ئىشەنچنى چىڭىتىشتا تەۋرەنمەي، نىشاننى چىڭ كۆزلەشتە بوشاشماي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاش كېرەك

日期:2020年03月18日
来源:新疆日报
【字体:

چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا نامراتلىق قالپىقى ئېلىپ تاشلىنىدىغان نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى بويىچە مەخسۇس تېمىدا جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلغان، نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىشەنچنى چىڭىتىشتا تەۋرەنمەي، نىشاننى چىڭ كۆزلەشتە بوشاشماي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاش كېرەك


3 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزاۋات، يېڭىسار، قاغىلىق، يەكەن ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ قاتارلىق بۇ يىل نامراتلىق قالپىقى ئېلىپ تاشلىنىدىغان ئېغىر نامرات ناھىيەلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى بويىچە مەخسۇس تېمىدا جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلدى، نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلدى. سۈرەتتە: 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، چېن چۈەنگو يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ماڭشىن يېزىسى چاقىرىقوي كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە يۈسۈپ ئەمەتنىڭ ئۆيىدە بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)


3 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزاۋات، يېڭىسار، قاغىلىق، يەكەن ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ قاتارلىق بۇ يىل نامراتلىق قالپىقى ئېلىپ تاشلىنىدىغان ئېغىر نامرات ناھىيەلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى بويىچە مەخسۇس تېمىدا جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلدى، نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلدى. چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى زىچ چۆرىدەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىشتا تەۋرەنمەي، نىشاننى چىڭ كۆزلەشتە بوشاشماي، تېخىمۇ چوڭ ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك سالماق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىللە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئېتىز - ئېرىق باشلىرىدىن تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق بازىلىرىغىچە، يېزا - كەنتلەردىكى دېھقان ئائىلىلىرىدىن نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرىغىچە چېن چۈەنگو ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، كەنتلەرگە بېرىپ ئائىلىلەرگە كىرىپ، نامراتلارنى زىيارەت قىلىپ، چارە - تەدبىر سوراپ، نەق مەيداندا جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلدى، قەدىمى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نامراتلىق قالپىقى ئېلىپ تاشلىنىدىغان قېپقالغان ئون چوڭقۇر نامرات ناھىيەگە يەتتى.

«ئۆيىڭىزدە نەچچە جان بار، قانچە مو يېرىڭىز بار؟» «ئىشقا ئورۇنلاشتىڭىزمۇ - يوق، ئاساسلىق كىرىم مەنبەيىڭىز نېمە؟» «كېسەل كۆرسىتىشكە بىر يىلدا قانچە پۇل كېتىدۇ؟ بالىلارنى ئوقۇتۇشتا يۈكىڭىز بارمۇ؟» ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە ئېلىجان ئىسمايىل، ھىمىت سەلەي، يۈسۈپ ئەمەت، مەريەمنىسا ئەخمەت، ئەخمەت تۇرسۇن قاتارلىق ئاممىنىڭ ئۆيلىرىدە، چېن چۈەنگو كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئۇلارنى داۋاملىق تىرىشىپ، ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ، كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ بېيىپ، كۈنلىرىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە رىغبەتلەندۈردى.

ئاقتۇ ناھىيەسى ۋە يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىلىرىدىكى پارنىكلاردا شوخلا، لازا قاتارلىق كۆكتاتلار ياخشى ئۆسكەنىدى. چېن چۈەنگو پارنىكقا كىرىپ، دېھقانلار بىلەن ئېتىز - ئېرىق باشقۇرۇشى، ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى، بازاردا سېتىش، كىرىم، پايدا تەقسىملەش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدا پاراڭلاشتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك.

پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار باغچىسى، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدىكى نامراتلارنى يۆلەش سېخى، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى ياڭاق توپ سېتىش سودا بازىرى قاتارلىق جايلاردا، چېن چۈەنگو كىيىم تىكىش، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، خاس مېۋە - چېۋە پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىغا كېلىپ، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشقان نامرات ئامما ۋە كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن كىرىم توغرىسىدا مۇڭداشتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش توغرىسىدا پاراڭلاشتى، تەرەققىيات توغرىسىدا ئىزدەندى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: نامرات نوپۇس ئىشقا ئورۇنلاشقاندىلا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. قەتئىي بوشاشماي كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسپىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى باشلامچى كارخانىلارنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى سىجىل كۈچەيتىپ، نامرات ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

چېن چۈەنگو مەخسۇس تېمىدا جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلغان، نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشتا تەۋرەنمەسلىك، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا تەۋرەنمەسلىك، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى ساقلاشتا تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆتكەلگە بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاش كېرەك. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىرادىسى تېخىمۇ يېتەرلىك بولۇش كېرەك. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى ۋە بىرلا غەيرەتكە كېلىش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، ئۇرغۇپ تۇرغان غەيرەت بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۆلچىمى تېخىمۇ توغرا بولۇش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، قېپقالغان نامرات نوپۇسقا قارىتا ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ساختا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، سان - سېپىردا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قىلماسلىق كېرەك؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بولغانلارغا قارىتا مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشتا تېخىمۇ قاتتىق بولۇش كېرەك. قىيىنىغا تېگىش قىلىپ «ھەيدەكچىلىك قىلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ھۆددىگە ئېلىش - ئالاقىلىشىش، ياردەم بېرىش - يۆلەشتىن ئىبارەت «ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قېپقالغان نامرات ئاھالىلەرنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر كەنتكە بىر لايىھە، بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشنى چەكلەپ قويۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش كېرەك. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىرلىرى تېخىمۇ ئەمەلىي بولۇش كېرەك. «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامرات كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئائىلىگىچە، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىشاننى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا قارىتىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كۈندە كىرىمى بولۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بولغان ئاممىنىڭ كىرىمىنىڭ ئازىيىپ كەتمەسلىكى، قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مېخانىزمى تېخىمۇ مۇقىم بولۇش كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش، سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سىياسەتنىڭ مۇقىملىقى، سىجىللىقىنى ساقلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچى، مالىيە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بايلىقلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرلەشتۈرۈپ، قوللاش، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەنتمۇكەنت، ئۆيمۇئۆي ھېساباتقا سېلىشتۇرۇپ تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرقى قاتتىق قىيىنچىلىقنى قەتئىي يېڭىش كېرەك. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ قاتتىق بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، خىزمەتتە بوشىشىپ كېتىش، بوشاڭلىق قىلىش، زېھنىنى باشقا ياققا بۇراشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك.