جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

日期:2020年01月24日
来源:新疆日报
【字体:

شى جىنپىڭ سۆز قىلدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارنىڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارنىڭ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلىدى

لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى

1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2020 - يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2020 - يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار پايتەختتىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، چاغاننى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 2020 - يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارنىڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارنىڭ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ۋاقىت ئادەمنى ساقلاپ تۇرمايدۇ! تارىخ ئادەمنى ساقلاپ تۇرمايدۇ! ۋاقىت جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلەرگە مەنسۇپ! تارىخ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلەرگە مەنسۇپ! جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىز جەزمەن ۋاقىت بىلەن بەسلىشىشىمىز، تارىخ بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بوران - چاپقۇندىن قورقماي، خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان جاسارەتلىك ئىلگىرىلەش ھالىتى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت شانلىق نىشانغا قاراپ داۋاملىق يۈرۈش قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت گۈزەل ئىستىقبالغا قاراپ داۋاملىق يۈرۈش قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئۇلۇغ ۋاقىت تارىخىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي ۋاقتىنى داۋاملىق يارىتىشى كېرەك!

پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى، لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، رەڭگارەڭ پانۇس ۋە يىپەك لېنتىلار بىلەن بېزەلگەنىدى، ھەر ساھەدىكى زاتلاردىن 2000دىن ئارتۇق كىشى خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، كونا يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى، خۇشال كۈلكە سادالىرىغا بايراملىق شادىيانە كەيپىيات مۇجەسسەملەنگەنىدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى زالغا كىرىپ كەلدى، پۈتۈن زالدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تىرىشقانلارغا ھىممەت ئاتا قىلىش تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى، يەرگە ئەجىر قىلساڭ، يەر سېنى ئالدىمايدۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا، بىز بوران - چاپقۇن، جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر تىرىشچان ۋە ئېھتىياتچان بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم داغدام يولىنى بويلاپ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدۇق. بىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلىدۇق، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئاچقۇچلۇق ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردۇق، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش غەلىبە خەۋىرى ئۈزلۈكسىز تارقالدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىيە نەتىجىلىرى مول بولدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا يېڭى مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بىز پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدۇق. بىز ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدۇق، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىدۇق. بولۇپمۇ، بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، ھەيۋەتلىك، كەيپىياتى قىزغىن تەبرىكلەش پائالىيىتى ۋە كاتتا ھەربىي پارات ئۆتكۈزدۇق، 1 مىليارد 400 مىليون بايراق قوغدىغۇچى يېڭى جۇڭگونى مەدھىيەلەش، يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلىشنىڭ كۆتۈرەڭگۈ مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، ئىنتايىن زور دەرىجىدە مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى قوزغاتتى. بىز پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، 90 مىليوندىن ئارتۇق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ باشتىن - ئاخىر پۇقرالارنىڭ قەلب ساداسىنى قەلبىگە پۈكۈپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشنى ھەر ۋاقىت ئەستە ساقلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدۇق.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كۈرەش تارىخنى ياراتتى، ئەمەلىي ئىشلەش كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. يېڭى بىر يىلدا، بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 1000 يىلدىن بۇيانقى «پۇقرالار بەك جاپا - مۇشەققەت چەكتى، خاتىرجەملىككە ئېرىشىدىغان چاغ كەلدى» دېگەن ئىستىكىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشىمىز، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن بۇ يىلقى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزۈمدە، پەيتنى قولدىن بەرمەي، گۈزەل دەۋرنى قەدىرلەش كېرەك، دېدىم. بۇنى ئالدى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ چوڭ تارىخى نۇقتىسىدىن چۈشىنىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە بولۇپ، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي مۇساپىدە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشتى. لېكىن يېقىنقى زاماندىن كېيىن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈرلۈك ئىچكى ئەنسىزلىك، تاشقى پاراكەندىچىلىكنىڭ دەخلىسىگە ئۇچرىغان ۋاقتى بەك ئۇزاق بولدى، شۇڭا جۇڭگو خەلقى باشتىن - ئاخىر ئادەتتىن تاشقىرى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىغا، دەۋر تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ كەلدى. تارىخقا نەزەر سالساق، ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، جۇڭخۇا مىللىتى 110 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە خەلق ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇردى، 70 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، 40 نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىردىن باشلاپ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، بىز ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزدۇق، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنى قەدەممۇقەدەم ئىشقا ئاشۇرىمىز. بۇ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى پۈتىدىغان ئۇلۇغ دەۋر بولىدۇ! جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەربىر ئەزاسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھەربىر ئەزاسى مۇشۇنداق ئۇلۇغ دەۋردە تۇرۇۋاتقانلىقىدىن پەخىرلىنىشى، ئىپتىخارلىنىشى كېرەك! بىز ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، داۋاملىق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، بوران - چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك!

كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىدا، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ئەھۋال سوراشتى، چاغانلىق بەخت تىلەشتى. ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە پېشقەدەم يولداشلار كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى.

كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىغا قاتناشقانلاردىن يەنە مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەم بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملار ھەم پايتەختتىكى ھەر ساھە زاتلار ۋەكىللىرى بار.