بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى - زاپاس ھەربىيلەرگە چاغانلىق بەخت تىلىدى

日期:2020年01月21日
来源:新疆日报
【字体:

شى جىنپىڭ چاغاننىڭ ئالدىدا يۈننەندە تۇرۇشلۇق قىسىمنى كۆزدىن كەچۈردى، يوقلىدى

بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى - زاپاس ھەربىيلەرگە چاغانلىق بەخت تىلىدى

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈننەندە تۇرۇشلۇق قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، چېگرا مۇداپىئە بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى - زاپاس ھەربىيلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ئۇلارغا چاغانلىق بەخت تىلىدى. سۈرەتتە: 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، شى جىنپىڭ مەلۇم چېگرا مۇداپىئە يىڭىدا ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۇنمىڭ، 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارلى شۈەنلياڭ، لى چىڭخۇا) جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، 20 - كۈنى يۈننەندە تۇرۇشلۇق قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، چېگرا مۇداپىئە بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى - زاپاس ھەربىيلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ئۇلارغا چاغانلىق بەخت تىلىدى.

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، ھەممە نەرسە يېڭى قىياپەتكە كىردى. يۈننەن تۇپرىقىنىڭ تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك بولۇپ، ھەممە جاي ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6لەر ئەتراپىدا، شى جىنپىڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىي چېگرا رايونىدا مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتقان مەلۇم چېگرا مۇداپىئە يىڭىغا كېلىپ، جەڭچىلەرنىڭ ياتىقىغا كىرىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. يىڭ شىپاخانىسىدا، شى جىنپىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، چېگرا مۇداپىئە قىسمىنىڭ داۋالاش شارائىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىنى بىلىپ، شى جىنپىڭ ناھايىتى خۇشال بولدى.

كەچلىك تاماق ۋاقتى بولاي دېدى، ئاشپەزلەر بەنىدىكى جەڭچىلەر ئاشخانىدا ئالدىراش ئىدى. شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ قىسىمنىڭ تاماق ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، تاماق، قورۇمىلارنىڭ تۈرىنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ چىرايىدىن مەمنۇنلۇق ئەكس ئەتتى. ئۇ قىسىمغا بايرام مەزگىلدىكى تۇرمۇشنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەڭچىلەرگە خۇشال، ئىناق، بىخەتەر چاغان ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تاپىلىدى.

شى جىنپىڭ چېگرا مۇداپىئە بىرىنچى سېپىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، سىن ئارقىلىق ئالاقىدار قىسىملاردىن مەخسۇس ھال سورىدى. مەلۇم مىنا تازىلاش - پارتلاتقۇچ بىر تەرەپ قىلىش چوڭ ئەترىتى ۋەزىپە تارماق ئەترىتى «مىنا تازىلاشتىكى قەھرىمان جەڭچى» دۇ فۇگو تۇرۇشلۇق قىسىم بولۇپ، چېگرادا مىنا تازىلاش ۋەزىپىسىنى كۆپ قېتىم قالتىس تاماملىغانىدى. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ مىنا يوشۇرۇن خەۋپىنى تازىلاپ، چېگرادىكى خەلقنىڭ بەختى، خاتىرجەملىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتىنى ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، مىنا تازىلاش - پارتلاتقۇچ بىرتەرەپ قىلىشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە كۆرسىتىشكە رىغبەتلەندۈردى. مەلۇم چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتى چېگرا قوزۇقى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسى ئالدىدا رەتلىك تىزىلىپ تۇرۇپ، شى جۇشىغا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىنىڭ روھىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ، جەڭگىۋارلىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆرۈپ شى جىنپىڭ ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: كۆپچىلىك جاپا چەكتىڭلار، سىلەر چېگرانى باشقۇرۇش، چېگرانى كونترول قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جەڭ قىلىۋاتىسىلەر، بۇرچىڭلار شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىڭلار مۇھىم، زور بولۇپ، يۈكسەك ھوشيار بولۇش ھالىتىنى ساقلاپ، چېگرا مۇداپىئە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى زىچ تەشكىللەپ، چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغدىشىڭلار كېرەك.

قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ چېگرا مۇداپىئە يىڭى ۋە مىنا تازىلاش - پارتلاتقۇچ بىر تەرەپ قىلىش چوڭ ئەترىتى ۋەزىپە تارماق ئەترىتىدىكى قىسمەن ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر شى جۇشىنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، بەخت ۋە خۇشاللىققا چۆمدى.

1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ كۇنمىڭدا يۈننەندە تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ مۇئاۋىن شى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە تۇەن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ باش ئوفىتسېرلىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى. شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يۈننەندە تۇرۇشلۇق قىسىملار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىر، يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم، زور ۋەزىپىلەرنى قالتىس ئورۇنداپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان يىل، شۇنداقلا ئارمىيەمىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 2020 - يىللىق نىشان - ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يىل بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ۋەزىپىلەر مۈشكۈل، ئېغىر. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ئورۇنداش كېرەك.

شۈ چىلياڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.