئامما مەنپەئىتىنىڭ ياخشى قوغدىغۇچىسى بولۇشى كېرەك. شى جىنپىڭ كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ نامرات نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن جاپالىق تىرىشچانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۆچۈرۈلگەن ئاھالە بەي گاۋشەننىڭ ئۆيىدە، شى جىنپىڭ ھويلا - ئاران، مېھمانخانا، ئاشخانا، ھاجەتخانا قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن كاڭ لېۋىدە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى. بەي گاۋشەن باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بىز توپا گەمىدە تۇراتتۇق، بۈگۈنكى كۈندە قورۇسى ئايرىم كاھىشلىق چوڭ ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق، يېقىن ئەتراپتا ئىشلەمچىلىك قىلىمىز، تۇرمۇش شارائىتىمىز زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، بۇلتۇر ئوغلىمىزنى ئۆيلەپ قويدۇق، بۇ يىل ئەر - خوتۇن ئىككىمىز نەۋرىلىك بولدۇق، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: كوممۇنىستىك پارتىيە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيدۇ، ھازىر قالدۇرۇق ئېلىنمايدۇ، باج ئېلىنمايدۇ، ھەق ئېلىنمايدۇ، ئاشلىق تاپشۇرۇلمايدۇ، بەلكى نامرات ئاممىغا داۋالاش يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، دورا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، ئۆي سېلىپ بېرىلىدۇ، تېخنىكا ئۆگىتىلىدۇ، بېيىش يولى تېپىپ بېرىلىدۇ، يۇرتداشلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۈنلىرىنىڭ تېخى ئالدىدا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تاماملىنىدىغان يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ياخشى مۇستەھكەملەش كېرەك، ئەمدى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنى ياخشى قىلىپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى گۈزەل قىلىش كېرەك. باشقا جايدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئامما ئوخشىمىغان كەنتتىن كەلگەن بولۇپ، ئىلگىرىكى تارقاق ئولتۇراقلىشىشتىن مەركەزلىك ئولتۇراقلىشىشقا ئۆزگەردى. مەھەللە قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەھەللە مۇھىتىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ھەم يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرەلىشىگە، ھەم يېڭى تۇرمۇش كەچۈرەلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

كەنتتىن ئايرىلغان چاغدا، كەنت ئاھالىلىرى باش شۇجى بىلەن خوشلاشتى. شى جىنپىڭ يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك، كۆڭۈللۈك ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

قاش قارايغان مەزگىلدە، شى جىنپىڭ يۈنگاڭ غارىغا كېلىپ تەكشۈردى. يۈنگاڭ غارى 1500 نەچچە يىللار ئىلگىرى ياسالغان بولۇپ، جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيىتى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى، بۇددا دىنى سەنئىتى بىلەن تاش ئويما سەنئىتى ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان مەدەنىيەت - سەنئەت خەزىنىسى. شى جىنپىڭ ھەيكەل، تام رەسىملىرىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرگەچ، پات - پات خىزمەتچى خادىملاردىن غار تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۈنگاڭ غارى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى، يۈنگاڭ غارىنى ياخشى قوغداش جۇڭگو ئەھمىيىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى دۇنياۋى ئەھمىيەتكىمۇ ئىگە. تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قايتا ھاسىل بولمايدىغان، ئورنىغا دەسسەتكىلى بولمايدىغان قىممەتلىك بايلىق، قوغداشنى باشتىن - ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قوغداشنى ئالدىنقى شەرت قىلىش كېرەك، زىيادە تاۋارلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ساياھەتنى كىشىلەرنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىدىغان، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئاشۇرىدىغان جەريانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. يۈنگاڭ غارىغا مۇجەسسەملەنگەن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. ساياھەتچىلەر باش شۇجىنى كۆرۈپ بەس - بەستە يۇقىرى ئاۋازدا «باش شۇجى ياخشىمۇسىز!» دېيىشتى، شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى ھەم مەنزىرە رايونىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىغا دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئادەم ئېقىمىنى كونترول قىلىپ، كىشىلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە توپلىشىشى سەۋەبلىك يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىشنى تاپىلىدى.

سەنشى مەملىكەت بويىچە پۈتۈن ئۆلكە رايونلۇق، ھەر تەرەپلىمىلىك، سىستېمىلىق دۆلەت بايلىق تىپىدىكى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن بىرىنچى ئىسلاھات تەجرىبە رايونى. 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ سەنشى تىپنى ئۆزگەرتىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش كۆرگەزمە زالىغا كېلىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، يېڭىلىق يارىتىش مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇزاقتىن بۇيان، سەنشى ئۆلكىسى كۆمۈر ئارقىلىق گۈللىنىپ، كۆمۈر ئارقىلىق قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، يالغۇز كۆمۈر كەسپىنىلا زورايتىش كەسىپنىڭ بىرلا خىل بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى. تىپنى ئۆزگەرتىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سەنشىگە تاپشۇرغان بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ۋەزىپە، شۇنداقلا سەنشىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر. سەنشىدە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك پىلان بولۇشى كېرەك، توغرىلىرىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، قايتىلىماي، تەكرارلىماي، تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى يولىنى بالدۇرراق تېپىپ چىقىشى كېرەك.

ئارقىدىن شى جىنپىڭ تەييۈەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھى داتلاشماس پولات، سىپتا تاسما پولات چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بۇ كارخانا ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر - سەنئىتىگە تايىنىپ، ئۆزىنىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز، دەرىجىدىن تاشقىرى تەكشى، دەرىجىدىن تاشقىرى قاتتىق» مەھسۇلات ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق تېز تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈردى. شى جىنپىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرىپ، كارخانىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كارخانىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. پارقىرىتىش ماشىنا گۇرۇپپىسى ئالدىدا، شى جىنپىڭ زور قىزىقىش بىلەن قېلىنلىقى پەقەت 0.02 مىللىمېتىر كېلىدىغان داتلاشماس پولات نېپىز ماتېرىيالى «قولدا يىرتقىلى بولىدىغان پولات» مەھسۇلاتلىرىنى كۆردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەھسۇلات ۋە تېخنىكا كارخانىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى. كارخانىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش جەھەتتە يېڭى، تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھازىر پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى يېڭى باسقۇچقا كىردى ھەم مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بېسىمىغا دۇچ كەلدى، كارخانىنىڭ بىخۇدلۇق، بوشاڭلىق قىلماي، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ ياخشى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ساغلام ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قولدىن كەتكەن ۋاقىتنى قايتۇرۇپ كېلىپ، تىرىشىپ بۇ يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

فېنخې دەرياسى سەنشىنىڭ ئانا دەرياسى، شۇنداقلا خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئىككىنچى چوڭ تارماق ئېقىنى، تەييۈەن شەھەر رايونىدا توققۇز ئاساسلىق تارماق ئېقىن بار. تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، فېنخې دەرياسىنىڭ سۈيى بىر مەھەل ئېغىر بۇلغانغانىدى. 2017 - يىلى 6 - ئايدا، شى جىنپىڭ سەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا فېنخې دەرياسىنىڭ «سۇ مىقدارىنى ئۇلغايتىش، سۇ سۈپىتىنى ياخشىلاش، مەنزىرىسىنى گۈزەللەشتۈرۈش» تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. فېنخې دەرياسىنىڭ سۇ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، شەھەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، تەييۈەن شەھىرى «توققۇز ئېقىن»نى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، 2018 - يىلى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدى. 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتە، شى جىنپىڭ ئالايىتەن فېنخې دەرياسى تەييۈەن شەھەر رايونى جىنياڭ كۆۋرۈكى بۆلىكىگە كېلىپ، تەييۈەن شەھىرىنىڭ فېنخې دەرياسى ۋە «توققۇز ئېقىن»نى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، دەريا بويىدا پىيادە مېڭىپ فېنخې دەرياسىنىڭ سۈيىنى تۈزەش ۋە ئىككى قىرغاقنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش، شەھەر مۇھىتى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تەييۈەن فېنخې دەرياسى بويىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشىدىن مەمنۇن بولدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: فېنخې دەرياسىنى تۈزەش سەنشىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە تەييۈەن ھەتتا سەنشىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشقىمۇ مۇناسىۋەتلىك. تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراشنى كۈچەيتىشنى ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىش، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇش، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاپ، تاغنى تۈزەش، سۇنى تۈزەش، كىلىماتنى تۈزەش، شەھەرنى تۈزەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىجىل كۈچەپ، «گۈزەل تەييۈەن شەھىرى»نىڭ كاتتا مەنزىرىسىنى قايتا نامايان قىلىپ، تەييۈەننىڭ جەلپ قىلىش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، تەييۈەن خەلقىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. دەريا بويىدا، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ئارام ئالغاچ بەدەن چېنىقتۇرۇۋاتاتتى، باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بەس - بەستە چۆرىدىشىپ كېلىپ، باش شۇجىدىن ئەھۋال سوراشتى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ سەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، سەنشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بېسىمى سىجىل ئېشىۋاتىدۇ، دۆلەت ئىچىدە يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلۈش خەۋپ - خەتىرى باشتىن - ئاخىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ يېڭىدىن يامرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك، ئەجىرنى يوققا چىقىرىشقا قەتئىي بولمايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كارخانا ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە دۇچ كەلگەن تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىكى تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرلەرنى پۇختا تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى بولۇپمۇ ياسىمىچىلىقنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، مۇھىم، زور مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېنېرگىيە ئىنقىلابى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئەلالاشتۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك، يېتەكلەش خاراكتېرلىك، بەلگە خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، يېڭى ئۇل قۇرۇلۇش، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئۈسكۈنە، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى كەسىپ ھالىتىدە ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، داۋاملىق دۆلەت كارخانىلىرى - دۆلەت مۈلكى، مالىيە - باج − پۇل مۇئامىلە، تىجارەت - سودا مۇھىتى، پۇقراۋى ئىگىلىك، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، شەھەر بىلەن يېزىنى يۇغۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ئىسلاھات ساھەلىرىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «يوۋيۈ روھى»نى جارى قىلدۇرۇپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «ئىككى تاغ، يەتتە دەريا، بىر ئېقىن رايونى»نىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەشنى ياخشى تۇتۇپ، خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا يولغا قويۇپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى رايونلىرىنىڭ قوغداش داۋامىدا ئېچىشى، ئېچىش داۋامىدا قوغدىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ئاساسىنى كۈچەپ پۇختىلاپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلاپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. قېپقالغان نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى داۋاملاشما يۆلەشنى ياخشى ئىشلەپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش بويىچە كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە پائال ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر، شەھەر - بازارلاردىكى قىيىنچىلىقى بار خادىملار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەپ، بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا ئاشكارىلانغان ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى تېزدىن تولۇقلاپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاساسىي قاتلامغا يۆتكەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مول، رەڭدار تارىخىي مەدەنىيەت، قىزىل مەدەنىيەت بايلىقىنى تولۇق قېزىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەشۋىق - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى چوڭقۇر قېزىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئەخلاق - پەزىلىتىنى ئۆستۈرۈش، ياخشى كەيپىيات يارىتىش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي قۇرۇلۇشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش كۈچىنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا تۈرلۈك ناتوغرا ئىستىللارغا قارشى كۈرەش قىلىش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، خې لىفېڭ ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.