3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتە، خوشېنشەن دوختۇرخانىسىدىن ئايرىلىپ، شى جىنپىڭ ۋۇخەن شەھىرى دۇڭخۇ شىنچېڭ مەھەللىسىگە بېرىپ، ئۆيدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان مەھەللە ئاممىسىنى يوقلىدى، مەھەللىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا ئىگىلەپ، مەھەللىدىكى ئامما ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچى خادىملاردىن ھال سورىدى، ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتى.