سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى يېپىلدى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى نۇرلان ئەبىلمەجىن رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

日期:2020年01月12日
来源:新疆日报
【字体:

1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. سۈرەتتە يىغىن نەق مەيدانى.

(گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى)


سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى.

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن چېڭ جېنشەن، جۈرئەت ئىمىن، ماغاۋ سېيىتقامزا، جاڭ بو، مۇتەللىپ ئوبۇل، كۇڭ شىڭلۇڭ، دوۋ ۋەنگۈي، چيۇ شۇخۇا، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، يېپىلىش يىغىنى باشلاندى. نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق جاكارلىدى: سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 513، ئەمەلىي قاتناشقان ئەزا 462، بەلگىلىمىدىكى ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى ماقۇللاندى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى بارلىق ئەزالارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، كېڭىشىپ، مۇزاكىرە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھاتتىكى مۇھىم، زور مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىدىغان، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان ئېتىقاد، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، قەتئىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشى، يېڭى بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشى، ئەمەلىي ئىشلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشى كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى سىياسىي كېڭەشنىڭ بارلىق خىزمىتىگە سىڭدۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ پۇختا ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «مەخسۇس»نىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «مەخسۇس»نىڭ سەۋىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «مەخسۇس»نىڭ نەتىجىسىنى نامايان قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ شىنجاڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشتىكى بۇرچ - ۋەزىپىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھ، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى زاتلارنى يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا بولىدىغانلىكى بارلىق كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئاساسىي ئوق قىلغان ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشى كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمەت تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى كۆزلەپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش، تەرتىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىنى ئاڭلىق ھالدا يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى مەڭگۈلۈك تېما، ئۆمۈرلۈك تېما قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىش، كېڭىشىشنى بىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەخلاق - پەزىلەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىينى ئىگىلەش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش ئۈچۈن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانلاردىن يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەندىكى رەھبىرىي يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوندىكى قىسمەن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پېشقەدەم يولداشلار قاتارلىقلار بار.

يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە يېپىلدى.