ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى يېپىلدى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى شاۋكەت ئىمىن رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

日期:2020年01月11日
来源:新疆日报
【字体:

1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. سۈرەتتە: يىغىن نەق مەيدانى.

(گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى)

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە يېپىلدى.

يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن چېن چۈەنگو، شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۇن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى. شاۋكەت ئىمىن يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 536 نەپەر، ئەمەلىي قاتناشقىنى 467 نەپەر، يىغىنغا قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

چۈشتىن كېيىن سائەت 4تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يېپىلىش يىغىنى باشلاندى. يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ 2019 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى تەستىقلاش قارار قىلىندى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ 2019 - يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق خامچوتى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، بۇ ئۈچ دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

يىغىن تۈرلۈك قارالمىلارنى تاماملىغاندىن كېيىن، شاۋكەت ئىمىن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يىغىن دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قەتئىي ھالدا قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا دوكلاتلارنى قاراپ چىقىپ تەستىقلىدى. ھەرقايسى ۋەكىللەر مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ياخشى قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي مەيدانىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرغانلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىسى، ئىرادىسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى.

شاۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2020 - يىلى ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل، بىز ھەم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىمىز، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز، ھەم پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىمىز. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ، 3 - ، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسىنى قوللىنىپ زىددىيەتلەرنى تەھلىل قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشقا ماھىر بولۇش كېرەك؛ ھەر ۋاقىت باش نىشاننى قەلبكە پۈكۈش، باش نىشاننى زىممىگە ئېلىش، باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىشكە تېخىمۇ ماھىر بولۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، قان - تەرى بىلەن سۇغىرىپ ھوسۇل ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، پۇختا ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خىزمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش كېرەك.

يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە يېپىلدى.