شى جىنپىڭ بېيجىڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

日期:2020年03月03日
来源:新疆日报
【字体:

شى جىنپىڭ بېيجىڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ھەربىي تېببىي ئىلىم تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئېغىر، زور يۇقۇمغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش دورىلىرى تەتقىقاتخانىسىدا ۋاكسىنا ۋە ئانتىتېلانى تەتقىق قىلىپ ياساش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى)

3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ چىڭخۇا داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى يەر شارىۋى ساغلاملىق ۋە يۇقۇملۇق كېسەل تەتقىقات مەركىزىدە پەن تەتقىقات خادىملىرى بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى بېيجىڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنسانلارنىڭ كېسەل بىلەن كۈچ سىنىشىشىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قورالى پەن - تېخنىكا بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ زور ئاپەت، زور يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى ئىلىم - پەن تەرەققىياتى ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئايرىلالمايدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ھەم تەخىرسىز ۋەزىپە بىلىپ، كۆپ پەن كۈچلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىلمىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، بىخەتەر بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا تەتقىق قىلىپ ئېچىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىدە تېز بۆسۈش قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى قۇدرەتلىك پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن ھەربىي تېببىي ئىلىم تەتقىقات يۇرتىغا كېلىپ، تەتقىقات يۇرتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئەھۋال دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى، كۆرگەزمە تاختىسى ۋە ئەمەلىي بۇيۇملارغا بىرلەشتۈرۈپ ۋاكسىنا ۋە ئانتىتېلانى تەتقىق قىلىپ ياساش، دورا تاللاش، ۋىرۇسنىڭ كېسەل پەيدا قىلىش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىش، تېز تەكشۈرۈش تەجرىبە دورىسى تەتقىقاتى ۋە ئەمەلىي قوللىنىش قاتارلىقلارنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۈسكۈنە تەجرىبە بىناسىدا شى جىنپىڭ ئېغىر، زور يۇقۇمغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش دورا تەتقىقاتخانىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، ئەڭ ئاخىرىدا يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتا پەن - تېخنىكىغا تايىنىش ئاچقۇچ. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، ھەربىي تېببىي ئىلىم تەتقىقات يۇرتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىر - يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، كۈچنى توپلاپ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلققە سادىق بولۇشتەك سىياسىي خىسلىتى ۋە قاتتىق جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، غەلىبىلىك جەڭ قىلىشقا ماھىر بولۇشتەك ئېسىل ئىستىلىنى تولۇق نامايان قىلدى. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، زەربىدار ئەترەتلىك ۋە ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك بولغان ۋاكسىنا، دورا، تەكشۈرۈش تەجرىبە دورىسىنى تېزدىن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى، يۇقۇمنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولۇش، دىياگنوز قويغىلى بولۇش، ئالدىنى ئالغىلى بولۇش، داۋالىغىلى بولۇش، تىزگىنلىگىلى بولۇش جەھەتلەردە كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇ مەيدان قاتتىق جەڭنى قىلىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە يادرولۇق پەن - تېخنىكىلارنى ئىگىلەپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، يادرولۇق مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ ھەربىي تېببىي ئىلىم تەتقىقات يۇرتىدىن ئايرىلىپ، چىڭخۇا داشۆسى تېببىي شۆيۈەنىگە كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەر شارىۋى ساغلاملىق ۋە يۇقۇملۇق كېسەل تەتقىقات مەركىزى، بىيوتېبابەت تەكشۈرۈپ ئۆلچەش تېخنىكىسى ۋە ئۈسكۈنىلىرى بېيجىڭ تەجرىبىخانىسىغا كىرىپ، مۇتەخەسسىسلەردىن دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە يېڭى تىپتىكى تەكشۈرۈش تەجرىبە دورىسى، تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، قوللىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئېنزىم بىرلەشمە ئىممۇنىتېت يېتىشتۈرۈش تەجرىبىسىنى كۆردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدە ئىككى سەپ بار، بىرى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئالدىنقى سېپى، يەنە بىرى، پەن تەتقىقات ۋە ماددىي ئەشيا ئىشلەپچىقىرىش سېپى، ئىككى سەپ ئۆزئارا ماسلىشىشى، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىشى كېرەك. شى جىنپىڭ ئۇلاردىن ئالدىنقى سەپ بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، قابىل كۈچلەرنى تەشكىللەپ، جىددىي ئىشنى جىددىي بېجىرىپ، يېڭى تىپتىكى تەكشۈرۈش تەجرىبە دورىلىرى، ئانتىتېلا دورىلىرى، ۋاكسىنا ۋە داۋالاش لايىھەسى قاتارلىقلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى ئۈمىد قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىز 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار چوڭ دۆلەت، ئېغىر، زور يۇقۇم ۋە ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش بىز باشتىن - ئاخىر بىردەممۇ بوشاشتۇرۇپ قويساق بولمايدىغان زور ئىش. دۆلەتنىڭ ئېغىر، زور يۇقۇمنى نازارەت قىلىش، تىزگىنلەش تورىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇن - نىزام سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە كامالەتكە يەتكەن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى تېزدىن ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ چىڭخۇا داشۆسى تېببىي شۆيۈەنىدە سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە دورا ۋە ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىزمىتى توغرىسىدىكى، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئۈنۈملۈك كىلىنىكىدا قوللىنىش تەجرىبىسى ۋە ئۈنۈملۈك داۋالاش لايىھەسىنى خۇلاسىلەش، كېڭەيتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەت پەن - تېخنىكا سېپىدىكىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى، ئالاقىدار تارماقلار پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، كىلىنىكىلىق قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋە دورا، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتى، ۋىرۇس پاتولوگىيەسى ۋە تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى، ھايۋانات مودېلى قۇرۇلمىسى قاتارلىق بەش چوڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى بېكىتىپ، پەن ھالقىغان، ساھە ھالقىغان پەن تەتقىقات كوللېكتىپىنى تەشكىللىدى، پەن تەتقىقات، كىلىنىكا، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئالدىنقى سېپى ئۆزئارا ماسلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەر زىچ ماسلىشىپ، قىسقىغىنا بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ئاكتىپ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچلۈك پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ مەيدان مۇھىم، زور كۈرەشتە، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى جان تىكىپ ئېلىشىش، ئۆزىنى بېغىشلاش ئېسىل ئىستىلىنى، ئېھتىياتچان، ئەمەلىيەتچىل بولۇش كەسىپ روھىنى تولۇق نامايان قىلدى. ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن يەنە جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا يۈزلەنگەنسېرى، ئىلىم - پەن ئارقىلىق جاۋاب تېپىش، ئۇسۇل تېپىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش نۆۋەتتىكى جىددىي ئورۇنداشقا تېگىشلىك ۋەزىپە، مۇھىمنىڭ مۇھىمى، دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش بىلەن كىلىنىكىلىق قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. پەن تەتقىقاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئالدىنقى سەپتىكى قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا تىرەك بولۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كىلىنىكىلىق تەتقىقات بىلەن كىلىنىكىلىق قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كىلىنىكىلىق ئالدىنقى سەپكە تېخىمۇ كۆپ مايىللاشتۇرۇش كېرەك. دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى بىلەن غەرب تېبابىتى دورىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىلغان ۋە تاللانغان ئۈنۈملۈك دورىلارنى تېزدىن ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قوللىنىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالدىنقى سەپنىڭ قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئېھتىياجىغا ئاساسەن يەنە بىر تۈركۈم ئۈنۈملۈك داۋالاش دورىلىرىنى تاللاپ، يېڭى داۋالاش ۋاسىتىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەڭ زور ئىمكانىيەت بىلەن يېنىك ئاغرىقلارنىڭ ئېغىر ئاغرىقلارغا ئۆزگىرىپ كېتىشىنى توسۇش كېرەك. ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدە قان پىلازمىسى، غول ھۈجەيرە، يەككە كىلونلۇق ئانتىتېلانى قوللىنىش قاتارلىق ئىلغار داۋالاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق، ئېغىر ئاغرىق، خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ۋاكسىنا ساغلام كىشىلەرگە ئىشلىتىلىدىغان ئالاھىدە مەھسۇلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ئىنتايىن مۇھىم، بىخەتەرلىكىگە قويۇلىدىغان تەلەپمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىر بار بولغان كۆپ خىل تېخنىكا لىنىيەسىنىڭ ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، چەت ئەلنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىلگىرىلىشىگە يېقىندىن ئىز قوغلاپ دىققەت قىلىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ۋاكسىنىنىڭ كىلىنىكىدا سىناق قىلىنىشى ۋە بازارغا سېلىنىپ ئىشلىتىلىشىگە بالدۇرراق تۈرتكە بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش بىلەن كەسىپلەشتۈرۈش زەنجىرىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانا ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقات بىرلەشتۈرۈلگەن ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، دۆلەت ۋاكسىنا زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئۈچۈن ياخشى، ئەتراپلىق تەييارلىق كۆرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ۋىرۇس مەنبەسىنى ئىزدەش ھەم ئۇنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەتقىق قىلىپ، ۋىرۇس ئاقسىلى بىلەن ئوخشاش بولمىغان قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنىڭ بىرىكىش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، گۇمانلىق ھايۋانلارنىڭ ئارىلىق پارازىت ئىگىسى بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى باھالاپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، تارقىلىشچان كېسەل ئىلمى ۋە مەنبەسىنى ئىزدەش تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇرۇپ، كېسەل مەنبەسىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى، قاياققا يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ، دەللىك دەرىجىسى ۋە تاللاپ تەكشۈرۈش ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاغرىقلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەلۇم جەريان كېتىدۇ، ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان نۇرغۇن ئاممىدا ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ھەر خىل پىسخىكىلىق مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ، كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىمۇ پىسخىك جەھەتتىن يېتەكلەشكە موھتاج. ئۇلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر تەرەپتىكى كۈچلەرنى پىسخىك جەھەتتىن يېتەكلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەل ۋە بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى خەۋپ - خەتىرى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس. بىيولوگىيە بىخەتەرلىكىنى دۆلەت ئومۇمىي خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى قىلىپ، ئادەتتىكى مەزگىل بىلەن جەڭ مەزگىلىنى بىرلەشتۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، پەن تەتقىقاتى بىلەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئاممىۋى سەھىيە پەن تەتقىقاتىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەردىكى پەن تەتقىقات كۈچلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىستېمىلاشقان تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە ئالدىن كۆرەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىن كۆزىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇچۇرلارنى دەل ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك ئىگىلەپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى دەل ۋاقتىدا قوللىنىش كېرەك. يۇقۇم يامراپ جىددىي ھالەتكە ئۆتكەندىن كېيىنكى پەن تەتقىقاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوماندانلىق قىلىش، ھەرىكەتكە كېلىش، كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئورنىتىپ، ئادەتتىكى مەزگىلدە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكەت كۆرسەتمىسىنى ياخشى تەييارلاپ، جىددىي ئەھۋال كۆرۈلگەندە تېز قوزغىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھاياتلىق بىخەتەرلىكى ۋە بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا يېڭىچە پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالە ساغلاملىقى، بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى پەن تەتقىقات كۈچلىرى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ھاياتلىق ئىلمى، بىيوتېخنىكا، تېببىي دورا - ساقلىقنى ساقلاش، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى دۆلەت نۇقتىلىق پەن تەتقىقات سىستېمىلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، بىر تۈركۈم دۆلەت كىلىنىكىلىق تېببىي تەتقىقات مەركەزلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، سەھىيە - ساغلاملىق ساھەسىدىكى پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ھاياتلىق ئىلمى ساھەسىدىكى ئاساسىي تەتقىقات ۋە داۋالاش، ساغلاملىققا ئائىت ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى ۋە ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ساقلاش ئىقتىدارىنى تېزدىن ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كەمتۈكلۈكىنى تېزدىن تولۇقلاپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى جەھەتتىكى بوغما ھالەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى مۇستەقىل كونترول قىلالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش، يېمەك - ئىچمەك ئادىتى، جەمئىيەت پىسخىكا ساغلاملىقى، ئاممىۋى سەھىيە ئەسلىھەلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىن خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش، بولۇپمۇ ياۋايى ھايۋانلارنى ئىستېمال قىلىشتەك ناچار ئادەتنى قەتئىي توسۇش، مەدەنىي، ساغلام، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى ئىنسانلار دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىس، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. ھازىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۆپ دۆلەتلەردە كۆرۈلدى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەر، بولۇپمۇ يۇقۇم كۆپ كۆرۈلگەن دۆلەتلەر بىلەن مەنبەنى ئىزدەش، تېببىي دورا، ۋاكسىنا، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەن تەتقىقات ھەمكارلىقىنى كۆچەيتىپ، پەن تەتقىقات سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، جاڭ يوۋشيا، سەي چى، شاۋ جيې ۋە پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.