دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2020 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى

日期:2020年01月01日
来源:新疆日报
【字体:


يېڭى يىل كېلىش ئالدىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق 2020 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسىيېڭى يىل كېلىش ئالدىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق 2020 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

2020 - يىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، مەن پايتەخت بېيجىڭدا كۆپچىلىككە يېڭى يىللىق گۈزەل تىلەكلەرنى يوللايمەن!

2019 - يىلى، بىز قان - تەرىمىز بىلەن سۇغىرىپ ھوسۇل ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ پۇختا ئالغا ئىلگىرىلىدۇق. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تەكشى، مۇقىم ئالغا سىلجىتتۇق، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى مۆلچەرلىنىشىچە 100 تىرىليون يۈەن خەلق پۇلىغا يېقىنلىشىدۇ، كىشى بېشىغا 10 مىڭ دوللار توغرا كېلىشتەك باسقۇچقا قەدەم قويىمىز. ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئاچقۇچلۇق ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسى بېسىلدى، خۇاڭخې دەرياسى ئېقىنى رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە ئايلاندى. پۈتۈن مەملىكەتتە 340 ئەتراپىدىكى نامرات ناھىيە قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلايدۇ، 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. چاڭئې 4 - نومۇر ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىگە قوندى، چاڭجېڭ 5 - نومۇرلۇق يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان 3 بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتا مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، شۆلۇڭ 2 - نومۇر تۇنجى قېتىم جەنۇبىي قۇتۇپقا باردى، يەتىكەن يۇلتۇزى يول باشلاش يەر شارىۋى تورىنى تەشكىللەش ئاخىرقى كۈچەش مەزگىلىگە كىردى، 5Gنى سودىدا ئىشلىتىش سۈرئىتى تېزلىتىلدى، بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتى «سۇمۇرغ كەبى قانات قاقتى»... بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ يۈرەك قېنى ۋە قان - تەرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، قالتىس جۇڭگو سالاپىتى، جۇڭگو كۈچى نامايان قىلىندى.

بىر يىلدىن بۇيان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپارات ئىسلاھاتى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى. بىر تۈركۈم ئەركىن سودا تەجرىبە رايونلىرى ۋە شاڭخەي ئەركىن سودا تەجرىبە رايونىنىڭ يېڭى بۆلەك رايونى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىندى. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بۆلىكى ئوڭۇشلۇق قوزغىتىلىپ ئالغا سىلجىتىلدى. باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئومۇمىي سوممىسى 2 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى. شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنىڭ باج ئېلىش چېكى ئۆستۈرۈلدى، پۇقرالار دائىم ئىشلىتىدىغان نۇرغۇن دورىنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلدى، تورنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ھەققىنى تۆۋەنلىتىش ئېكراندىكى مەزمۇنلارنىڭ يېڭىلىنىشىنى تېخىمۇ تېزلەتتى، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇشنىڭ يېڭى مودىسىغا باشلامچى بولدى. «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى يەڭگىل جابدۇندۇرۇپ، سەپەرگە ئاتلاندۇردى. جۇڭگو زېمىنىغا نەزەر تاشلىساق، ھەممە يەردە يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى كەيپىيات بار بولدى.

بىر يىلدىن بۇيان، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، خەلق ئارمىيەسىدە يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قىياپىتى نامايان قىلىندى. بىز دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەپ كاتتا ھەربىي پارات ئېلىپ باردۇق، دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق، 7 - نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدۇق. دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقارغان تۇنجى ئاۋىياماتكا رەسمىي ئارمىيەنىڭ قورال - ياراغ تەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى. خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرى مەڭگۈ ۋەتەننى قوغدايدىغان پولات سېپىل، يۇرت - ماكانىمىزنى قوغداۋاتقان سادىق قوغدىغۇچىلارغا ئېھتىرام بىلدۈرەيلى!

2019 - يىلىدا ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز بولغىنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش بولدى. بىز جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 70 يىللىق شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئالقىش ياڭراتتۇق، ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ كۈچلۈك يادرولۇق كۈچىدىن لەرزىگە كەلدۇق. ھەربىي پارات چاسا ئەترەتلىرىنىڭ جاسارىتى پەلەككە يەتتى، ئامما نامايىشى قايناق ھېسسىياتقا تولدى، تيەنئەنمېن مەيدانى شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندى. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇب - شىمالى قىزىل لىباستىن تون كىيدى، كىشىلەر چېھرىدە ئىپتىخارلىق تەبەسسۇمى جىلۋىلەندى. «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» چوڭ - كىچىك كوچىلاردا تارقىلىپ ئېيتىلدى. ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىدىن كۆزلىرىمىز ياشقا تولدى، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى مىللەتنىڭ قەددىنى تېخىمۇ رۇسلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يېڭى جۇڭگونى مەدھىيەلەش، يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلىشنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش دولقۇنىغا مۇجەسسەملىنىپ، بىزگە پۈتمەس - تۈگىمەس كۈچ قوشتى.

بىر يىلدىن بۇيان، مەن نۇرغۇن جايلارغا باردىم. شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يۆگىمە رەسىمى ئاستا - ئاستا يېيىلدى، تيەنجىن پورتى جۇش ئۇرۇپ گۈللەندى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى، ئىچكى موڭغۇل چوڭ يايلىقى ھەيۋەتلىك، گۈزەل، يارقىن بولدى، خېشى كارىدورى مىڭ يىلدىن ھالقىپ، ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان تولۇقلاندى، يېڭىلاندى، يىلان باغرى سوزۇلغان خۇاڭخې دەرياسىدا ئاسمان ئېگىز، سۇ بىپايان، ھەيۋەتلىك، تىنچ بولدى، خۇاڭپۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى مولچىلىققا، باياشاتلىققا تولدى، رەڭگارەڭ چىراغ نۇرلىرى كۆزنى قاماشتۇردى... ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى. مەن جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ مۇساپىسىنى بويلاپ ئەسلىي مەقسەتنى چېنىقتۇردۇم. جياڭشىنىڭ يۈدۇدىكى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە توپلانغان جايدىن يولغا چىقىپ، خېنەننىڭ شىنشيەن ناھىيەسىدىكى خۇبېي - خېنەن - ئەنخۇي سوۋېت رايونى مەركىزىدىكى ئىنقىلابىي مۇزېيغىچە، گەنسۇ گاۋتەيدىكى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى خاتىرە مۇنارىدىن بېيجىڭ شياڭشەن ئىنقىلابىي خاتىرە ئورنىغىچە ھەربىر جاي مېنى چوڭقۇر خىياللارغا چۆمدۈردى، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەرنى ياخشى بېسىشىمىزدىكى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.

ئادەتتىكى چاغلارغا ئوخشاش، مەن قانچىلىك ئالدىراش بولۇشۇمدىن قەتئىينەزەر، ۋاقىت چىقىرىپ يۇرتداشلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارنى يوقلىدىم. كۆپچىلىك ماڭا كۆڭلىدىكى نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدى، مەن ئىزچىل كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلدىم. يۈننەن گۇڭشەندىكى دۇلۇڭ مىللىتى ئاممىسى، فۇجيەن شوۋنىڭ ناھىيەسىنىڭ شياداڭ يېزىسىدىكى يۇرتداشلار، «ۋاڭ جيې بەنى»دىكى بارلىق جەڭچىلەر، بېيجىڭ تەنتەربىيە داشۆسى ئاسپىرانت چېمپىيونلار سىنىپىدىكى ساۋاقداشلار، ئاۋمېندىكى كىچىك دوستلار ۋە پىدائىي ياشانغانلار ماڭا خەت يازدى. مەن جاۋاب خېتىمدە كۆپچىلىكنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردۈم ھەم ياخشى تىلەكلىرىمنى بىلدۈردۈم.

بىر يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن كىشىلەر ۋە ئىشلار بىزنى تەسىرلەندۈردى. بىر ئۆمۈر نام تۆھپىسىنى چوڭقۇر يوشۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمىگەن جاڭ فۇچىڭ، ياشلىق باھارى ۋە ھاياتىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشىغا بېغىشلىغان خۇاڭ ۋېنشيۇ، ئوتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان سىچۇەن مۇلىدىكى 31 ئەزىمەت، ئۆز بەدىنى بىلەن سەپداشلىرىنى قوغدىغان دۇ فۇگو، ئۇدا 11 قېتىم دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونى بولغان جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى... ئارمانسىز، پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن تۆھپە قوشقان نۇرغۇن نامسىز قەھرىمان، ئۇلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئاددىيلىقى بىلەن ئاجايىپ كىشىلىك ھاياتنى پۈتتى.

2019 - يىلى، جۇڭگو داۋاملىق دۇنياغا قۇچاق ئاچتى. بىز 2 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى، ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنى، 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈپ، دۇنياغا بىر مەدەنىي، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان جۇڭگونى نامايان قىلدۇق. مەن نۇرغۇن دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، جۇڭگو تەشەببۇسىدىن بەھرىلىنىپ، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردۇم. دۇنيادا يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەر دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، دۆلىتىمىز دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەت 180گە يەتتى. بىزنىڭ دوستلىرىمىز دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە بار بولدى!

2020 - يىلى ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل. بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. 2020 - يىلى يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل. ئاتاكىغا ئۆتۈش بۇرغىسى چېلىندى. بىز ھەممە بىر نىيەتتە غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، قانچە خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەپ، كەمتۈكلۈكلەرنى يەنىمۇ بەكرەك پۇختا تولۇقلاپ، ئاساسنى يەنىمۇ بەكرەك مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ھازىرقى ئۆلچەمدىكى يېزا نامرات نوپۇسىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشىمىز، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، مەن ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتىم، مەن ئاۋمېننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىدىن سۆيۈندۈم. ئاۋمېننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نى تامامەن يولغا قويغىلى بولىدىغانلىقىنى، قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، كىشىلەر قەلبىگە ياقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. يېقىنقى بىرنەچچە ئايدىن بۇيان، شياڭگاڭ ۋەزىيىتى كۆپچىلىكنى ئەنسىرەتتى. ئىناقلىق، مۇقىملىق بولمىغان مۇھىتتا، قانداقمۇ خاتىرجەم ياشايدىغان يۇرت - ماكان بولسۇن! شياڭگاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنىڭ خاتىرجەم ياشىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن. شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا ۋەتەن، خەلقنىڭ ئارزۇسى.

تارىخ دولقۇنى ئۈزۈلمەيدۇ، بۇ دولقۇن بىردە تىنچلانسا، بىردە ئۆركەشلەيدۇ. بىز بوران - چاپقۇندىن قورقمايمىز، توسالغۇلاردىن قورقمايمىز. جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدۇ، قەتئىي تەۋرەنمەي دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدۇ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىز دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى پائال ئورتاق قۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايمىز.

مۇشۇ پەيتتە، يەنە نۇرغۇن كىشى خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ، نۇرغۇن كىشى ئامانلىقنى قوغداۋاتىدۇ، نۇرغۇن كىشى جاپالىق ئەمگەك قىلىۋاتىدۇ. كۆپچىلىك جاپا چەكتىڭلار!

بىز پەيتنى قولدىن بەرمەي، ياشلىق باھارىمىزغا يۈز كېلەلەيدىغان بولۇپ، 2020 - يىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالايلى.

كۆپچىلىكنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن!