شى جىنپىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن بىرلىكتە چاغاننى كۈتۈۋالدى

日期:2020年01月15日
来源:新疆日报
【字体:

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارغا، بىرلىك سەپتىكى كەڭ ئەزالارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە چاغانلىق بەخت تىلىدى

ۋاڭ ياڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، شى جىنپىڭ، ۋاڭ ياڭ، خەن جېڭ قاتارلىقلار بېيجىڭ خەلق سارىيىدا پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن خۇشال - خۇرام جەم بولۇپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى گېڭزى چاشقان يىلىدىكى چاغان يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن خۇشال - خۇرام جەم بولۇپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارغا، بىرلىك سەپتىكى كەڭ ئەزالارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە چاغانلىق بەخت تىلىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ قاتناشتى.

جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن شياۋگۇاڭ، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ شىنچېڭ، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن جۇ، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى لۈ جيەن، ليۇ خېڭ قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. تەكلىپ بىلەن قاتناشقانلاردىن يەنە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن دۇڭ جيەنخۇا، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، رەھبەرلىك ئورنىدىن چېكىنگەن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسلىرى، بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسلىرى بار.

لۈ جيەن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2019 - يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بۇلۇتنىڭ كۆزنى توسۇۋېلىشىدىن قورقمايدىغان كۆكسى - قارنى بىلەن رولچى بولۇپ يول باشلاپ، قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان ئىرادە بىلەن پۇختا ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنى يېتەكلەپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتتى. 2020 - يىلى، بىرلىك سەپتىكى كەڭ ئەزالار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگونىڭ گۈللىنىش ناملىق غايەت زور پاراخوتىنىڭ يەلكەن چىقىرىپ يىراققا سەپەر قىلىشىغا مەدەت بېرىدۇ، كۈچ قوشىدۇ.

لۈ جيەننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2019 - يىلى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن ئۆزگىچە بىر يىل بولدى. مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، مۈشكۈل، ئېغىر بولغان دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، بىز كۆپچىلىك بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، بىرلىكتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭدۇق، بەدەل تۆلىدۇق، ھاسىلاتقىمۇ ئېرىشتۇق، جاپا - مۇشەققەت تارتتۇق، خۇشاللىققىمۇ ئېرىشتۇق. بىر يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس كۆرۈنەرلىك كۆپىيىۋاتقان مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى كۈچەپ ياخشى قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا يېڭى مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشنىڭ قولغا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سالدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2019 - يىلى يەنە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. بىر يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قەلبنى، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلدى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار «ھەمكارلىق ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىدىكى ئەسلىي مەقسەتنى ئەسلەپ، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇردى؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىر يۈرگۈزۈشىنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىدا تۇرۇپ ئۆلچەش - تەكشۈرۈش، كەنتتە تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ھەر دەرىجىلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرى «شانلىق سەپەر» پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، «ئون مىڭ كارخانا ئون مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ھەرىكىتىگە پائال ئاتلاندى. پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال چارە - تەدبىر كۆرسەتتى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنىڭ جاپالىق خىزمەت قىلغانلىقىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2020 - يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان يىل، شۇنداقلا 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل. كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمى جۇڭگو تۇپرىقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمى بولۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، تەدبىر بەلگىلەشنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇردى. كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، كەڭ ئەزالار ۋە ئۆزلىرى ئالاقە باغلىغان ئاممىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرىدىغان ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتا، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە توغرا كېلىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى مەۋقە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئوبدان مەسلىھەت بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياخشى مەسلىھەتچىسى، ياخشى ياردەمچىسى، ياخشى خىزمەتدىشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇزاققىچە تەۋرەنمەي ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارمۇ ئۆز قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىشى كېرەك. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ سىياسىيدا قەتئىي، تەشكىلى پۇختا، مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك، ئىستىلى ئەلا، تۈزۈمى تاكامۇل بولغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيە بولۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تۈرلۈك ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. پارتىيە - گۇرۇھسىز ۋەكىللىك زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ۋە سىياسىي يېتەكچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىشى، شارائىت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، يوۋ چۈەن، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار پائالىيەتكە قاتناشتى.