شى جىنپىڭ گىرېتسىيە زۇڭلىسى مىتسوتاكىس بىلەن بىرلىكتە جۇڭيۈەن دېڭىز تىرانسپورتىنىڭ پىرائېئۇس پورتى تۈرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

日期:2019年11月13日
来源:新疆日报
【字体:

شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن گىرېتسىيە زۇڭلىسى مىتسوتاكىس ئەر - ئايالنىڭ ھەمراھلىقىدا، جۇڭيۈەن دېڭىز تىرانسپورتىنىڭ پىرائېئۇس پورتى تۈرىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ شۇ جايدىكى خادىملار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۈەنچى فوتوسى)


شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن گىرېتسىيە زۇڭلىسى مىتسوتاكىس ئەر - ئايالنىڭ ھەمراھلىقىدا، جۇڭيۈەن دېڭىز تىرانسپورتىنىڭ پىرائېئۇس پورتى تۈرىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن يېتىپ بارغاندا، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك خادىملار جۇڭگو - گىرېتسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، قىزغىن قارشى ئالدى.

ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى بىرلىكتە پورتنىڭ تىجارەت ۋە تەرەققىيات يىرىك پىلانى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئارقىدىن ئۆگزە سۇپىسىغا كېلىپ، پۈتۈن پورتقا يىراقتىن نەزەر سالدى. پىرېستاندا ئالدىراش ئەمما تەرتىپلىك، ئاۋات مەنزىرە نامايان بولۇپ تۇراتتى. چوڭ تىپتىكى يۈك پاراخوتلىرى پورتتا توختىغان بولۇپ، كونتېينېرلار قاتار - قاتار رەتلىك تىزىلغانىدى، كىرانلار ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، لىق يۈك بېسىلغان «جۇڭگو - ياۋروپا قۇرۇقلۇق - دېڭىز تېز لىنىيەسى» نۆۋەتچى پويىزى يولغا چىقىشقا ھازىرلانغانىدى.

شى جىنپىڭ شۇ جايدىكى خادىملار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى. خادىملار بەس - بەستە، جۇڭيۈەن دېڭىز تىرانسپورتى گۇرۇھىنىڭ گىرېتسىيە قەرز كىرىزىسىنىڭ ئەڭ مۈشكۈل ۋاقتىدا ئۆزلىرىنى خىزمەت پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى. ھازىر ئۇلارنىڭ خىزمىتى مۇقىم، تۇرمۇشى كۆڭۈللۈك ئىكەن. پىرائېئۇس پورتى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ مۇھىم نەتىجىسىگە ئايلىنىپتۇ، ئۇلار بۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىدىكەن ۋە پەخىرلىنىدىكەن، پىرائېئۇس پورتىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىشەنچكە تولۇپتۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: پىرائېئۇس پورتىغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا. بۈگۈن مەن بۇ يەردە، جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ شوئار ۋە رىۋايەت ئەمەس، بەلكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەت ۋە قالتىس رېئاللىق ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرىدۇ، بىرىنىڭلا دېگىنى ھېساب بولماستىن، بەلكى كۆپچىلىك مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىسىگە ئالىدۇ، نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىدۇ. جۇڭگو تاشقى ئالاقىدە توغرا ھەققانىيەت - مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرىدۇ. مەن شۇنى ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن بىلدىمكى، سىلەر قىيىن ئەھۋالدا قالغان ۋاقىتتا، جۇڭيۈەن دېڭىز تىرانسپورتىنىڭ پىرائېئۇس پورتى تۈرى سىلەرگە ياردەم بېرىپتۇ. سىلەر پىرائېئۇس پورتىنى ياخشى قۇرساڭلار، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىلىرى ۋە تۆھپىكارلىرى بولىسىلەر. خىزمىتىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق، تۇرمۇشۇڭلارنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پىرائېئۇس پورتى تۈرى جۇڭگو - گىرېتسىيە ئىككى تەرەپنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، كۈچلۈكلەر بىرلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىسى. ئىككى تەرەپنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، پورتنىڭ كېيىنكى قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىنى ياخشى قىلىپ، رايون ئەشيا ئوبوروتىدىكى تارقىتىش مەركىزى بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا قۇرۇقلۇق - دېڭىز تېز لىنىيەسىنى ياخشى بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، پىرائېئۇس پورتىنىڭ ئىستىقبالى چەكسىز، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى چوقۇم ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىككى دۆلەت ھەم رايون خەلقىگە مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ. جۇڭگو - گىرېتسىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى ئەلا نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە تىلەكداشمەن.

مىتسوتاكىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گىرېتسىيە قەرز كىرىزىسىگە پېتىپ قالغان مەزگىلدە، جۇڭگو گىرېتسىيە خەلقىگە ياردەم بەردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پىرائېئۇس پورتى تۈرى ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، گىرېتسىيە ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، بۇ، گىرېتسىيە دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، گىرېتسىيە خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. گىرېتسىيە تەرەپمۇ بۇنىڭدىن «دوست» دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. گىرېتسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، پىرائېئۇس پورتى تۈرىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، ئۇنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

پىرائېئۇس پورتى گىرېتسىيەدىكى ئەڭ چوڭ پورت بولۇپ، ئافېنانىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن ئون كىلومېتىر كېلىدىغان ئورۇنغا جايلاشقان. 2016 - يىلى، جۇڭيۈەن دېڭىز تىرانسپورت گۇرۇھى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پىرائېئۇس پورتىنىڭ پورت ئىشلىرى ئىدارىسىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش تۈرىگە خېرىدار بولۇپ، رەسمىي ھالدا پورت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ پېيىنى كونترول قىلغان پايچىكىگە ئايلاندى ھەم تىجارەت - باشقۇرۇشنى ئۆتكۈزۈۋالدى، نۆۋەتتە بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ھالدا شۇ جايدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە ئىش ئورنى يارىتىپ بەردى. بۇ پورت ھازىر ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىكى ئەڭ چوڭ پورت ۋە پۈتۈن يەر شارىدىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولۇۋاتقان كونتېينېر پىرېستانلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.