ئاپتونوم رايون 2020 - يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

日期:2020年01月23日
来源:新疆日报
【字体:

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى شۆھرەت زاكىر سۆز قىلدى

شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت 2020 - يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلەپ، كاتتا بايرامنى بىللە ئۆتكۈزدى.

(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىزياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت 2020 - يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتارلىقلار ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلەپ، كاتتا بايرامنى بىللە ئۆتكۈزدى.

كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتارلىقلار ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا بەخت تىلىشىپ، چاغاننى تەبرىكلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئىشچىلار، دېھقان - چارۋىچىلار، زىيالىيلار، كادىرلار ۋە ھەر ساھە زاتلارغا، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرى، بىڭتۇەننىڭ كادىرلىرى، ئىشچى - خىزمەتچىلىرىگە، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىغا، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلارغا، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان بارلىق كادىرلارغا، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە ئۇنى قوللاۋاتقان بارلىق دوستلارغا چاغانلىق بەخت تىلىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى.

چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: 2020 - يىل ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل، تارىخنىڭ گىرەلىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، جەزمەن بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، كۈرەش قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش كېرەك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سادىق، قەتئىي بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈشىمىز كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى تۈپتىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ شانلىق يېتەكچىلىكىدىن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ چەكسىز ئەۋزەللىكى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق قوللىغانلىقى - ياردەم بەرگەنلىكىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، كەسكىن، كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرغانلىقىدىن، ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىدىن بولدى.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: يېڭى بىر يىلدا، بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيىتىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، نۇقتىلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي، ياخشى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئۈرۈمچىدىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان بىر قىسىم پېشقەدەم يولداشلار، 63650 - قىسىم، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، ھاۋا ئارمىيە ئۈرۈمچى بازىسى، بىڭتۇەن ھەربىي ئىشلار بۆلۈمى، قوراللىق ساقچى قىسىم بىڭتۇەن باش ئەترىتىنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي مەسئۇللىرى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، بىر قىسىم پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ھەم ھەر ساھە ۋەكىللىرى ۋە نەمۇنىچىلار كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى.

كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىدا، ھەر مىللەت ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئېسىل ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى.