نىشان - ئۆلچەمنى چىڭ كۆزلەپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق جەڭنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەتئىي ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

日期:2020年03月12日
来源:新疆日报
【字体:

چېن چۈەنگو كېرىيە ناھىيەسىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

نىشان - ئۆلچەمنى چىڭ كۆزلەپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق جەڭنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەتئىي ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

3 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۆزى مەسئۇل بولغان ئېغىر نامرات ناھىيە كېرىيە ناھىيەسىگە بېرىپ، كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگە كىرىپ، قىيىنچىلىقى بارلارنى زىيارەت قىلىپ ئېھتىياجىنى سوراپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى نەق مەيداندا قانات يايدۇردى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو لەڭگەر يېزىسىنىڭ ئۈجمىلىك كەنتىدە ئېتىزدا ئەمگەك قىلىۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى كاپالىتى، ئېتىز پەرۋىشى، مەھسۇلات پايدىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىماقتا.

(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)


3 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۆزى مەسئۇل بولغان ئېغىر نامرات ناھىيە كېرىيە ناھىيەسىگە بېرىپ، كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگە كىرىپ، قىيىنچىلىقى بارلارنى زىيارەت قىلىپ ئېھتىياجىنى سوراپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى نەق مەيداندا قانات يايدۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك سالماق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تۈردە يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تولۇقلاپ، يۇقۇم دەخلى يەتكۈزگەن ۋاقىتنى قايتۇرۇۋېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش كېرەك.

ھازىر دەل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلى بولۇپ، لەڭگەر يېزىسىنىڭ ئۈجمىلىك كەنتىدىكى ئېتىز - ئېرىق باشلىرىدا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلگەنىدى. چېن چۈەنگو ئېتىز قىرلىرىدا مېڭىپ، ئېتىزلىقلارغا بېرىپ، ئۈزۈم تېلىنىڭ توپىسىنى بوشىتىپ ئوغۇتلاۋاتقان، باراڭلارنى چىڭىتىۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى كاپالىتى، ئېتىز پەرۋىشى، مەھسۇلات پايدىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىدى. ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىنى ياخشى ئىگىلەپ، دېھقانچىلىق مەزگىلىگە دەخلى يەتكۈزمەي، جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ بېيىپ، كۈنلىرىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

چېن چۈەنگو لەڭگەر يېزىسىنىڭ لەڭگەر ساي كەنتىدىكى نامرات ئاھالە مەتسەيدى ئابلا ۋە ھاشىخان ئابدۇلنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئاشخانىسىغا كىرىپ گۈرۈچ، ئۇن، ئاشلىق، ياغلىرىنى كۆردى، كىيىم ئىشكاپىنى ئېچىپ تۆت پەسىللىك كىيىم - كېچەكلىرىنى كۆردى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش خىراجىتىنى سورىدى، داۋالىنىش ئاساسىي كاپالىتىنى سۈرۈشتۈردى، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. دېھقانلارنىڭ ھويلىسىدا، كەنت ئاھالىلىرى ۋە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1 - شۇجىسى، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا مەسئۇللىرى بىلەن چۆرىدىشىپ يېقىن ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ۋە ھازىرقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چەكلەپ قويۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدا، بىرمۇ نامرات ئاممىنى چۈشۈرۈپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، بۇرچىغا يۈزكېلىپ، جەڭنى جەڭگە ئۇلاپ قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

خاۋلىدا كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتى، جۇڭتەي دۇڭجەن كىيىم - كېچەك زىبۇ - زىننەت چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ جېنخۇەن بېزەكچىلىك چەكلىك شىركىتى ۋە جاي يېزىسى گۆش كەپتىرى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى، كۆكيار يېزىسى توشقان باقمىچىلىق بازىسىدا، چېن چۈەنگو كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، باغچە رايونى، باشلامچى كارخانا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، تىجارەت چوڭ ئائىلىلىرىنىڭ تۈرتكىلىك رولى ۋە نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئۈلگىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرگە يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ، ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كۈندە كىرىمى بولۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو يەنە كېرىيە ناھىيەسىنىڭ قىزىلگۈل كىچىك بازىرىدىكى شىنجيايۈەن نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كېلىپ، باشقا جايدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئاھالە مەمتىمىن دۆلەت ۋە قۇۋانخان مەتسەيدىنىڭ ئۆيىدە، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ يېڭى تۇرمۇشىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتە «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلار»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، داۋاملاشما يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ مۇقىم تۇرالايدىغان بولۇشى، ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان بولۇشى، تەدرىجىي بېيىيالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، چېن چۈەنگو ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، بۇ يىل قالپىقى تاشلىۋېتىلىدىغان ئون نامرات ناھىيەگە قارىتا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى تۇتقا قىلىش، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، ئېشىپ قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى نامراتنىڭ نامرىتى، قىيىننىڭ قىيىنى بولۇپ، يېڭىش ئەڭ تەس بولغان قاتتىق قىيىنچىلىق. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى نىشانلاپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، چىشنى چىڭ چىشلەپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىشەنچنى چىڭىتىپ بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، نىشان - ئۆلچەمنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھالىتىنى ساقلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرماسلىق كېرەك. ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق جەڭنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، ۋىلايەت، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايون ناھىيەلەرگىچە جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ۋىلايەت، ناھىيەلەر كەنتلەرگىچە جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كادىرلار ئائىلىلەرگىچە ھۆددىگە ئېلىپ، نامرات كەنتلەرنى تولۇق قاپلاش، جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش بويىچە ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىدىغان بارلىق نامرات ئاھالىنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر كەنتكە بىر لايىھە، بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر قوللىنىپ، ئەڭ ئاخىرقى قاتتىق قىيىنچىلىقنى قەتئىي يېڭىش كېرەك. يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى تۇرغۇزۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كۈچلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ۋە يېڭىدىن نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇش، پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر ئورتاق تۇتۇش، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ھەمكارلىشىپ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بوشىشىپ كېتىش، بوشاڭلىق قىلىش، زېھنىنى باشقا ياققا بۇراشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، سان - سېپىردا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ساختا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ بو قاتارلىقلار بىللە جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلدى.