ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

چېن چۈەنگو سۆز قىلدى شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى نۇرلان ئەبىلمەجىن رىياسەتچىلىك قىلدى

日期:2020年01月01日
来源:新疆日报
【字体:

2019- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ مەرھابا مېھمانخانىسى يىغىن مەركىزىدە يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىق رەھبەرلەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرى ۋەكىللىرى بىلەن خۇشال - خۇرام جەم بولۇپ، 2020 - يىللىق يېڭى يىلنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.(مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ مەرھابا مېھمانخانىسى يىغىن مەركىزىدە يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك تەرەپلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ھەمدە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرى ۋەكىللىرى بىلەن خۇشال - خۇرام جەم بولۇپ، 2020 - يىللىق يېڭى يىلنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن چاي سۆھبىتىگە رىياسەتچىلىك قىلدى.

قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن چۈەنگو تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن سۆز قىلدى. ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىغا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلار، كادىرلار ۋە ھەر ساھە زاتلىرىغا، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلارغا، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنىدىكى كوماندىر - جەڭچىلەر، ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كەڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ھەمدە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى يولداشلارغا، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن، ياردەم بەرگەن ۋە قوللىغان بارلىق دوستلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە يېڭى يىللىق بەخت تىلىدى!

چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: 2019 - يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھات خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بايراق كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلىگەنلىكى، رولچى بولۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولغان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ شانلىق يېتەكلىشى، ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولغان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، سەمىمىي غەمخورلۇقىدىن بولغان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شەخسىيەتسىز ياردەم بەرگەنلىكى، زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىدىن بولغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، ئەسكەر، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقىدىن بولغان، شۇنداقلا بۇنىڭغا ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى ھەمدە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يۈرەك قېنى ۋە ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، كەڭ كادىرلار، ئامما، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ باشتىن - ئاخىر دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قەيسەرانە جان تىكىپ ئېلىشىپ ئىشلىشىدىن كەلگەن.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مەركەزنى چۆرىدەپ، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشتا، چارە - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشكە كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۆز قاراشقا ئىگە، سالمىقى بار، قىممىتى بار نۇرغۇن پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھاتتىكى تۈرلۈك ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. يېڭى بىر يىلدا، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى ئەمىن قىلىشنىڭ ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا بولىدىغانلىكى بارلىق كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئورتاق ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2020 - يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل. بىز «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ ياخشى پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى جەي جيەنفاڭ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئالىي مال دوختۇرى ئەيساجان ئابلا چاي سۆھبىتىدە سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى بازىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئۈرۈمچىدىكى ئاپتونوم رايونىمىزدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى قىسمەن پېشقەدەم يولداشلار چاي سۆھبىتىگە قاتناشتى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسمەن ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئۈرۈمچىدىكى قىسمەن پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ۋەكىل زاتلار، ھەرقايسى سەپتىكى ئىلغارلار، نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار چاي سۆھبىتىگە قاتناشتى.

چاي سۆھبىتىدە، ھەر مىللەت ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى.