ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

日期:2020年03月10日
来源:新疆日报
【字体:

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى چېن چۈەنگو سۆز قىلدى

3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 9 - ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 9 - ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. سۈرەتتە: يىغىن مەيدانى.

(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)


جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 9 - ئومۇمىي يىغىنى 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو سۆز قىلدى.

ئومۇمىي يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان ناھىيەلەردىكى شۆبە يىغىن مەيدانلىرىدا يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئەڭ غەم يەيدىغان ئىش، ئەڭ زور مەسئۇلىيەت بىلىپ، ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى جەڭگە ئاتلىنىپ، ئۆزى جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنىڭ زورلۇقى، كۆلىمىنىڭ كەڭلىكى، تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى مىسلىسىز بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدا مۆجىزە يارىتىلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتكە مۇتلەق نامراتلىققا ئەڭ ئاخىرقى ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ ئاتاكا سىگنالىنى ياڭرىتىپ، بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قانچە كەينىگە بارغانسېرى نامرات نوپۇسلارنى قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك سالماق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇم پەيدا قىلغان تەسىرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تولۇقلاپ، يۇقۇم دەخلى يەتكۈزگەن ۋاقىتنى قايتۇرۇۋېلىپ، نورمال ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار ئوبيېكتىپ تەھلىل قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تاماملىنىدىغان يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالىدىغان، ھېساب تاپشۇرىدىغان يىل، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھالىتىنى ساقلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەسكىرىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېغىر نامراتلىقنى يوقىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ ھەل قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، ئېشىپ قالغان نامرات نوپۇس، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ قالپاقنى تاشلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىنى شۇنچە قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، ئېشىپ قالغان نامرات نوپۇسقا قارىتا ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋېتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك، ساختا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا، سان - سېپىردا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بولغانلارغا قارىتا، ئاساسلىق زېھىننى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىلىرىنى كەم - كوتسىز، يۇقىرى سۈپەتلىك ئورۇنداش كېرەك. ئىككىنچى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى نىشانلاپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى قاتتىق تۇتۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىمىغان ئون ناھىيە، چېكىنىپ چىقمىغان 559 كەنتكە قارىتا ئومۇميۈزلۈك جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايون ناھىيەلەرگىچە جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ۋىلايەت، ناھىيەلەر كەنتلەرگىچە جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كادىرلار ئائىلىلەرگىچە ھۆددىگە ئېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىپ «ھەيدەكچىلىك قىلىپ»، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ «جەڭ قىلىپ»، ئەڭ ئاخىرقى قاتتىق قىيىنچىلىقنى قەتئىي يېڭىش كېرەك. ئۈچىنچى، يوچۇقلارنى تەكشۈرۈش، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك. ئەڭ قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپى، ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەر، ئەڭ ئاجىز ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھالدا يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنىڭ بىخەتەر، خاتىرجەم سۇ ئىچەلەيدىغان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشتىن قېلىشى، ئوقۇشتىن چېكىنىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، تىرىشىپ نامرات نوپۇسنىڭ چوڭ كېسەل، ئېغىر كېسەل بولغاندىن كېيىنكى ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، كۆپ تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تۆتىنچى، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەش كېرەك. «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلىك راۋاجلاندۇرۇپ، كەشتە تىكىش ماھارىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. بەشىنچى، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشى بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»، 2019 - يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ باھالاش، چوڭ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە «قىش پەسىللىك ھۇجۇم» قاتارلىقلاردا قايتما ئىنكاس قىلىنغان ۋە بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي ياخشى تۇتۇپ، تۈزىتىش ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، تۈزىتىش نىشانى، ۋاقىت چېكى، تەدبىرى، تەلىپى، مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەربىر مەسىلىنى ئاخىرغىچە تۇتۇشقا، جايىدا تۈزىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئالتىنچى، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى تېز ئورنىتىش كېرەك. دەرىجىگە ئايرىپ ئالدىن سىگنال بېرىش، دەرىجىگە ئايرىپ مەسئۇل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاراتمىلىقى بولغان ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن قوللىنىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ۋە يېڭىدىن نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يەتتىنچى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىلمىي ھۆكۈم قىلىش كېرەك. خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ۋاقىتتا ئالدىن سىگنال بېرىپ، كۆزىتىپ ئۆلچەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئالاقىدار دەسلەپكى لايىھە، لايىھەلەرنى تۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۈرئىتى ۋە سۈپىتىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سەككىزىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. چېكىنىپ چىققان نامرات ناھىيە، نامرات كەنت، نامرات نوپۇسلارغا قارىتا، قالپاقنى تاشلىسىمۇ مەسئۇلىيەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ سىياسەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى تاشلىماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش كۈچىنى ساقلاپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك. توققۇزىنچى، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى چىڭ، ياخشى تۇتۇش كېرەك. نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش ئۆلچىمى ۋە تەرتىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، سان - سېپىردا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ساختا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «قوش گۇرۇپپا باشلىقى تۈزۈمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ ئېغىر نامرات رايونلاردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، بۇرچىغا يۈز كېلەلەيدىغان بولۇشى، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشى؛ ھەر دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى باش بولۇپ ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇشى، ماكرولۇق يېتەكچىلىك قىلىشى، ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇشى؛ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك فۇنكسىيەلىك تارماقلار نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. ئىستىلنى سىجىل ياخشىلاش كېرەك. «ئەسلي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كادىرلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئېنىق ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى تۇرغۇزۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كادىرلارنى چېنىقتۇرۇش، يېتىشتۈرۈش، كادىرلارنى تەكشۈرۈش، پەرقلەندۈرۈش، كادىرلارنى باھالاش، ئىشلىتىش كېرەك. تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، نازارەت قىلىشنى چىڭىتىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىقنى تۈزەش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، سىجىل تۈردە ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي بولۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا بولۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە تىپلار ئارقىلىق يېتەكلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە ھەممە ئادەم كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھەممە ئادەم قوللايدىغان، ھەممە ئادەم قاتنىشىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇم ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ توغرا تەھلىل قىلىپ، ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتقان، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كېلىۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ ئېقىمىنى تەرتىپلىك ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، نورمال ئىقتىساد، جەمئىيەت، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇش كېرەك. يۇقۇمغا بولغان ھوشيارلىقنى تۆۋەنلەتمەسلىك، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپىنى تۆۋەنلەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»نى ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىدىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك. يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن قىسقا مۇددەتلىك، قىسمەن تەسىرنى تىرىشىپ يېڭىپ، تېزدىن تۈگىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىدە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەدەت بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىدە ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ مۇمكىنقەدەر تېز، تەرتىپلىك ھالدا ئىش ئورنىغا قايتىشىغا ياردەم بېرىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەركەزنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يوقىتىشتىكى بىر قاتار يۆلەش سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىڭ تۇتۇپ ياخشى پايدىلىنىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ ئالغا سىلجىتىپ، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، ئىستېمال ئېھتىياجىنى پائال قويۇپ بېرىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، تۈزۈلمە، مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قىلچە بوشاشماي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، ئۈنۈملۈك بولغان مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىدە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، چوڭ جەڭدە ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، چوڭ ئىمتىھاندا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كاندىدات ئەزاسى بولمىغان ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.