شى جىنپىڭ بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسونارو بىلەن سۆھبەتلەشتى

日期:2019年11月14日
来源:新疆日报
【字体:

شۇ جاي ۋاقتى 11- ئاينىڭ 13- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشىلىيادا بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسونارو بىلەن سۆھبەتلەشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)


شۇ جاي ۋاقتى 11- ئاينىڭ 13- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشىلىيادا بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسونارو بىلەن سۆھبەتلەشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئالدىنقى ئايدا، زۇڭتۇڭ بولسونارو مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، بىز ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشلار پائال ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ. يېقىندىلا ئاخىرلاشقان 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە، بىرازىلىيەدىن كۆرگەزمىگە قاتناشقان تەرەپنىڭ پۈتۈشۈش سوممىسى ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن 3.6 ھەسسە ئاشتى، نەتىجىسى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە شەرقىي، غەربىي يېرىم شاردىكى ئەڭ چوڭ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەڭ دائىرىلىك ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. بىز بىرازىلىيەنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئۈمىد بىلەن قارايمىز، جۇڭگو - بىرازىلىيە ھەمكارلىقىغا تولۇپ تاشقان ئىشەنچىمىز بار، بىرازىلىيە بىلەن تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىلىنىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايمىز. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلەشنى، ياخشى يېتەكلەشنى خالايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە ھەر ئىككىلىسى چوڭ دۆلەت، ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارىلىشىشنى كۈچەيتىشى، ئۆزئارا ئىشەنچنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. بازارنى ئۆزئارا ئېچىۋېتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، تۆمۈر رۇدىسى، خام نېفىت قاتارلىق ئۇل خاراكتېرلىك مەھسۇلاتلار جەھەتتە ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇقىم، بىۋاسىتە بولغان تەمىنلەش يوللىرىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى ۋە مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئۆز دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ بىرازىلىيەنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئالاقىنى تۇتاشتۇرۇش ۋە راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللايدۇ. رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭى بىر ئەۋلاد خەۋەرلىشىش، ماتېرىيال ئىلمى، بىيوتېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىدۇ، جۇڭگو - بىرازىلىيە يەر شارى بايلىق سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئۇزاققا قالمايلا يەنە بىر قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشىنى ئالدىن تەبرىكلەيدۇ ھەم داۋاملاشما ھەمكارلىقنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىدۇ. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بىرازىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامازون يامغۇرلۇق ئورمىنىدىكى ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، بىرازىلىيە تەرەپنىڭ ئاپەتنى يېڭىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ. جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرىنىڭ يوللۇق تەرەققىيات ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بىرازىلىيە پات ئارىدا ئۆتكۈزىدىغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىنى قوللايدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، ئۇچرىشىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

بولسونارو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا مەن جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، بىز بىرازىلىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا نۇرغۇن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق، مەن بىرازىلىيە تەرەپتىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشى توغرىسىدا يوليورۇق بەردىم. جۇڭگو دۇنيادىكى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ دۆلەت، بىرازىلىيەنىڭ 1- چوڭ سودا ھەمراھى. بىرازىلىيە خەلقىدە جۇڭگو خەلقىگە نىسبەتەن قايىل بولۇش، ھۆرمەتلەش ۋە دوستانە ئۆتۈش ھېسسىياتى بار، بىرازىلىيە - جۇڭگو ھەمكارلىقى بىرازىلىيەنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا نىسبەتەن كۈنسېرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇۋاتىدۇ. بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگو ئىقتىساد جەھەتتە ئىنتايىن كۈچلۈك ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىققا ئىگە، ھەمكارلىق ساھەسى كۈنسېرى كېڭىيىۋاتىدۇ. بىرازىلىيە تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بىرازىلىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە تۆمۈر رۇدىسى، نېفىت - تەبىئىي گاز قاتارلىق ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ. بىرازىلىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ بازارنى ئېچىۋېتىشى ئېلىپ كەلگەن مۇھىم پۇرسەتكە ئېتىبار بىلەن قارايدۇ، ئىككى تەرەپلىك سودىنى كېڭەيتىپ، بىرازىلىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگوغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىرازىلىيە تەرەپمۇ جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرازىلىيەگە كىرىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشنى خالايدۇ. بىرازىلىيە تەرەپ قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئىككى تەرەپ خادىملىرىنىڭ ئالاقىلىشىشى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئامازون يامغۇرلۇق ئورمىنى مەسىلىسىدە بىرازىلىيە تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگو تەرەپ بىلەن جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش مەسىلىسىدە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايمەن. جۇڭگو تەرەپنىڭ بىرازىلىيە تەرەپ ئۆتكۈزىدىغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان ماسلاشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۇچرىشىشنىڭ ئاكتىپ نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

بولسونارو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ بىرازىلىيەگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە دوستلۇقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. بىرازىلىيە كەلگۈسى نۇقتىدىن جۇڭگو بىلەن كەڭ ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى ھەم كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشىغا گۇۋاھ بولدى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.