ئاپتونوم رايون 4 - نۆۋەتلىك «خەلق رازى بولغان مەمۇر»لار ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى»نى تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى

日期:2020年01月13日
来源:新疆日报
【字体:

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى لى پېڭشىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم يىغىنغا قاتناشتى

1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، 4 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق «خەلق رازى بولغان مەمۇر»لار ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى»نى تەقدىرلەش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تەقدىرلەنگەن ئىلغار شەخس ۋە ئىلغار كوللېكتىپلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

(گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)


1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 4 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق «خەلق رازى بولغان مەمۇر»لار ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى»نى تەقدىرلەش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تەقدىرلەنگەن ئىلغار شەخس ۋە ئىلغار كوللېكتىپلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى ساھەلەردە تىرىشىپ ئىشلەۋاتقان كەڭ مەمۇرلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ھەم ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى، تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

چېن چۈەنگو كۆرۈشۈشتە مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەمۇرلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك «خەلق رازى بولغان مەمۇر»لار ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى»نى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشكەنلىكى كەڭ مەمۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك مەمۇرلار كوللېكتىپى ۋە كەڭ مەمۇرلارنىڭ تەقدىرلەنگەن كوللېكتىپ ۋە شەخسلەردىن ئۆگىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ ئېتىقادى مۇستەھكەم، پارتىيەگە سادىق، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىدىغان، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان، خەلقنى سۆيىدىغان، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ كەسپىنى قەدىرلەيدىغان، پاك - تەلەپچان نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

لى پېڭشىن سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەمۇرلار تۈزۈمى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا روشەن ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ مەمۇرلار ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. كەڭ مەمۇرلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتۈش، ئېتىقادنى مۇستەھكەملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىيدا قەتئىي بولۇش، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتتە ئاڭلىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى؛ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ھەقىقىي تۈردە جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى؛ بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق، تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىنى؛ شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تۈرمۇتۈر كونكرېت تەدبىرلەردە ئىنچىكىلەشتۈرۈشى، كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشىنى؛ تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاش، پاك - دۇرۇس بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئالاھىدە ئىمتىياز بولماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، نازارەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، كۈرەش روھىنى ساقلاپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يىغىندا 16 «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى» ۋە 38 «خەلق رازى بولغان مەمۇر»لار تەقدىرلەندى.

«خەلق رازى بولغان مەمۇر»لار ۋەكىلى، تولى ناھىيەسى تولى بازىرىنىڭ باشلىقى مۇرات قادىربېك، پوسكام ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قەلبىنۇر پەن جۇڭلى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن ئاتۇش شەھىرى ئاغۇ يېزىسىنىڭ ئارىمەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى دۇ جيەنگاڭ، «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى» ۋەكىلى، چەرچەن ناھىيەلىك ئورمان - ئوتلاق ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداش ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، لى شۆجۈن، رېن خۇا، ماغاۋ سېيتقامزا، ياڭ يۇڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.