يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى قەتئىي يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

日期:2020年03月07日
来源:新疆日报
【字体:

شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى قەتئىي يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى بېيجىڭدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2020 - يىلىغا بارغاندا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى بولۇپ، چوقۇم قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بۇ بىر مەيدان قاتتىق جەڭ، قانچە كەينىگە بارغانسېرى بۇ كىرىچنى شۇنچە چىڭىتىش كېرەك، توختاپ قېلىشقا، سەل چاغلاشقا، بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك سالماق بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى قەتئىي يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن، ئىنسانىيەت ئۈچۈن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ ئۇلۇغ ئىشنى قەتئىي تاماملىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

سۆھبەت يىغىنى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەمدە ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى 22 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرگە قاراشلىق شەھەر (ۋىلايەت، ئوبلاست، ئايماق)لەر، ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن)لەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى. ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر يازما سۆز بىلەن تەمىنلىدى. يۈننەن نۇجياڭ ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى نا يۈندې، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ فاسېن، خېنەن لەنكاۋ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سەي سۇڭتاۋ، گۇاڭشى داخۇا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ لۇڭۋېن، گۇيجوۋ خېجاڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ جيەنپىڭ سىن يىغىنى سىستېمىسى ئارقىلىق ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنى پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك يىغىن. يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى − ھازىرقى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، دۆلىتىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەر تاماملىنىشقا ئاز قالدى، نامرات نوپۇس 2012 - يىلىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى 98 مىليون 990 مىڭ كىشىدىن 2019 - يىلىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى 5 مىليون 510 مىڭ كىشىگە ئازايدى، نامراتلىقنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتى %10.2تىن %0.6كە چۈشتى، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى. نامرات ئاممىنىڭ كىرىم سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى، ئۆز ئالدىغا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىقتىدارى پۇختا قەدەمدە ئاشتى، نامرات ئاممىنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق»نىڭ سۈپىتى، سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، «ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئومۇمىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى. نامرات رايونلارنىڭ ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى قىيىن بولۇش، توك ئىشلىتىشى قىيىن بولۇش، مەكتەپتە ئوقۇشى قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، ئالاقىلىشىشى قىيىن بولۇش قاتارلىق ئۇزاق مەزگىل ھەل قىلىنمىغان كونا، چوڭ، قىيىن مەسىلىلىرى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىنىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، ئولتۇراق ئۆي بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولدى. نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتلەر كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، نامراتلىقنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى كۈچەيدى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ قابىلىيىتى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى تاماملانغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىدىكى نامراتلارنى ئازايتىش نىشانىنى ئون يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرىدۇ، دۇنيادا ھېچقانداق بىر دۆلەت بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق كۆپ كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرەلىگەن ئەمەس، بۇ، جۇڭگو ۋە دۇنياغا نىسبەتەن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ساھەسىدە مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدۇق. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە قان - تەرى مۇجەسسەملەنگەن، كەڭ كادىرلار، ئامما پۇختا ئىشلەپ ۋۇجۇدقا چىقارغان. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، كەڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سېپىدىكى يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەرگىزمۇ ئاسانلا، بىر ھۇجۇم بىلەنلا يەڭگىلى بولمايدۇ، جەزمەن دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق، خىرىسلارغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئېشىپ قالغان ۋەزىپىلىرى مۈشكۈل، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭى خىرىس ئېلىپ كەلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتە قىيىنچىلىق ناھايىتى زور، قىسمەن نامرات ئاممىنىڭ تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك ئەمەس، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئاخىرقى يىلى، تاماملىنىدىغان يىلىدا يەنە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدۇق، تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرى تېخىمۇ ئېغىر، تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: داۋاملىق دىققەتنى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلە ۋە ئاجىز ھالقىلارنى نىشانلاپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ۋەزىپىلەرنى تاماملاش كېرەك. نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىمىغان 52 نامرات ناھىيە ۋە 1113 نامرات كەنتكە قارىتا ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى يولغا قويۇپ، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ «ھەيدەكچىلىك قىلىش»ى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر قەلب، كۈچنى مۇجەسسەملەپ «جەڭ»قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى قاتتىق قىيىنچىلىقنى يېڭىشى كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئەمگەك ئىقتىدارى بولمىغان ئالاھىدە نامرات نوپۇسنى ئىجتىمائىي كاپالەتتىن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: رايونغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ يېڭىش كېرەك. يۇقۇم ئېغىر رايونلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يۇقۇم بولمىغان ياكى يۇقۇم يېنىكرەك بولغان رايونلار زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئاۋۋال مەدەت بېرىپ، كارخانىلاردا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مۇھىم، زور تۈرلەردە ئىش باشلاش، ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى ئالدىن تەشكىللەپ ۋە ئىشلىتىپ، كارخانىلارنىڭ نامرات رايونلاردىن، بولۇپمۇ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى كىشىلەرنى تېخىمۇ كۆپ قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىشىگە ئىلھام بېرىش، شەرقىي، غەربىي رايونلاردا نامراتلارنى يۆلەشتە ھەمكارلىشىپ «نۇقتىنى نۇقتىغا تۇتاشتۇرۇش» ئارقىلىق نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تېزدىن، تەرتىپلىك ئىش ئورنىغا قايتىپ كېلىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇم بولمىغان رايونلاردا ئىشلەمچىلەرنى ئاپىرىش - ئەكېلىش خىزمىتى سالمىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ كاساتلىشىش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ياخشى تەشكىللەپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە مەدەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇ تەييارلىقى خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش مەبلىغى ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرز پۇل سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىدە ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈش يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، تۇرالغۇ ئۆي ۋە ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىدىكى قېپقالغان قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئالدىنقى يېرىم يىلدا ھەممىسىنى تاماملاپ بولۇش كېرەك. يۇقۇم سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن، قايتا نامراتلىشىپ كەتكەن نوپۇسلارغا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى ياخشى ئىشلەپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەمگەك كۈچى چىقىرىدىغان جاي بىلەن قوبۇل قىلىدىغان جاينى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىش ئورنىنى كېڭەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەشتىكى باشلامچى كارخانىلار، نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرىنىڭ تېزدىن ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللاپ، نامراتلارنى يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى مەنپەئەت ئىش ئورنىدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تەرەققىياتىنى ئۇزاق مۇددەت يېتىلدۈرۈش ۋە قوللاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرز پۇلىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى داۋاملاشما يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، مۇقىم تۇرىدىغان بولۇش، ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇش، تەدرىجىي بېيىيالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، نامراتلىقتىن چېكىنگەن ناھىيە، نامراتلىقتىن چېكىنگەن كەنت، نامراتلىقتىن چېكىنگەن نوپۇسلارغا قارىتا، ھازىر بار بولغان ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، ئاتقا يۆلەپ چىقىرىپ، بىر بۆلەك يەرگىچە ئاپىرىپ قويۇش كېرەك. ئۆتكۈنچى مەزگىل ئىچىدە، قالپاقنى تاشلىسىمۇ مەسئۇلىيەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ سىياسەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى تاشلىماسلىق تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسلىق سىياسەت، تەدبىرلەرنى جىددىي تورمۇزلاشقا ئالدىرىماسلىق، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى چېكىندۈرمەسلىك كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش - ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ئائىلىلەر، چەت - ياقا بولۇش سەۋەبىدىن ئاسان نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئائىلىلەر ھەمدە يۇقۇم ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىرىمى تېز ئازىيىپ كەتكەن ياكى چىقىمى تېز ئېشىپ كەتكەن ئائىلىلەرنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، قاراتمىلىقى بولغان ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن قوللىنىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قاتتىق باھالاپ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، چېكىنىپ چىقىش ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، سان - سېپىردا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ساختا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇش كېرەك. تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، دائىملىق ھەيدەكچىلىك قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلىق قالپىقىنى تاشلاش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى ئازايتىش ئىستراتېگىيەسى ۋە خىزمەت سىستېمىسىنىڭ مۇقىم تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە بىرتۇتاش پىلانلاپ كىرگۈزۈپ، ئۇزۇن - قىسقىنى بىرلەشتۈرۈش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. ئومۇمەن، ئانچە تەرەققىي قىلمىغان رايونلار ۋە يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك نوپۇسلارنىڭ تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىشقا پايدىلىق بولۇشى، دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى يولغا قويۇشقا پايدىلىق بولۇشى، ئورتاق بېيىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قانچە كەينىگە بارغانسېرى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى شۇنچە كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى چوقۇم ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، بۇرچىغا يۈز كېلەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. مەركەز مالىيەسى نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغىنىڭ كۆلىمىنى داۋاملىق كۆپەيتىشى، ھەر دەرىجىلىك مالىيەلەرمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەبلەغ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مالىيەدىكى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلەغنى بىرىكتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى ۋە پايدىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان جايلارغا قارىتا، ھەرقايسى جايلار نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامرات ئەمەس ناھىيە، نامرات ئەمەس كەنتلەردىكى نامرات نوپۇسلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى قوللىسا بولىدۇ. شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىملارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقى ۋە مەركەز ئورۇنلىرىنىڭ نامراتلارنى نۇقتا بەلگىلەپ يۆلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ يۇقۇمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا بولغان تەسىرىنى تۆۋەنلىتىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. مەۋقەنى دۆلەتنىڭ رايونلار تەرەققىياتى ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىگە قويۇپ، رايون ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەرقىي قىسىمدىكى كەسىپلەرنىڭ غەربىي قىسىمغا پەلەمپەيسىمان يۆتكىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، خادىملار ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش، تېخنىكىنى ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئىستىلدا ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، خىزمەت، تۇرمۇش، بىخەتەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى كاپالەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنى دىققىتىنى يىغىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە ئاتلاندۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كادىرلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن تاللاپ ئەۋەتىلگەن كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ۋە يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان يېزا - كەنت كادىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغان، پارتىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا قارىتا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ناھايىتى كۈچلۈك يېتەكچىلىككە ۋە قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسى، ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتتى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىملىقى، مۈشكۈللۈكى، تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خىزمەت تەلەپلىرى بويىچە ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، بۇ يىللىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، رەتلەپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشى ۋە نەتىجە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۈر تىزىپ، كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام چىڭىتىپ، بېسىمنى دەرىجىمۇ دەرىجە يەتكۈزۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ قىسمەن شۇجىلىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.