پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

日期:2020年01月09日
来源:新疆日报
【字体:

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان دىن ساھەسىدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يوقلىدى ھەم سۆھبەتلەشتى

پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

چېن چۈەنگو سۆز قىلدى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن بىللە يوقلىدى، سۆھبەتلەشتى

1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان دىن ساھەسىدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يوقلىدى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

(گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىزياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان دىن ساھەسىدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى سەمىمىي يوقلاپ ھەم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، دىن خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەش، دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، دىن ساھەسىدىكى كەڭ ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.

سۆھبەت يىغىنىدىن ئىلگىرى، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتارلىق رەھبەرلەر دىن ساھەسىدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ئەھۋال سورىدى.

سۆھبەت يىغىنىنىڭ كەيپىياتى قىزغىن بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقانلار بەس - بەستە سۆز قىلدى. ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، مەمەت جۈمە، جى رېن، ياڭ جيې، ماقسات قابىدەن، ساۋۇتجان ئابلىمىت، ئاسانتۇر ئۆمۈرباي، ما جىنيۈن قاتارلىق ۋەكىللەر ۋە ئەزالار ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ قىياپىتى كۈنسېرى يېڭىلىنىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى ئىناق، مۇقىم بولدى، ئىقتىساد يۇقىرى سۈپەتلىك راۋاجلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇستەھكەملىنىپ كۈچەيدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بارغانسېرى ئاشتى. ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى، دىنىي خادىملارنى قاپلىتىپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى رېمونت قىلىش مەبلىغىنى مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىنىي پائالىيەت شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇردى، مۇكەممەللەشتۈردى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى، كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى، تۆۋەن كاپالەت ۋە سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرۈش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىنىي زاتلارنىڭ تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنى ئىككى قېتىم ئۆستۈردى، كەڭ دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە چىن كۆڭلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

چېن چۈەنگو بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن خاتىرىلىدى، كۆپچىلىك بىلەن ئارىلاپ - ئارىلاپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھاكىمە قىلدى.

دىن ساھەسىدىكى ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، ئىسلاھاتىدىكى تۈرلۈك ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىپ، يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، سەمىمىي غەمخورلۇقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، دىن ساھەسىدىكى كەڭ ۋەتەنپەرۋەر زاتلارمۇ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم تۆھپە قوشتى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشكە ۋاكالىتەن پۈتۈن ئاپتونوم رايون دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىن ساھەسىدىكى كەڭ زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ، دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، نورمال دىنغا ئېتىقاد قىلىش بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ چەك - چېگراسىنى توغرا، ياخشى ئىگىلەپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى ۋە نورمال دىنىي پائالىيىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، «يەتتىنى كىرگۈزۈش، ئىككى بولۇش» «توققۇزنى سەپلەش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك كاپالەت تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىنىي سورۇن ۋە دىنىي پائالىيەت شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تۇغقىنىم، دوستۇم دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك غەمخورلۇق قىلىش سىياسەتلىرىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا چىن كۆڭلىدىن ياردەم بېرىپ، كەڭ دىنىي زاتلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دىنىي زاتلارنىڭ ئىقتىدار - ساپاسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىن جەھەتتە بىلىملىك، ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتە ئاممىنى قايىل قىلالايدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە رول ئوينىيالايدىغان دىنىي خادىملار قوشۇنى قۇرۇش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىن ساھەسىنىڭ دىنىي قائىدە، دىنىي ئەقىدىلەرنى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات - ئىلگىرىلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇن قىلىپ شەرھلىشىنى قوللاپ، دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو دىن ساھەسىدىكى كەڭ زاتلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا ئېتىقاد، توغرا يولدا مېڭىشقا، ئەسەبىيلىككە تاقابىل تۇرۇشقا يېتەكلەپ، تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىي كۈچىنى ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىپ بېيىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا قويۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىتتىپاقلىقنى مۇستەھكەملەش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قويۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار رايىشلىقى، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن سو يۆ، مۇتەللىپ ئوبۇل سۆھبەتكە قاتناشتى.