جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش مۇراسىمى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

日期:2019年09月30日
来源:新疆日报
【字体:

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش مۇراسىمى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن، مېدال بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

9- ئاينىڭ 29- كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش مۇراسىمى بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن، مېدال بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

9- ئاينىڭ 29- كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش مۇراسىمى بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر بىلەن سۈرەتكە چۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى)


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارزۇۋ ۋېي، خۇاڭ يۆ) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش مۇراسىمى 9- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكەنلەرگە ئوردېن، مېدال بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قەھرىمانلارنى قەدىرلىگەندىلا ئاندىن قەھرىمانلار مەيدانغا كېلىدۇ، قەھرىمانلاردىن بولۇشقا تىرىشقاندىلا ئاندىن قەھرىمانلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىدۇ. قەھرىمان نەمۇنىچىلار ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇلۇغ نەتىجىنىڭ ئادەتتىكى ئىشتىن باشلىنىدىغانلىقىنى، ئاددىي ئىشلارنىڭ ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. پەقەت قەتئىي غايە - ئېتىقاد، بوشاشماي كۈرەش قىلىش روھى بولسىلا، ھەربىر ئاددىي ئىشنى پۇختا ياخشى قىلسىلا، بارلىق ئاددىي كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قالتىس كىشىلىك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ، بارلىق ئاددىي خىزمەتلەردە قالتىس نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بارلىق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى داۋاملىق كۈرەش قىلىشنىڭ نەتىجىسى، بارلىق ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش داۋامىدا ئالغا سىلجىتىشقا ئېھتىياجلىق. يېڭى دەۋر مۇقەررەركى، پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە دەۋر. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق قەھرىمان نەمۇنىچىلارغا ئوخشاش قەتئىي بولۇپ، قەھرىمان نەمۇنىچىلارغا ئوخشاش كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەيۋەتلىك زەپەر مارشىنى ئورتاق پۈتۈشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

سائەت 9لاردا، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر كوللېكتىپ ھالدا مېھمان كۈتۈش ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ تۇرار جايىدىن يولغا چىقتى، دۆلەت مېھمانلىرىنى قوغداش قاراۋۇللار ئەترىتى مۇھاپىزەت قىلىپ خەلق سارىيىغا ماڭدى. خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدا، قىزىل بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرغان ھۆرمەت قاراۋۇللىرى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپ بولۇپ تۇراتتى، قوراللىق ھۆرمەت قاراۋۇللىرى پەلەمپەيدە ھەيۋەت بىلەن تۇراتتى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر قىزىل پايانداز سېلىنغان پەلەمپەيدىن چىقىپ، خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىغا كىردى. پارتىيە ۋە دۆلەت تۆھپە، شەرەپنى تەقدىرلەش خىزمەت كومىتېتىدىكى رەھبىرىي يولداشلار بۇ يەردە ئۇلارنى كوللېكتىپ كۈتۈۋالدى.

خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا، كەيپىيات قىزغىن، ھەيۋەتلىك ئىدى. چوڭ قىزىل رەڭلىك ئارقا كۆرۈنۈش تاختىسىدا، جۇمھۇرىيەت ئوردېنى، دوستلۇق ئوردېنى، دۆلەت شەرىپى نامى مېدالىنىڭ سۈرىتى كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى. ئارقا كۆرۈنۈش تاختىسىنىڭ ئالدىدا، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان 18 دانە بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە تىزىلغانىدى، ئازادلىق ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنىڭ 18 نەپەر قەددى - قامەتلىك ھۆرمەت قاراۋۇلى قەددىنى رۇسلاپ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش سۇپىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە مىلتىق تۇتۇپ تىك تۇراتتى.

سائەت 9دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر بىلەن بىللە يىغىن مەيدانىغا كىردى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

سائەت دەل 10دا، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش مۇراسىمى باشلاندى. ئازادلىق ئارمىيە ھەربىي ئوركېستىرى «پىدائىيلار مارشى»نى ئورۇنلىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.

ۋاڭ خۇنىڭ شى جىنپىڭ ئىمزا قويغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانىنى ئوقۇدى. رەئىس پەرمانىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش، يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەرنى داغدۇغىلىق تەقدىرلەش، مىللىي روھ ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 13- قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، يۈ مىن قاتارلىق سەككىز كىشىگە جۇمھۇرىيەت ئوردېنى بېرىلدى، رائۇل كاسترو رۇز قاتارلىق ئالتە كىشىگە دوستلۇق ئوردېنى بېرىلدى، يې پېيجيەن قاتارلىق 28 كىشىگە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى.

ئىككى نەپەر بايراق قوغدىغۇچى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۈچ نەپەر ھۆرمەت قاراۋۇلى قولىدا جۇمھۇرىيەت ئوردېنى، دوستلۇق ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى مېدالىنى كۆتۈرۈپ، مەردانە قەدەملەر بىلەن، مۇراسىم مەيدانىغا كىرىپ كەلدى.

ھەيۋەتلىك، جۇشقۇن «ۋەتەنگە ئېھتىرام» مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە بىر - بىرلەپ ئوردېن، مېدال بەردى ھەم ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمەي ياڭرىدى. پىيونېرلار تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەرگە چىرايلىق گۈللەرنى تەقدىم قىلىپ، سالام بېرىپ ھۆرمەت بىلدۈردى.

پۈتۈن مەيداندىكى قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، بۈگۈن جۇمھۇرىيەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكەن قەھرىمان نەمۇنىچىلار، دوستلۇق ئوردېنىغا ئېرىشكەن خەلقئارادىكى دوستلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۈگۈن تەقدىرلەنگەن دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان كۆزگە كۆرۈنگەن مىليونلىغان زاتلارنىڭ ۋەكىلى. ئۇلارنىڭ جىسمىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ روھى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى جانلىق گەۋدىلەنگەن، ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە تۆھپىسى جۇمھۇرىيەتنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە مەڭگۈلۈك پۈتۈلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئەزەلدىن قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى تەقدىرلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. بۈگۈن بىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى تەقدىرلىشىمىز، مۇكاپاتلىشىمىز، دەل ئۇلارنىڭ جىسمىدا نامايان بولغان سادىق بولۇش، قەيسەر بولۇش، ئاددىي - ساددا بولۇشتەك روشەن پەزىلەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈندۇر. قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا قەتئىي ئىرادىسىنى ساقلاپ، قەيسەر بولۇپ، ھەممىسى پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشتى، ھەممىسى ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلىپ، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلىدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن يولداشنىڭ ھەممىسى نام - شەرىپىنى يوشۇرۇپ، يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالغان ئىشلارنى قىلغان تىپلار بولۇپ، بىر خىل ئۇلۇغ ئۆزىنى ئۇنتۇش مەنزىلىنى نامايان قىلدى. تەقدىرلەشكە ئېرىشكەن يولداشلارنىڭ شەرەپنى قەدىرلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قىلىپ، مۇستەھكەم ئېتىقادى، غايىسى، ئىشەنچى بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تەسىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر قەھرىمان نەمۇنىچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، كۆيۈنۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەش، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۈگۈن، تەقدىرلەشكە ئېرىشكەنلەردىن يەنە ئۇزاق مۇددەت بىزنى قوللىغان ۋە بىزگە ياردەم بەرگەن جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستلىرى، ياخشى دوستلىرى بار. بىز ئۇلارنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىگە چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. جۇڭگو خەلقى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، بىزنىڭ بۇ پىلانېتىمىزنى بارغانسېرى گۈزەللەشتۈرۈشنى خالايدۇ.

مۇراسىمدا، جۇمھۇرىيەت ئوردېنىغا ئېرىشكەن خۇاڭ شۈخۇا، دوستلۇق ئوردېنىغا ئېرىشكەن ماخا چاكرى سىرىندورن دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قىسمەن مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ قىسمەن مۇئاۋىن رەئىسلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكەنلەر ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى ۋەكىللىرى، 1- ئاۋغۇست تۆھپە ئوردېنىغا ئېرىشكۈچىلەر، مەملىكەتلىك ئىلغار نەمۇنىچى شەخسلەر ۋەكىللىرى، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ھەر ساھەدىكى كادىر، ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىق تەخمىنەن 1000 كىشى دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.